ساغلاملىق

CT نىڭ زىيىنى بارمۇ؟

CTنىڭ زىيىنى بارمۇ؟

CT دا تەكشۈرۈش ئاغرىقنىڭ تېنىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. مۇتەخەسسىس ماۋ مېڭۋىي مۇنداق دېدى: «CT دا تەكشۈرۈشتە سۈرۈلىدىغان نەرسە يودلۇق دورىدۇر، يەنى قويۇقلۇقى ئوخشاش بولمىغان، يود قوشۇلغان بىر خىل دورا. ئۇ CT دا تەسۋىر يېيىپ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر سايىسىنى شەكىللەندۈرۈش، رەقەملىك سىگنالدا تەسۋىر ھاسىل قىلىش، ۋېنا ئارقىلىق سۈيدۈك يولىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش، بوغۇم بوشلۇقىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش، بالىياتقۇ – تۇخۇم نەيچىسىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ».

ماۋ مېڭۋىي مۇنداق دېدى: «بىراق يودلۇق دورا بەدەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ھەتتا زىيادە سەزگۈرلۈك شۈك، يۈرەك توختاپ قىلىش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بىراق ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا يودلۇق دورىنىڭ ئەكس تەسىرى ئانچە ئېغىر بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە كۈتۈنمىسىمۇ سالامەتلىك ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ. ئادەتتىكى يودلۇق سېلىشتۇرما دورىلار 24 سائەت ئىچىدە بۆرەك ۋە ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، چىقىرىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئاغرىقلار تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن كۆپرەك سۇ ئىچسە پايدىسى بولىدۇ».

تۇرسۇنئاي يۈسۈپ (پىراكتىكانت) تەرجىمىسى

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى