ساغلاملىق

كەچ ئۇخلاشنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟

ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رىتىمى جىددىي، كۈندۈزى خىزمەت، ئۆگىنىش، زىياپەت دېگەندەك ئىشلار بىلەن ھەمىشە كەچ سائەت 10دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولالمايدۇ. بەزىدە بالدۇرلا يېتىۋالغان بىلەن ئېلېكترونلۇق ئەسلىھەلەرنىڭ «تۇتقۇن» قىلىشىغا ئۇچراپ، كارىۋاتقا چىقىۋىلىپ، كىنو كۆرىدۇ، مىكرو بىلوگ، دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلارنى ۋاراقلايدۇ. ئېسىگە كەلگەندە، ئاللىبۇرۇن يېرىم كېچە بولغان بولىدۇ. بۇ كىىشلەر ھەركۈنى 10دىن كېيىن ئۇخلاشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار:

كەچ ئۇخلاشنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟

1.بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش تەسلىشىدۇ.

ئۇزاق كېچىدە ئەگەر بەك كەچ ئۇخلىغاندا، كەچلىك غىزادىكى يېمەكلىكلەر ئاللىقاچان ھەزىم قىلىنىپ تۈگەيدۇ-دە، ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ-بۇ نەرسىلەرنى يېيىش باشلىنىدۇ. ئۇزاق مەزگىل كەچ ئۇخلاپ، كېچىلىك غىزا يېگەندە، گۇمانسىزكى ئورۇقلاشنىڭ دۈشمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئاستا-ئاستا كونتروللىقىنى يوقىتىدۇ.

2.تېرە ناچارلىشىدۇ.

دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان «ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇيقۇسى» دېگەنلىك كېچە سائەت ئوندىن سەھەر ئىككىگىچە بولغان ۋاقىت بۆلىكىدىن ئىبارەت. نېمە ئۈچۈن بۇ ۋاقىت بۆلىكى شۇنچە مۇھىم؟ چۈنكى بۇ ۋاقىت بۆلىكى بەدەننىڭ ئىچىكى قىسمى تەڭشىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، ئەگەر بەدەندىكى ئەزالار بۇ ۋاقىتتا يېتەرلىك ئارامغا ئېرىشەلمىسە، توكسىن ئۆزگىرىشى توپلىنىپ، ئۇزاق ۋاقىت تۈنىگەنلىكتىن، بەدەندىكى توكسىن تېرە ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىپ، تېرە خۇنۈكلىشىپ، قۇرغاقلىشىپ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ ھەتتا، ئۇششاق دانىخورەكلەر پەيدا بولىدۇ.

3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ.

كەچتە تۈنىگەندە ئەتىسى روھىي كەيپىيات چاغ بولمايدۇ، زىھنى يىغىلماي، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ، باش قايىدۇ، نېمىلا قىلسا خوشياقمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۈنىگەندە چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى جانلىنىپ، زىيادە ھاياجانلانغانلىقتىن، يېتەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئارام ئېلىشقا ئېرىشەلمەي، ئىككىنچى كۈنى سىمپاتىك نېرۋىلار يەنىلا ئارام ئېلىش ھالىتىدە تۇرىۋالغانلىقتىن شەكىللىنىدۇ.

4.كۆز ئەتراپى قارىدايدۇ.

ئەگەر كەچ سائەت ئوندىن كېيىن يەنىلا ئۇخلىماي، خىزمەت، ئۆگىنىش قىلغاندا ياكى ئىلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە، كۆزنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەنلىكتىن، كۆزنىڭ نورمال قان ئايلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ، كۆز ئەتراپىغا قان ئۇيۇپ قىلىپ، دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان كۆز ئەتراپى قارىداش، كۆز خالتىسى دېگەندەك ئەھۋاللار شەكىللىنىدۇ.

5.كۆرۈش قۇۋۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى دەل كۆزنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىشتە، يەنە بىرى كۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ خاتالىقىدىن ئىبارەت. بەزىلەر كېچىلەپ كىنو كۆرگەندە، مىكرو بىلوگ، دوستلار چەمبىرى ۋاراقلىغاندا، كىتاب ئوقۇغاندا چىراقنى ئۆچۈرۈپ، يېتىۋېلىپ قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. غۇۋا چىراق يورىقى ۋە بەدەن ھالىتىنىڭ ناتوغرىلىقىدىن نېرۋىلار بېسىلىدۇ. بۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ، ئۇزاق داۋاملاشسا، ئەسلىدىنلا يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، كۆزى ياخشىلار مۇشۇ سەۋەبلىك كۆزەينەك تاقاپ قالىدۇ.

كەچ ئۇخلاشنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟

6.ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىش، ئالمىشىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەل يېرىم كېچىدىكى ۋاقىت بولۇپ، تۈنىگەندە ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىشى نورمال يۈرۈشەلمەيدۇ، ئۇزاققا داۋاملاشقاندا بەدەننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتكە يەتمىگەن كۈنى ئۈچتىن ئاشسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارى %60 تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

7.ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىدۇ.

كېچىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر بەك كەچ ئۇخلىغاندا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ، دىيابېت كېىسلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئاياللارنىڭ ھەيزى قالايمىقانلىشىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى توپىدا ئۇخلاش ۋاقتى بەش سائەتتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ سانى نورمال كىشىلەرنىڭ 1.7 ھەسسىسى بولۇپ، بۇ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلى دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر رولىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

8.يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاشىدۇ.

كەچ ئۇخلىغاندا يۈرەك «ئېسمىنا قوشۇپ ئىشلەش»كە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى ھۈجەيرىلىرى قايتا ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەرنى ئوڭشاشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەگەر يۈرەك ئۇزاق ۋاقىت زىيادە ئېغىر خىزمەت قىلغاندا، قېرىلىشىپ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى ئاشىدۇ. شۇنىڭدەك يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق يۈرەك، قان-تومۇر مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

9.ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان شىللىق پەردە ھۈجەيرىسىنىڭ يېڭىلىنىش ۋاقىت ئادەتتە ئىككى ئۈچ كۈن بولىدۇ. تۈنەپ، كېچىلىك تاماق يېگەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئۇزاق مەزگىل ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، مۇكەممەل يېڭىلىنالمايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا، ئاشقازان يارىسى يۈز بېرىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى شەكىللىنىدۇ.

10.ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلىدۇ.

تۈنىگەندىن كېيىن ئۇيقۇ تولۇقلاش، قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىشنىڭ بولماسلىقى، ئاسانلا بىئولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاقىۋەتتە بىئولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىشى خاراكتېرىدىكى ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش