يېمەك-ئىچمەك

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

يېڭى موگۇ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات بولۇپ، ئۇ ناھايىتى تەملىك بولۇپلا قالماستىن، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە ئامىنو كىسلاتاسى بار، بۇ ئوزۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىنى ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدا يەنە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن، ئۇنىڭدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى گۆش ۋە پىۋىنىڭكىدىن يۇقىرى.

يېڭى موگۇ تەبىئىي ۋىتامىن A ئامبىرى، ئۇنى دائىم يەپ بەرگەندە كۆزگە ناھايىتى پايدىلىق. تۆۋەندە تەمى مەززىلىك، قىلىش ئۇسۇلى ئاددىي بولغان ياغدا قىزارتىلغان موگۇ قىلىشنىڭ كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!

ياغدا قىزارتىلغان يېڭى موگۇ

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

ماتېرىيال تەييارلاش:

يېڭى موگۇ 400 گىرام، تۇز، تېتىتقۇ مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر تال، ئۆسۈملۈك مېيى مۇۋاپىق مىقداردا.

قەدەم باسقۇچى:

1. يېڭى موگۇنى يىلتىزىدىن ئايرىپ مۇۋاپىق قاچىغا سېلىۋالىمىز.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

2. قاچىغا مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ سۇ قۇيۇپ، موگۇنى بۇنىڭدا تەخمىنەن بىر مىنۇت تۇرغۇزىمىز.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

3. ئىلمان سۇدا چايقىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن كىچىك پارچە قىلىپ، سۈيىنى ئازراق سىقىۋېتىمىز، سۈيىنى بەك پاكىز سىقىۋېتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا موگۇنىڭ تەمىگە تەسىر يېتىدۇ.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

4. مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، تېتىتقۇ، خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزىمىز.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

5. يەنە مۇۋاپىق مىقداردا كىراخمال ئارىلاشتۇرىمىز.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

6. تۇخۇمنى تەخسىگە چېكىپ تەييارلىۋالىمىز.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

7. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ئۆسۈملۈك مېيى قويۇپ، قىزىغاندىن كېيىن تۇخۇم سۇيۇقلۇقىغا چىلانغان موگۇنى سېلىپ رەڭگى سارغايغۇچە پىشۇرىمىز.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

8. تەخسىگە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، سۈرەتكە تارتىۋېلىپ ئىستېمال قىلساقلا بولىدۇ.

ياغدا قىزارتىلغان موگۇنىڭ پايدىلىق رولى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى