ساغلاملىق

25 ياشتىن كېيىنلا قېرىشقا قارشى تۇرۇشنى باشلاش كېرەك

ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەيدىغان تىمۇس ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يىلىغا %0.8 ~% 0.9 لىك سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. 80-90 ياشقا كەلگەندە ئاجرىلىپ چىقىشى تۈگەيدۇ. باشقا توقۇلما ئەزالار يېتىلىش يۇقىرى پەللىسى (ئايال 21، ئەر 24 ياش) دىن باشلىنىپ، ھەر يىلى %1 لىك سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ.

25 ياشتىن كېيىنلا قېرىشقا قارشى تۇرۇشنى باشلاش كېرەك

يېتىلىش يۇقىرى نۇقتىسى 20~30 ياشتىن كېيىن، بۇ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئانالىز كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، سىجىل تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. سىز 50 ياشقا كىرگەندە، قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، شۇڭا سىز مەلۇم ۋاقىتتا تۇيۇقسىز قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز.

25 ياشتىن كېيىنلا قېرىشقا قارشى تۇرۇشنى باشلاش كېرەك

شۇڭا، كېسەلگە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 40 ياشتىن باشلىنىشى كېرەك، بۇ چاغدا بەدەندىكى ئەزالار تېخى قېرىمىغان بولۇپ، پەقەت مۇۋاپىق ساغلاملىقلا بولسا، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

چىش، چاچ، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، قورۇق ۋە داغ پەيدا بولۇش… ئەگەر بۇ تاشقى ئىپادىلەر ئىپادىلەنسە، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەمەلىيەتتە سەل كېچىكىپ قالغان بولىسىز. قېرىشقا قارشى تۇرۇشتا، تۆۋەندىكى ئالتە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

1. ھەرىكەت ئاز بولسا بولمايدۇ

ھەرىكەت ھەقىقەتەن ئاز بولسا بولمايدۇ! مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرغىلى، ئۆپكىدە ئوكسىگېن تولۇقلىغىلى بولىدۇ، يۈرەكتە يېتەرلىك كۈچ بولسا، ئوكسىگېن قان تومۇردىن ئۆتۈپ، پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈلۈپ، بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، مانا بۇ ئىچكى ئەزالارنى ياخشى ساقلاشتىكى مەخپىيەتلىكتۇر.

مۇۋاپىق ھەرىكەت پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارغا پايدىلىق. چوڭ مېڭىنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.

چېنىقىش ئېلىپ كەلگەن تاشقى پايدا ئادەمنى ياش كۆرسىتىش، ھەرىكەت قىلغانلار يول ماڭغاندا ھاسىراپ كەتمەيدۇ.

لېكىن تۇرمۇشتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياخشى چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەن. چېنىقىش قانۇنىيەتلىك، كۈچىنىش يېتەرلىك بولمىسا، ياخشى چېنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

25 ياشتىن كېيىنلا قېرىشقا قارشى تۇرۇشنى باشلاش كېرەك

2. ئىشتىھاسى ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ

ياخشى نەرسىنى تاپقاندا بولۇشىغا يەيدىغان بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى قوللانساق بولمايدۇ. يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىغا چەك قويۇلۇشى كېرەك.

خاڭجۇ دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى خۇاڭ شياڭروڭ 2015-يىلى چيەن جياڭ كەچلىك گېزىتىگە، يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندىكى ھەزىم قىلىش، ماددا ئالمىشىش ۋە ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسىدە زىيانلىق بىرىكمە ئەركىن رادىكال ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىنىڭ زەخىملىنىشى، قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيە قانچە كۆپ بولسا، ئەركىن رادىكاللار شۇنچە كۆپ ھاسىل بولىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىش دەرىجىسى شۇنچە تېز بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتە يەتتە ئۈلۈش، سەككىز ئۈلۈش تويغىچە يېيىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

25 ياشتىن كېيىنلا قېرىشقا قارشى تۇرۇشنى باشلاش كېرەك

3. تۈنەشكە بولمايدۇ

كېچىدە ياخشى ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ مەيلى سالامەتلىك ئەھۋالى ياكى روھىي ھالىتى بولسۇن، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز قېرىپ كېتىدۇ. جوڭدا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى جۇڭگو تېبابىتى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ليۇ جىگاڭ 2017-يىلى ساغلاملىق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق ئەزالارنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، بەلكىم بۇنىڭ تەسىرىنى 20 ياشتا بىلگىلى بولماسلىقى مۇمكىن، 30 ياشقا كىرگەندىمۇ ئېنىق بولمايدۇ، 40 ياشقا كىرگەندە بىلىنىشكە باشلايدۇ، بۇ تەسىرى چوڭقۇر بولغان «ئىچكى زەخىم»دۇر.

تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. جاۋىغاي يارىسى، ئاسان زۇكام بولۇپ قېلىش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلېكىنىڭ سىگنالى؛ تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق بىلىش، ئەستە ساقلاش، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

25 ياشتىن كېيىنلا قېرىشقا قارشى تۇرۇشنى باشلاش كېرەك

4. ئېغىر تەمدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ

بەك تاتلىق، بەك تۇزلۇق يېمەكلىكلەر سىزنى باشقىلارغا قارىغاندا تېز قېرىتىۋېتىدۇ. فوشەن جۇڭيى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى جۇڭ ۋېيخۇڭ ساغلاملىق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۇز بەدەندىكى ناترىي ئىئونىنى كۆپەيتىپ، يۈز ھۈجەيرىسىنىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شېكەرنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى «گلىكوزىللىشىش» رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە ياللۇغى، تېرە بوشىشىش، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەك-ئىچمەك ئادەمنى سەمىرتىپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل.

5. روھىي ھالەت ياخشى بولۇشى كېرەك

مۇزىكىلىق تىياتىردا بىر كېچىدە چېچى بېشى ئاقارغان كۆرۈنۈش بار، بۇ گەرچە مۇبالىغە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كەيپىيات، روھىي ھالەت مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئادەمگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كونىلاردا كۆپ غەم قىلسا تېز قېرىيدۇ دېگەن گەپ بار. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جاڭ شىن 2017-يىلى ساغلاملىق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تاشقى بېسىم سەۋەبىدىن بولغان زىيادە ئەندىشە كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭە ئىچكى نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا سالىدۇ، بۇ ھەتتا نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا قايتماس زىيان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنداق كىشىلەر قارىماققا ئەمەلىي يېشىدىن تېخىمۇ قېرى كۆرۈنىدۇ.

6. تېرە ئاسراش ياخشى بولۇشى كېرەك

يۈزنى ياخشى تازىلاش تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنى قوشۇلغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ بەرگەندە ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى