ساغلاملىق

سىياداندىن مۇنداق پايدىلىنىڭ

سىياداندىن مۇنداق پايدىلىنىڭ

سىيادان يىغىنى قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىستېمال قىلغاندا ئاق كېسەل، چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ، سۈت كەلتۈرىدۇ، سىرتتىن سۈركىگەندە پەينى بوشىتىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ، پالەچ، لەقۋا، قىچىشقاقلارغا ئۈنۈم بېرىدۇ.

سىياداننى دائىم نانغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، نەپەس قىلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە جىگەر، تال كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

ھەر كۈنى ئەتىگەن ناشتىدا بەش گرامدىن سىيادان يەپ بەرسە، سۈيدۈكنى، ھەيزنى ماڭدۇرىدۇ، سۈتى كەم ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ.

سىياداننى گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئادەمنىڭ يۈزى چىرايلىق، رەڭگىنى سۈزۈك قىلىدۇ.

سىياداننى سىركە بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، ئۈچەيدىكى قۇرتنى چۈشۈرىدۇ.

سىياداننى ھەسەل سۈيى بىلەن قوشۇپ ئېستىمال قىلسا نەپەس سىقىلىشقا شىپا بولىدۇ.

سىياداننى چالا سوقۇپ، پات پات پۇراپ بەرسە، سوغۇقتىن باش ئاغرىش ۋە زۇكامغا شىپا بولىدۇ.

يەتتە دانە سىياداننى ئانار سۈيىگە چىلاپ، بىرەر سائەتتىن كېيىن قۇرۇتۇپ، يۇمشاق ئېزىپ بۇرۇنغا تېمىتسا كۆز ئاغرىشنى ساقايتىدۇ.

سىياداننى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى بىلەن قوشۇپ قورۇپ، ئاندىن سوقۇپ مەلھەم قىلىپ بىر مەزگىل چاپسا قىرىق ياشتىن تۆۋەن تاقىرباشلارنىڭ بېشىغا چاچ چىقىرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى