ساغلاملىق

بۇ ھەرىكەت ئاددىي بولغان بىلەن ئۈنۈمى بەك قالتىس

پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ:

پۇت ئۇچىدا دەسسەپ تۇرغاندا، ئىككى تەرەپ پاقالچاقنىڭ ئارقا قىسمىدىكى مۇسكۇللار ھەر قېتىم قىسقارغاندا چىققان قان مىقدارى يۈرەك تومۇرىنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىغا ئاساسەن تەڭ بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ يۈرەك رىتىمىنى مىنۇتىغا 150 قېتىم ئەتراپىدا ساقلاپ، قاننى يۈرەك مۇسكۇلىغا يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىتىپلا قالماستىن، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش ھەرىكىتى يەنە پۇت قولدىكى مۇسكۇللارنى ۋە مېڭىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدىغان، مېڭىسى قېيىپ كېتىدىغان ئىللەتلەرنى تۈگىتىدۇ.

پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش پاقالچاق مۇسكۇلى ۋە ئوشۇقىنى چېنىقتۇرۇپ، ۋېنالارنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوشۇق بوغۇمىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ.

پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش تىزنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلايدۇ، بۇ نۇرغۇن تىز بوغۇمى ياخشى بولمىغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى.

بۇ ھەرىكەت ئاددىي بولغان بىلەن ئۈنۈمى بەك قالتىس

1. خامۇشلۇققا قارشى تۇرۇش

خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، مۇزەككەر قۇۋۋەتنىڭ مېڭىنى يېتەرلىك قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكىدىن، مېڭىدىكى قان ۋە ھاۋانىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن بولغان. پۇت ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش مۇزەككەر قۇۋۋەتنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ قاننى باشقا يەتكۈزىدۇ.

2. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش

بۆرەك قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەردە كۆپ ھاللاردا سوغۇقتىن قورقۇش، ئۆكچە سوغۇقتىن ئاغرىش، پۇت-قوللىرى ئىششىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. پۇت ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بۆرەككە بولغان پايدىلىق تەسىرى كۆرىنەرلىك.

بۇ ھەرىكەت ئاددىي بولغان بىلەن ئۈنۈمى بەك قالتىس

3. بەل ئاغرىقىنى داۋالاش

شامال، سوغۇق، ھۆللۈك ئىللەتلىرى دوۋساق تومۇرلىرىغا كىرىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، دوۋساق تومۇرىنى غىدىقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەل ئاغرىش، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، ئارقا باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

4. كىچىك تەرەتنىڭ راۋان بولماسلىقىنى داۋالاش

ئەرلەردە كىچىك تەرەتنىڭ راۋان بولماسلىقى، غەرب تېبابىتىدە مەزى بېزى كېسەللىكى دەپ قارىلىدۇ، مەسىلەن، مەزى بېزى يوغىناش، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار. جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ دوۋسۇندىكى يەلنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدۇ. ئۆكچىنى غىدىقلاش مەزى بېزى كېسىلىنى داۋالايدىغان ياخشى ئۇسۇل.

بۇ ھەرىكەت ئاددىي بولغان بىلەن ئۈنۈمى بەك قالتىس

ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار پۇت ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش ھەرىكىتى قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

پۇت ئۇچىدا مېڭىشنىڭ پۈتۈن بەدەنگە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى، يۇقىرى قان بېسىمى بار، سۆڭەك ماددىسى شالاڭلاشقان ئوتتۇرا ياش، ياشانغان دوستلار يەنىلا يېنىكلىك بىلەن سىناپ باقماسلىقى، كۈتۈلمىگەن زەخىمدىن ساقلىنىشى كېرەك.

پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇشتا بەك كۈچەپ كەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئۆكچە ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئاغرىق پەيدا قىلسا ئەنسىرىمەڭ، بىر نەچچە كۈن ئارام ئېلىڭ، پۇتىڭىزنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بېرىڭ، تېزلا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

شاھمات ئويناش، قارتا ئويناش، كومپيوتېر ئويناش قاتارلىقلاردا (پۇت ئۇچىنى يەرگە تىرەش ھەرىكىتى قىلسا بولىدۇ) ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغاندا، ئەڭ ياخشىسى ھەر بىر سائەت ئەتراپىدا بىر قېتىم پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش ھەرىكىتى قىلىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن پۇتتىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋانلىشىدۇ.

بۇ ھەرىكەت ئاددىي بولغان بىلەن ئۈنۈمى بەك قالتىس

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى