ساغلاملىق

بەزى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ئەگەر راستىنلا بۇ خىل ئىپادە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ بەلكىم بەدەن چىقارغان سىگنال بولۇشى مۇمكىن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ناچار ئادەتلەر كۆپ بولسا، بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئادەم بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قانداق يامان ئادەتلەر ئاسانلا بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئادەمنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ؟

بەزى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

1. تۈنەش

ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىسا، دائىم تۈنىسە، ئادەم بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇزاق ۋاقىت تۈنىگەندە بەدەن ياخشى ئارام ئالالماي، ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش، ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا بەدەندىكى ئەخلەت-تاشلاندۇقلارنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇمۇ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزۈپ، بەدەندە ناچار ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، قېرىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىپ، بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈنەشتەك ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

2. تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەسلىك

بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشتەك بۇ خىل ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بەلكىم دائىم ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ، ھەرىكەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ھەرىكەت قېرىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر يىل بويى ھەرىكەت قىلمايدۇ، ھەرىكەت مىقدارى كەمچىل بولغاندا بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتى بىلەن قارشىلىشىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ياش، ساغلام ھالەتنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

3. كەيپىياتى پاسسىپ بولۇش

دائىم كەيپىياتى پاسسىپ بولسا، بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشى چوڭ بولغان ئەھۋالدا ئاسانلا ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزاق ۋاقىت كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشى يەنە بەزى ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى يامان ئادەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، دائىم كەيپىياتنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن تەن ساغلاملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

4. خاتا يېمەك-ئىچمەك

بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چوڭ بولغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشى ئاساسلىقى ئادەتتىكى خاتا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر دائىم يۇقىرى قەنت تەركىبلىك يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنسا، بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن، باشقا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئەخلەت يېمەكلىكلەر زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق.

بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مايسىز، ساغلام بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئەتراپلىق ئېرىشىش كېرەك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، سالامەتلىككە پايدىسىز يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

بەزى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

5. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش

تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش نۇرغۇن كىشىلەردە بار بولغان يامان ئادەت، ئۇزۇن ۋاقىت تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشمۇ ئوخشاشلا بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، ئادەمنى بارغانسېرى سەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئەگەر تاماكىدىن يىراق تۇرسا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا يەنە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھاراق ئىچمىسە، بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بەدەن ساغلام بولغاندا ياشلىق ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى