ساغلاملىق

بىر يۈەنلىك ئېرىترومىتسىن مەلھىمىنىڭ بۇ روللىرىنى بىلەمسىز؟

ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرەم كۆيۈپ قالدى؟ ئېرىترومىتسىن سۈركەڭ؛
پاشا چېقىۋالدى؟ ئېرىترومىتسىن سۈركەڭ؛
دانىخورەك چىقىپ قاپتۇ؟ ئېرىترومىتسىن سۈركەڭ؛

بىر يۈەنلىك ئېرىترومىتسىن مەلھىمىنىڭ بۇ روللىرىنى بىلەمسىز؟

ئەرزان، قولايلىق دورىلار پۇقرالارنىڭ دورا ساندۇقىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، ئېرىترومىتسىن مەلھىمى (红霉素软膏) دەل شۇلارنىڭ بىرى. ئېرىترومىتسىن تەركىبىدە ئانتىبىيوتىك بار بىر خىل مەلھەم بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تېرىدە بۇزۇلۇش، كۆيۈك، چېچەك چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئادەت خاراكتېرلىك ئېرىترومىتسىن سۈركەيدۇ. ئەمدى ئېرىترومىتسىن ھەل قىلىشقا ئەڭ ماھىر بولغان ئۈچ خىل مەسىلىنى ياخشى چۈشىنىپ باقايلى.

بۇرۇن قاناشقا ئېرىترومىتسىن كۆز مەلھىمى ئىشلىتىش كېرەك. ھاۋا قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، بۇرنىمىزدىكى قىل قان تومۇرلار ئاجىزلايدۇ، ھەتتا بەزىدە بۇرۇندىن قان ئېقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك ئېرىترومىتسىن كۆز مەلھىمىنى بۇرۇننىڭ ئىچىگە سۈركىگەندە بۇرۇننىڭ قۇرغاقلىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، بۇرۇننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شىللىق پەردىلەرنى سىلىقلاپ، بۇرۇن قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆز مەلھىمى بىلەن مەلھەمنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك، مەلھەمنى كۆز، بۇرۇن شىللىق پەردىسىگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

يېنىك جاراھەتلەرگە ئېرىترومىتسىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئادەم ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈۋالغان بولسا، ئالدى بىلەن دېزىنفېكسىيە سۈيى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئاندىن يارا ئېغىزىغا مۇۋاپىق مىقداردا ئېرىترومىتسىن سۈركىسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ياللۇغ قايتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

بىر يۈەنلىك ئېرىترومىتسىن مەلھىمىنىڭ بۇ روللىرىنى بىلەمسىز؟

كۆيۈكتە ئېرىترومىتسىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۇيۇقسىز يېنىك دەرىجىدىكى كۆيۈك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، دەرھال سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن كۆيگەن ئورۇنغا ئېرىترومىتسىن سۈركەپ قويسا، كۆيۈپ يارىلانغانلارنىڭ ئاغرىقىنى تېز سۈرئەتتە پەسەيتكىلى بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەر كۈنى 2-3 قېتىم سۈركەش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇننىڭ تېرىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ ۋە قاقاچ تۇتىدۇ.

ئېرىترومىتسىن گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەكس تەسىرى بار، مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ:

1. زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئېرىترومىتسىنغا زىيادە سەزگۈرلۈك ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، بەزى كىشىلەردە ئىشلەتكەندە كۈچلۈك زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈك كۆرۈلسە، دورىنى ۋاقتىدا توختىتىپ، ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

2. ئېرىترومىتسىن ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەقىقەتەن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. لېكىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە تېرە قۇرغاقلىشىدۇ. شۇڭا، يارا ئېغىزى ئاساسەن ياخشى بولۇپ كەتكەندە، سۈركەشنى توختىتىش كېرەك.

بىر يۈەنلىك ئېرىترومىتسىن مەلھىمىنىڭ بۇ روللىرىنى بىلەمسىز؟

3. ئېرىترومىتسىنمۇ دورىغا چىدامچانلىق پەيدا قىلىدۇ، دەسلەپتە ئېرىترومىتسىن مەلھىمى ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، لېكىن بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، مانا بۇ دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئىپادىسى. تېخىمۇ ئەجەللىك يېرى شۇكى، باكتېرىيە يەنە ئېرىترومىتسىن تۈرىدىكى باشقا ئانتىبىيوتىكلارغا گىرەلەشمە چىدامچانلىق پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ئازىترومىتسىن، سۇكسىنىل ئېرىترومىتسىن، ئېرىترومىتسىن قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئادەم بۇ خىل ئانتىبىئوتىكلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتسە، ئېرىترومىتسىن تۈرىدىكى ئانتىبىئوتىكلار مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك رولىنى يوقىتىپ، دورىغا چىدامچانلىق سەۋەبىدىن داۋالاش مەغلۇپ بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.

ھالبۇكى، مېدىتسىنا ساھەسىدە، بۇرۇنلا سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان، يەنى ماس كېلىدىغان يەيدىغان دورىلار بولسا، ئانتىبىيوتىك مەلھەملەرنى ئىمكانقەدەر ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش