ساغلاملىق

تال كومىلىچىنىڭ زامانىۋى روللىرىنى بىلىۋېلىڭ

«غەربچە دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى چوڭ، تەييار جۇڭيى دورىلىرى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك» بۇنداق ئوي-پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىگە ئىشىنىمەن.

ئۇزۇندىن بۇيان تەييار جۇڭيى دورىلىرى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى، ئىشلىتىش قولايلىق، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغاچقا كىشىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. تەييار جۇڭيى دورىلىرىنىڭ تۈرى، تىپى مۇرەككەپ، رېتسېپى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە، تېز ئۈنۈم بېرىدۇ ؛ مۇۋاپىق ئىشلەتمىسە، يېنىك بولغاندا دورا ئىسراپ بولىدۇ ياكى كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئورگانىزمغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە تەييار جۇڭيى دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ھادىسىسى پەيدا قىلغان خەۋپ ئانتىبىئوتىكلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپتىن قىلچە قېلىشمايدىكەن. كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەييار جۇڭيى دورىلىرى ئىچىدە، تال كۇمىلىچى (归脾丸) چوقۇم ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىشى كېرەك.

تال كومىلىچىنىڭ زامانىۋى روللىرىنى بىلىۋېلىڭ

تال كومىلىچىنىڭ زامانىۋى روللىرى

1. ئۇيقۇسىزلىقنى پەسەيتىش

جۇڭيى تېبابىتىدە قان، قۇۋۋەت يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلىيەلمىسە، يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. تال كۇمىلىچى تەركىبىدە ئۈچ خىل تەملىك نېرۋىنى تېنىچلاندۇرىدىغان جۇڭيى دورىسى بولغاچقا، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى بار.

لېكىن تال كۇمىلىچىنى ھەممە ئادەم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بۇ ئاساسلىقى يۈرەك ۋە تال زەئىپلىشىش تىپىدىكى بىمارلارغا قارىتىلغان. كلىنىكىدىن قارىغاندا، خىزمەت بېسىمى ئېغىر، مېڭىنى زىيادە كۆپ ئىشلەتكەنلەر، كەيپىياتى تەشۋىشلەنگەنلەرنىڭ بىر قىسمى يۈرەك ۋە تال زەئىپلىشىش تىپىغا كىرىدۇ، بۇ تۈردىكى كىشىلەر تال كۇمىلىچىنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.

تال كومىلىچىنىڭ زامانىۋى روللىرىنى بىلىۋېلىڭ

2. بالىلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە قوزغىلىدىغان قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغنى داۋالاش

پەۋقۇلئاددە قوزغىلىدىغان قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ (ITP) ئىممۇنىتېت مېخانىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى تۈپەيلىدىن قان پلاستىنكىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى كۆپىيىدۇ. قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش ITP نىڭ مۇھىم داۋالاش ئۇسۇلى. تال كۇمىلىچىنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قان تولۇقلاش رولى بار. ھازىر بار بولغان تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تال كۇمىلىچى بىمارنىڭ قان پلاستىنكىلىرى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، تال كۇمىلىچى بالىلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە قوزغىلىدىغان قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغنى داۋالىيالايدۇ.

تال كومىلىچىنىڭ زامانىۋى روللىرىنى بىلىۋېلىڭ

3. كېلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى بىئارامچىلىقلارنى داۋالاش

بۇ يەنە ھەيز توختاش مەزگىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاساسەن 45~ 55 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە بۆرەك زەئىپلىشىشنى كېلىماكتىرىيەنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈرەك، تال، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ مۇناسىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، قىزىش، ئوغرى تەرلەش، باش قېيىش، دېمى سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، ھارغىنلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋالىغاندا جىبو دىخۇاڭ كۇمىلىچى (知柏地黄丸) ۋە تال كۇمىلىچىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. جىبو دىخۇاڭ كۇمىلىچى جىگەر، بۆرەك مۇئەننەسلېكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تال كۇمىلىچى تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، ئىككى دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قانداق ئەھۋاللاردا تال كۇمىلىچى ئىچىشكە بولمايدۇ؟

ئالدى بىلەن، زۇكامداپ قالغان، تال ئاجىزلاپ ھۆل ئىسسىق بولغان، يەل تۇرۇپ قالغان، قان ئۇيۇغان كىشىلەر ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى تال كۇمىلىچى قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ، ئەگەر ئىستېمال قىلىنسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلەتكىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، تاشقى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇش، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش، نەپەس سىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرمۇ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇر يېتەكچىلىك قىلغان ئەھۋالدا تال كۇمىلىچى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى