ساغلاملىق

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

ئادەم كىشىلىك ھاياتتىكى كۆڭۈلسىزلىكنىمۇ ئۆزى تاپىدۇ، خۇشاللىقنىمۇ ئۆزى تاپىدۇ. ياشانغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياخشى بولغان ساغلاملىق ئادىتىنى ساقلاشقا دىققەت قىلسا، گەرچە يېشى چوڭ بولسىمۇ، بەدىنى يەنىلا ياخشى تۇرىدۇ.

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

بەزى ساغلام ياشانغانلار گەرچە يېشى چوڭلاپ 80 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن 60 ياشتىكى بەدەن شەكلى، 40 ياشتىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە 20 ياشتىكى روھىي ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ ئامىللار ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى مۇھىم ھالقا.

ساغلاملىقنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن، ياشانغانلارنىڭ تۆۋەندىكى ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىنى ۋە ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

دائىم كاللا ئىشلىتىش

چوڭ مېڭە ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى نورمال بولغاچقا، كىشىلەر كۈندىلىك تەپەككۇر پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ.

باشقا ئەزالارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، چوڭ مېڭە قانچە ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە جانلىق بولىدۇ، دەل كۆپ كاللا ئىشلىتىپ، كۆپ تەپەككۇر قىلغاندىلا، چوڭ مېڭە تەپەككۇرى ئۆتكۈر، ئىنكاسى جانلىق بولغان ئىقتىدار ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇزاق مۇددەت تەپەككۇر قىلىش كەمچىل بولغانلىقتىن ئىنكاسى ئاستا بولىدۇ.

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە بۆلۈنىدۇ، سول تەرەپ ئابستراكت تەپەككۇر قىلىدۇ، ئوڭ تەرەپ ئوبرازلىق تەپەككۇرغا مەسئۇل بولىدۇ.

كىشىلەر ئادەتتە ئۆگىنىش، خىزمەتتە سول مېڭىنى ئىشلىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چارچاشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ چاغدا ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، گۈل-گىياھلارنى كۆرۈش ياكى رەسىم ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سول تەرەپنى ئارام ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق مۇۋاپىق تەڭشەشلەرنى قىلىپ بەرگەندە، چوڭ مېڭە ئارام ئېلىپ، ياخشى ئىقتىدار ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ.

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

يېتەرلىك سۇ ئىچىش

نۇرغۇن ياشانغانلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۇ ئىچمەيدۇ، ئاغزى قۇرىمىسا ئىچمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئۇسسىماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلار بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇسىزلىنىشقا كۆنۈپ قالغان، ئەگەر سۇنى ۋاقتىدا تولۇقلىمىسا، ئورگانىزمنىڭ ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى زىيانغا ئۇچراش، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرىلاش قاتارلىق سالامەتلىككە تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك سىگناللار پەيدا بولىدۇ.

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

سۇ قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، بەدەندىكى توكسىننى چىقىرىشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلاپ، بەدەندىكى سۇنىڭ «كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى»نى ساقلاش كېرەك.

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

كۆپ ھەرىكەت قىلىش

ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىخەتەرلىكنى ھەم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنى تۇرمۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساسلىق دەرس قاتارىدا تاماملاش كېرەك. مەيدان چەكلىك بولغاندا، ئورنىدا تۇرۇپ مېڭىش ياكى كارىۋاتتا يېتىپ ھەرىكەت قىلىپ، ھەر قايسى بوغۇملارنى سوزۇشقا بولىدۇ.

تەنھەرىكەت مەيدانى كەڭ بولغاندا سەيلە قىلىش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ.

قانداق كىشىلەر ئاسان قېرىمايدۇ؟

ھەرىكەت قىلغاندا پۇت-قولنىڭ ماسلىشىشىغا دىققەت قىلىپ، بەلگىلىك رېتىمنى ساقلاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەم بەدەننى چېنىقتۇرغىلى، ھەم چوڭ مېڭىنى ئىشلىتىپ، ئورگانىزمنىڭ ماسلىشىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆز ھەرىكىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار