ساغلاملىق

چېچەك چىقىپ قالسا بىپەرۋالىق قىلماڭ

سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك، يېرىم ئاي ئىلگىرى، بىمارنىڭ قورساق قىسمىغا بىر تال كىچىك «چېچەك» پەيدا بولغان بولۇپ، سەل ئاغرىش ۋە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، دەسلەپتە كىچىك بولغاچقا ئانچە سېزىم بولمىغان، لېكىن بەش كۈندىن كېيىن، كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ «چېچەك» يوغىناپ، ئاغرىق ۋە قىچىشىش ئالامەتلىرى بارغانسېرى روشەنلەشتى، بىمار دورىخانىغا بېرىپ تېرە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى سېتىۋېلىپ سىرتتىن سۈرتتى؛ بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ چېچەك بارغانسېرى يوغىناپ، ئەتراپتىكى تېرە قېتىپ زېدە باغلاپ، يىرىڭ چىقىشقا باشلىدى، بىمار دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتكەندە ئاندىن بۇنىڭ چېچەك ئەمەس بەلكى «چىيقان» ئىكەنلىكىنى بىلدى.

چېچەك چىقىپ قالسا بىپەرۋالىق قىلماڭ

«چىيقان» تۈك خالتىسىنىڭ چوڭقۇر قىسمى ۋە ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردىن يۇقۇملىنىدىغان كېسەللىك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىت، كۆپ تەرلەش، تازىلىق ئادىتى ياخشى بولماسلىق، سېمىزلىك، دىيابېت كېسىلى، ئۇزۇن مۇددەت شېكەر پوستلاق ھورمۇنى ئىستېمال قىلىش ياكى باشقا ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، يېشىل يىرىڭ ساختا يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە، زەنجىرسىمان باكتېرىيە قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، تۈك بار ھەرقانداق ئورۇندا كېسەللىك قوزغىلىدۇ، بولۇپمۇ تېرىنىڭ دائىم سۈركېلىپ تۇرىدىغان ۋە كۆپ تەرلەيدىغان جايلىرىدا مەسىلەن: ئۇ تاسما تاقىغان ئورۇن، پۇتنىڭ ئالدى تەرەپ ساغرا، چات ئارىلىقى، قولتۇق ئاستى ۋە بەل قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۈستىدىكى رەسىم دەل چىيقان كېسىلىنىڭ بىر قىسىم جەريانى. دەسلەپتە كۆپىنچە يۈزە تۈك خالتىسى ياللۇغى خاراكتېرلىك دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، ئارقىدىن ياللۇغ تۆۋەنگە ۋە ئەتراپقا كېڭىيىپ، قاتتىق تۈگۈن شەكىللىنىدۇ، سارغۇچ ئاق رەڭلىك يىرىڭلىق نۆكچە پەيدا بولىدۇ، قىزىرىپ ئىششىش ۋە ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قاتتىق تۈگۈن يۇمشايدۇ، تەۋرىنىش سېزىمى بولىدۇ، يىرىڭ يېرىلغان يارا ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر چىيقان سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا ھەم دائىم تەكرارلىنىپ تۇرسا، ساقايمىسا «چىيقان كېسىلى» گە ئايلىنىدۇ، ئادەتتە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز بىمارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

«چىيقان» كىچىك بولىدۇ، لېكىن سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىر قەدەر كىچىك يىرىڭلىق ئىششىق ئۆزلۈكىدىن يېرىلىپ، يىرىڭى چىقىرىپ كېتىپ، ئاندىن ياللۇغ ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ. كۆزىتىلىۋاتقان بىمارلار ئىسسىق ۋە نەم ھالەتتە بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ. يىرىڭداپ كەتكەن تېرە يىرىڭلىق ئىششىقىنى يېرىپ ئاققۇزۇش ئەڭ ئاساسلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەتتە يىڭنە سانجىپ يىرىڭلىق ئىششىقنى سۈمۈرۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، كۆپ ساندىكى بىمارلارغا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ئانتىبىيوتىكلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ، ئالدى بىلەن سېفالوسپورا، چوڭ ھالقىلىق ئېستېر ياكى خىنونولون تۈرىدىكى ئانتىبىيوتىك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ، بۇنى ئاددىي كېسەل دەپ سەل قارالسا، قان چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىمۇ بار، بولۇپمۇ پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، قىزىش، تىترەش، چارچاش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى قايتا-قايتا چىيقان چىقىپ قالسا، سەل قارىماستىن، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، باشقا ئەگەشمە كېسەلنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى