ساغلاملىق

بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلسا قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ

بالىنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، لېكىن ئامېرىكا «مۇھىت ئىپادىسى ئىرسىيەتشۇناسلىقى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا دېيىلىشىچە، بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلسا، بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا بېل تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور روبېرت ۋوتلاند ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەمدىلا تۇغۇلغان چاشقاننى ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇش(نورمال تاماق يېيىش) ياكى «تاللا تاماق»تەك چەك قويماسلىق ئۇسۇلىنى قوللانغان. كىچىك چاشقاننىڭ سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۆلچەنگەن ئېغىرلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلغان گۇرۇپپىدىكى چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇلغان گۇرۇپپىدىكى چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان. كىچىك چاشقان 21 كۈنلۈك(ئىنسانلارنىڭ بوۋاق ۋە ئۆسمۈر مەزگىلىگە باراۋەر) ۋە ئالتە ئايلىق(ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە باراۋەر) بولغاندا، تەتقىقاتچىلار ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرە گېن گۇرۇپپىسىنى DNA مېتىللاشتۇرۇش ئانالىزى قىلغان. نەتىجىدە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇلغان گۇرۇپپىدىكى كىچىك چاشقاندا سۈتتىن ئايرىغاندىن كېيىنكى ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىسىنىڭ DNA مېتىللاشتۇرۇش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەنلىكى، يېمەك-ئىچمىكىگە چەك قويۇلغان كىچىك چاشقاندا ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاندىن بۇ خىل يۈزلىنىش كۆرۈلگەنلېكىنى بايقىغان. ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىسىنىڭ DNA مېتىللاشتۇرۇشى 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ چوڭىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇش كىچىك چاشقاننىڭ ئوزۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسى ھۈجەيرىلىرىدە ئىرسىيەت ئۆزگىرىشىنى بالدۇر پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تىپىك قېرىماي تۇرۇپلا ئاجىزلىشىش كۆرۈلگەن. ئورگانىزمنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىگەنلىكتىن، بوۋاق مەزگىلىدە زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇش 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، بالدۇر قېرىش ھەمدە ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دوكتۇر ۋوتلاند مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بوۋاق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەكنى سەرخىللاشتۇرۇش بالىلار كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى