ساغلاملىق

بەدەننى قانداق قىلغاندا دانىخورەك چىقمايدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ؟

ھەربىر ئادەم يۈز تېرىسىنىڭ ئاپئاق، يۇمران، سىلىق بولۇشىنى ئويلايدۇ. ئەگەر يۈزگە دانىخورەك چىقسا چوقۇم چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بەدەننى دانىخورەك چىقمايدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەربىر ئادەم تۇرمۇش ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

1. ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك

دانىخورەكنىڭ شەكىللىنىشى مېتابولىزىمنىڭ قالايمىقانلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دانىخورەك چىقىش ئۆپكە، ئاشقازاننى ھۆل ئىسسىق ئېلىپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇزاق مەزگىل ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى، ياغدا پىشۇرۇلغان، قاقلىغان يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلارنىڭ يۈزىگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىدۇ. يەنە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلاردىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يېسىلا، ئاندا-ساندا تېتىپ قويسىلا كۇپايە.

2. تەركىبىدە ۋىتامىنB بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك

ئادەتتە تەركىبىدە ۋىتامىنB كۆپ يېمەكلىكلەرى كۆپ يېگەندە ياكى ۋىتامىنBنى بىۋاستە سېتىۋىلىپ يېگەندە، بەدەنگە يېتەرلىك ۋىتامىنB تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ۋىتامىنB ياغلىق تېرە ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىدۇ، دانىخورەكنىڭ داۋاملىق چىقىشىنى توسىدۇ.

3. مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئاز يېيىش كېرەك

ئۈچ ۋاقلىق تاماق ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق-سەلەڭ، مايسىز بولۇشى كېرەك. تۇز ۋە ياغ ئاز بولۇش، كولا، شاكىلات، ياغدا پىشۇرۇلغان، مايلىق يېمەكلىكلەرگە ئاز ئۇچرىشىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، خام قايماقلىق تورت ۋە خام سۇڭپىياز، سامساق، مۇچ قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئاز يېيىش كېرەك.

4. ئوزۇقلۇق تالاسى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك

كۈندىلىك تۇرمۇشتا بامبۇك نوتىسى، كەرەپشە قاتارلىق ئوزۇقلۇق تالاسى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈچەي يولىغا توپلانغان كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، دانىخورەكنى ئازايتىدۇ.

ئوزۇقلىنىشتىن سىرت، يەنە تۈنەشتىن ساقلىنىپ، ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاش، دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشى بەدەن ھالىتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق. ئەگەر دائىم تۈنەپ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، دانىخورەك تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئالدىنى ئېلىش تەسلىشىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش