ساغلاملىق

بۇ تۆت خىل يېمەكلىك چارچاش ۋە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ

ئاياللار ھەمىشە ياش تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، قېرىشتىن قورقىدۇ. بولۇپمۇ 30 ياشتىن كېيىن، قېرىش ئىپادىلىرى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ. ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قېرىشقا توغرا قارىشىڭىز كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەگەر مۇۋاپىق كۈتۈنۈشكە سەل قارالسا، قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ، بەدەننى يېمەك-ئىچمەكتىن باشلاپ تەڭشەش كېرەك. ئۇنداقتا، نېمە يېگەندە قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ؟

بۇ تۆت خىل يېمەكلىك چارچاش ۋە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ

1. ھەسەل

گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر ھەسەلنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك، ھەسەلدىن تاتلىق تۈرۈم ياسىغىلى، ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. بىز سىزنىڭ قېنىق رەڭلىك ھەسەل ئىستېمال قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى قېنىق رەڭلىك ھەسەلنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنى ياخشى قوغداپ، قاننى ساپلاشتۇرۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ھەسەل ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تېخىمۇ ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىپ، تېرە يۈزىدىكى باكتېرىيەلەرنى يوقىتىپ، تېرىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ تۆت خىل يېمەكلىك چارچاش ۋە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ

2. قارا كۈنجۈت

كۆپىنچىمىز قارا كۈنجۈتنى چاچنى قارايتىش ئۈچۈن يەيمىز دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە قېرىشقا قارشى تۇرۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، ئۇنى يېيىش ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، قارا كۈنجۈتتە ۋىتامىن E بار بولۇپ، بۇ ئەركىن رادىكاللارنى تورمۇزلاپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئاقسىل، تۆمۈر ئېلېمېنتى، ۋىتامىنلار تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئادەمنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ.

بۇ تۆت خىل يېمەكلىك چارچاش ۋە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ

3. كۆممىقوناق

كۆممىقوناق دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ساغلام يېمەكلىك ماتېرىيالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى، ۋىتامىن B ناھايىتى مول بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. كۆممىقوناقنى ئىستېمال قىلغاندا قاندىكى ماي، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى، قاننى تېخىمۇ پاكىزلىغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تېرىنى تەبىئىي ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ تۆت خىل يېمەكلىك چارچاش ۋە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ

4. سالمون بېلىقى

ئادەتتە بېلىق يەپ تۇرۇش ياخشى ئادەت، بولۇپمۇ چوڭقۇر دېڭىز بېلىقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى. سالمون بېلىقى كۆپ ئۇچرايدىغان چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى ئىچىدىكى سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولغان بېلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەركىبىدە ئاستاكسانتىن بار، بۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېئاكتىپلار قېرىشقا قارشى تۇرۇپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، ھېرىپ-چارچاشنى تۈگىتىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر ھەپتىدە سالمون بېلىقى يېيىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىم ئەتراپىدا بولسا، تېرىنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى