ساغلاملىق

ئاياللاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدىغان ئۇسۇللار

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە كۆپ مىقداردىكى قاننى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، ئاسانلا قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. قان ئازلىق ئۇزاق داۋاملاشسا بەدەنگە پايدىسىزدۇر. ئاياللار قان تولۇقلاپ، قان ئازلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ:

ئاياللاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدىغان ئۇسۇللار

1. قىزىل چاي

قىزىل چاينىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل بولۇپ، بەدەننى، ئاشقازاننى ئىللىتىش رولى بار. لوڭيەن قاتارلىقلار بىلەن دەملەپ ئىچكەندە، قان تولۇقلايدۇ.

ئاياللاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدىغان ئۇسۇللار

2. ئالقات

ئالقاتتا جىگەر، ئاشقازاننى قوغدايدىغان پولىساخارىد تەركىبى بار بولۇپ، ئالقاتنى مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئالقاتنى باشقا ماتېرىياللار بىلەن بىرلىكتە چاي دەملەپ ئىچكەندە قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە.

3. چىلان

چىلاننىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئادەتتە كۆپىنچە ئاياللار ئۇنى ئۇششاق يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىدۇ، ئەلۋەتتە، چايغا دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا قان تولۇقلاشتىكى ئەپچىل چارىلىرى:

ئاياللاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدىغان ئۇسۇللار

1. يېمەكلىك ئارقىلىق قان تولۇقلاش. ئادەم بەدىنى يېمەكلىك ئارقىلىق ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشكە موھتاج بولۇپ، قان تولۇقلاشنى ئويلىسىڭىز، يەنىلا يېمەكلىكتىن باشلىشىڭىز كېرەك. ئادەتتە ھايۋانات جىگىرى، پالەك، قارا پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئستېمال قىلىش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قان تولۇقلاش ئۈنۈمى بولۇپ، ئادەتتە ھوردىتىپ پىشۇرغاندا ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

2. دورا ئارقىلىق قان تولۇقلاش: جۇڭيى دورا ماتېرىيالى ۋە يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى قوشۇپ قان تولۇقلاشمۇ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. چۆل يالپۇزى (丹参)، بەيشۇ (白术)، كىرەش (当归)قاتارلىقلار كۆپ ئۇچرايدىغان قان تولۇقلاش دورا ماتېرىياللىرى بولۇپ، قارا توخو، بېلىق گۆش قاتارلىقلار بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى