ساغلاملىق

تېرە قانچە قارا بولسا شۇنچە ساغلام بولامدۇ؟

تېرە قانچە قارا بولسا شۇنچە ساغلام بولامدۇ؟

بىز تۆۋەندە ھەرخىل تېرە توغرىسىدىكى بىلىملەرگە سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە جاۋاب بېرىمىز.

1. تېرە قارىراق بولسا تېخىمۇ ساغلام بولامدۇ؟

قارامتۇل تېرىدىكى قارا پىگمېنتنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، چىدامچانلىقى ياخشى، ئاپتاپتا ئاسانلا كۆيۈپ قارىداپ كەتمەيدۇ، ياللۇغلانغاندىن كېيىن قېلىپ قالغان پىگمېنتنىڭ چۆكۈشى ئاستا بولىدۇ.

2. نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ئۇپا تەگلىكى سۇيۇقلۇقى بىلەن گىرىم قىلسا، چىرايى بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىدۇ؟

ئۇپا تەگلىكى سۇيۇقلۇقى فىزىكىلىق تەركىبلەر ۋە خىمىيەلىك تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تېرىنى قاپلاش ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىغا، بىر قەدەر كۈچلۈك يېپىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئۇپا تەگلىكى سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار تېرىسىنى چوقۇم ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، ئۇپا تەگلىكى سۇيۇقلۇقىنىڭ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېرىنى ئەستايىدىل تازىلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ئۇپا تەگلىكى سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش بىلەن چىرايىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مۇقەررەر باغلىنىشىلىق بولمايدۇ.

3. چۈشتىن كېيىن يۈزۈمدىن نېمە ئۈچۈن ماي چىقىدۇ؟ قانداق قىلىش كېرەك؟

چۈشتىن كېيىن ئالاھىدە ماي چىقىش سەۋەبى چۈشتىن كېيىنكى تېمپېراتۇرىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا چۈشتىن بۇرۇنقى جىددىي خىزمەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

4. قانداق قىلىپ تېرىنىڭ قېرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ؟

تېرىنىڭ دەرىجىسىنى ئىچكى مەنبەلىك، تاشقى مەنبەلىك ئورتاق بەلگىلەيدۇ، ئىچكى مەنبەلىك ئىرسىيەت، ئىچكى ئاجراتما قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاشقى مەنبەلىك بولۇشنى ئاساسلىقى مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ يورۇتۇش، مۇھىت بۇلغىنىش، ھاۋا قۇرغاق بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە تېرىنىڭ قېرىشىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

5.باھاردا قانداق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ؟

گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاشتىمۇ پەسىلگە قاراپ تاللاش كېرەك، باھار پەسلىدە شامال كۆپ چىقىدۇ، ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، نەملىك ساقلاش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاشقا ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەتىيازنىڭ ئاخىرى، يازنىڭ باشلىرىدا ئولتۇرا بىنەپشەنۇر يىل بويى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، دوستلارغا كۈندۈزى سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىپ، كۈن نۇرىدىن بولىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىمىز.

6. تېرەمدىن ئاسان ماي چىقىدۇ، لېكىن يەنە بەزىدە قۇرغاق بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭدا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئارىلاشما تۈرىدىكى تېرە دەل مۇشۇنداق. يۈزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى مايسىمان رايون بولۇپ، ئىككى مەڭزى قۇرغاق بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

7. گىرىم بۇيۇملىرى قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

گىرىم بۇيۇملىرى قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ تېرىسىگە، ئىقتىسادىي شارائىتىغا ماس كەلسە، ئاندىن ياخشى بولىدۇ .

8. قارا پىگمېنتنى قانداق ئازايتىش كېرەك؟

قارا پىگمېنت تېرىنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك ئاپتاپ ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پەقەت تېرە رەڭگى تەكشى بولسىلا، ساغلام تېرە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قارا پىگمېنتنى قەستەن ئازايتىش ھاجەتسىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى