يېمەك-ئىچمەك

بەش خىل بېلىق ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق رولى

 

چوڭلار بالىلارغا دائىم: «بېلىقنى كۆپ يېگەن ئەقىللىق بولىدۇ» دەيدىغان، ئەسلىدە بۇ پەقەتلا بالىلارنى بەزلەپ تاماق يېگۈزۈش ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئىلمىي ئاساسى بار ئىكەن.

ئىلىم-پەن شۇنى كۆرسەتتىكى، بېلىق يېيىش ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ، يەنە كېلىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۇنداقتا قايسى بېلىقلارنى تاللىساق ياخشىراق بولىدۇ؟

تۆۋەندىكى بەش خىل بېلىقنى كۆپ يەپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بەش خىل بېلىق ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق رولى

1. قارا بېلىق

قارا بېلىق تاتلىق سۇ بېلىقلىرى ئىچىدىكى «قىممەتلىك بۇيۇم»، چۈنكى ئۇنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئاقسىل، كالتسىي، تۆمۈر، كالىي ۋە ھەر خىل ئورگانىك كىسلاتا تەركىبلىرىمۇ بار، شۇڭا يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن مايلىق گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە كىرىدۇ.
ئىستېمال پايدىسى:
قاندىكى ماي ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ مۇسكۇل ھاسىل قىلىش رولى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كوللاگېنلىق ئاقسىلنى كۆپەيتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر:
تېنى، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز، ئوزۇقلىنىشى ناچار، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بىمارلىرى، ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار.

بەش خىل بېلىق ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق رولى

2. لاققا بېلىق (鲢鱼)

لاققا بېلىق كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۆي بېلىقى بولۇپ، ئۆسۈشى تېز، مەھسۇلات مىقدارى كۆپ ھەم كېسەللىكى ئاز بولغاچقا، ئادەتتە ئۇنىڭغا ئاق ئامۇر بېلىقى بىلەن كارپ بېلىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بازاردا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغىنى يەنىلا ئالا بېلىق (非花鲢)، شۇڭا دائىم «چانالغان مۇچلۇق بېلىق بېشى» قىلىنىدۇ.
ئىستېمال پايدىسى:
يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالايدۇ ھەمدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە چاچ چۈشۈش، باش تېرىسى كېپەك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا يەنە تېرە تەمرەتكىسىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ، چىلان، زەنجىۋىل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا روھىي-ھالىتىنى ياخشىلاپ، قان تولۇقلاش، سۈت ھاسىل قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر:
ياشلار، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىپ كەتكەنلەر، ياشانغانلار، ئاياللار.

بەش خىل بېلىق ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق رولى

3. سېرىق يىلانبېلىق (黄鳝)

سېرىق يىلانبېلىقنىڭ قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈنۈمى بار، ئەلۋەتتە سېرىق يىلانبېلىق كېسەلدىن كېيىن ياكى تېنى ئاجىزلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن جايلاردا «تاڭزۇڭزا چاغىنىدىكى سېرىق يىلانبېلىق ئادەمگىياھ مۇسابىقىسى» دېگەن گەپ تارقىلىپ، سېرىق يىلانبېلىقنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن.
ئىستېمال پايدىسى:
رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك يەل تۇرۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ، يەنە قان تولۇقلاشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر:
تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلىشىپ سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەنلەر، كېسەل بولۇپ يېڭى ساقايغان بىمارلار، يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلار، رېماتىزم بىمارلىرى.

بەش خىل بېلىق ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق رولى

4. كارپ بېلىقى (سازان بېلىق 鲤鱼)

كارپ بېلىقىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل مول، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامىنو كىسلاتا مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئىستېمال بۇيۇمى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر قېتىملىق چاغاندىكى بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلمەكتە.
ئىستېمال پايدىسى:

ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ۋىتامىن بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە كۆكرەك چىڭقىلىش، قورساق كۆپۈش، يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش، پۇت-قوللىرى ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۈت ھاسىل قىلىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ماس كېلىدىغان كىشىلەر:
ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار.

بەش خىل بېلىق ۋە ئۇلارنىڭ پايدىلىق رولى

5. كۆك بېلىق
كۆك بېلىقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى گەرچە تۆت چوڭ بېلىق ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن ئورۇننى ئىگەللىسىمۇ بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئىنكار قىلالمايدۇ، شۇڭا يەنىلا كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.
ئىستېمال پايدىسى:
تەركىبىدە مول بولغان ئامىنو كىسلاتا ۋە زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەلگىلىك كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش، قېرىلىققا قارشى تۇرۇش، شۇنىڭدەك كۆك بېلىقنىڭ تەركىبىدىكى بەلگىلىك مىنېرال ماددىلار قان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر:
جىگەر ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، پۇت تەمرەتكىسى، شۇنىڭدەك ئوزۇقلىنىشى ناچار، قېنىدا ماي ۋە خولېستېرىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى