ساغلاملىق

نېمىشقا بوۋاقلارنىڭ كاسسىسى قىزىرىپ قالىدۇ؟

نېمىشقا بوۋاقلارنىڭ كاسسىسى قىزىرىپ قالىدۇ؟

قانداق ئەھۋالدا بوۋاقلارنىڭ كاسسىسى قىزىرىپ قالىدۇ؟

1. تەرەت لاتىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرماسلىق

بوۋاقلار بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14-10 قېتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ، ئەگەر تەرەت لاتىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرمىغاندا، بالىلارنىڭ كاسسىسى ئۇزۇن مەزگىل ھۆل مۇھىتتا تۇرىدۇ ۋە بالىلارنىڭ كاسسىسى ئېغىر قىزىرىپ قالىدۇ.

2. بوۋاقلارنىڭ كاسسىسىنى پاكىزە تۇتماسلىق

يېڭى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەجرىبىسى يېتەرلىك بولمىغاندا، بوۋاقلارنىڭ كاسسىسىنى قانداق تازىلاشنى بىلمەي قالىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار زىيادە تازىلىۋەتكەچكە، بوۋاقلارنىڭ كاسسىسىنىڭ يۇمران تېرىلىرى يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، ئاقىۋەتتە قىزىرىپ بوۋاقلارنى بىئارام قىلىدۇ.

نېمىشقا بوۋاقلارنىڭ كاسسىسى قىزىرىپ قالىدۇ؟

3. ئىچى سۈرۈپ قېلىش

بەزىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن بوۋاقلارنىڭ كاسسىسى قىزىرىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ۋاقتىدا بالىلارنىڭ كاسسىسىنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

4. سەزگۈر بولۇپ قېلىش

ئەگەر بوۋاقلارنىڭ تېرىسى سەزگۈرلۈك تېرە بولسا، ئاتا-ئانىلار تەرەت لاتىسى تاللاشتا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا بالىلارنىڭ كاسسىسى سەزگۈرلىشىپ قىزىرىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بوۋاقلار زىيادە قىينىلىپ كېتىدۇ.

ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ كاسسىسى قىزىرىپ قالغاندا ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ كاسسىسىنى ۋاقتىدا پاكىزلاپ تۇرۇش، بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان، بوۋاقلارغا ماس كېلىدىغان ئۇپپا ئىشلىتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى