يېمەك-ئىچمەك

دائىم كالا گۆشى يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار

دائىم كالا گۆشى يېيىشنىڭ 10 تۈرلۈك پايدىسى

1. كالا گۆشى تەركىبىدىكى ئىنوزىن مۇسكۇلنى، كۈچنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە پايدىلىق. بەدەن مەشىقى قىلغان دەسلەپكى نەچچە سېكۈنتتا، ئىنوزىن مۇسكۇل يېقىلغۇسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۇ ئۈچ ئادېنوزىن تولۇقلاپ، مەشىقنى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملاشتۇرالايدۇ.

2. بەدەننىڭ ئاقسىلىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشسا، يېمەكلىككە قوشۇلىدىغان ۋىتامىن B6مۇ كۆپىيىشى كېرەك. كالا گۆشى تەركىبىدە يېتەرلىك ۋىتامىن B6 بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛ كالا گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى توشقان گۆشىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر 100 گىرام كالا گۆشىدە 20 گىرامدىن ئارتۇق ئاقسىل بولىدۇ، كالا گۆشى ئاقسىلىدا زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى كۆپرەك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ تەركىبى تۆۋەن، شۇڭا سېمىز ئادەم ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، قان تومۇر قېتىشىش، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمىگە قويۇپ قويۇلغان بېلىق، چارۋا گۆشى، ئۆي قۇشلىرى گۆشى قاتارلىق گۆشلەرنى ئىشلەتكەندە، بەزىلەر دائىم ئىسسىق سۇ بىلەن ئېرىتكەندىن كېيىن دەرھال قورۇيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل ئىلمىي ئەمەس.

3. توخو، بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى بوتۇلىن ۋە ئىنوزىن مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، ئەمما كالا گۆشىدىكى مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. بوتۇلىن ئاساسلىقى ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قوللاپ، تارماق زەنجىرلىك ئامىنو كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسكۇلىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

4. كالا گۆشى تەركىبىدىكى كالىي ۋە ئاقسىل، كالىي كۆپ ساندىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە بىر قەدەر كەمچىل بولغان مىنېرال ماددا. كالىينىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن بولسا ئاقسىلنىڭ بىرىكىشى ۋە ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەپ، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

5. كالا گۆشى لىنولېئىك كىسلاتاسىنىڭ تۆۋەن ماي مەنبەسى، كالا گۆشى تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، ئەمما لىنولېئىك كىسلاتا بىلەن بىرىككەن بولۇپ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، لىنولېئىك كىسلاتانى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ قىلىپ مۇسكۇل پارچىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

6. كالا گۆشىدە سىنك، ماگنىي مول، سىنك بولسا ئاقسىل سىنتېزلاپ، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەنە بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى. سىنك گلۇتامىك كىسلاتا تۇزى ۋە ۋىتامىن B6 بىلەن ئورتاق رول ئويناپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ. ماگنىي ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى قوللاپ، مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسۇلىننىڭ سىنتېزلاپ ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

7. كالا گۆشى تەركىبىدە تۆمۈر بار، تۆمۈر قان ھاسىل قىلىشتا زۆرۈر بولغان مىنېرال ماددا. توخو، بېلىق، كۈركە توخو تەركىبىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان تۆمۈر مىقدارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كالا گۆشىدە تۆمۈر ماددىسى ناھايىتى مول.

8. كالا گۆشى تەركىبىدىكى پروپىل ئامىن كىسلاتاسى يېمەك-ئىچمەك ئاقسىلىدىن قەنت ھاسىل قىلىدۇ. ئالانىنئامىن كىسلاتاسى مۇسكۇلغا كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، يېتەرسىزلىكنى پەسەيتىپ، سىزنى داۋاملىق مەشىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇ مۇسكۇللارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈكتىن ئازاد قىلالايدۇ.

9. كالا گۆشى تەركىبىدىكى ۋىتامىن B12 ھۈجەيرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ رولى بولسا ئوكسىگېننى مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا ئېلىپ بېرىش. ۋىتامىن B12 ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننى كۈچلۈك مەشىققە ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

10. كالا گۆشى ئىستېمالىنىڭ كۆپ خىللىشىشى. ئەگەر ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە، ھەتتا بىر نەچچە ئاي ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىنسا، توخو كۆكرىكىمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ. كالا گۆشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئارقا پاقالچاق گۆشى، بەل گۆشى قاتارلىقلارنىڭ تەمىدە پەرق بار.

دائىم كالا گۆشى يېيىشنىڭ مۇنداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى