ساغلاملىق

بوۋاقلار تۆۋەندىكى ئۈچ خىل پاختىلىق ئاياغنى ئاز كىيىشى كېرەك

  قەھرىتان قىشتا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئاياغ سېتىۋالغاندا مۇھىم نۇقتىنى ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئاياغنىڭ بالىنىڭ پۇت قىسمىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى ئويلاشمايدۇ. جۇڭگو بالىلار – ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %91 بالىنىڭ ئاياغ كىيىشى مۇۋاپىق ئەمەسكەن، %83 چوڭلار بالىلارنىڭ ئاياغ كىيىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن. يەر شارى بالىلار بىخەتەرلىك تەشكىلاتى جۇڭگو رايونىنىڭ باش ۋەكىلى سۈي مىنيەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىت بوۋاقلارنىڭ مېڭىشنى ئۆگىنىدىغان ۋە پۇت قىسمى تەرەققىي قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، پۇت قىسمىنىڭ تەرەققىياتىغا ناچار تەسىرى بار ئاياغنى ئۇزۇن مەزگىل كىيگەندە بالىلاردا يېسى تاپان، ئىچ مايماق، O شەكىللىك پۇت قاتارلىق پۇت قىسم غەيرىيلېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭلاشقا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل پاختىلىق ئاياغنى بوۋاقلارغا كىيگۈزمەسلىك كېرەك ئىكەن.

قىشلىق ئۆتۈك. قىشلىق ئۆتۈكنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇچى يوغان، تاپان قىسمى بەك تۈز بولۇپ، قېلىن ئاياغتا بوۋاقلارنىڭ پۇتىنىڭ يەرگە تېگىشى ئازىيىپ، پۇت يايى تىرەشكە ئېرىشەلمەي، بوۋاقنىڭ پۇتى ئاياغدا ئاسانلا سىيرىلىپ تۇرىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل كىيگەندە پۇت يايىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بوۋاقنىڭ پۇت ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت يېسى تاپان، ئىچ مايماقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.تۈكلۈك قۇرت ئاياغ. تۈكلۈك قۇرت ئاياغ سىرتقى قىياپىتى تۈكلۈك قۇرتقا ئوخشايدىغان تەنھەرىكەت ئايىغىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يۇمشاق، راھەت، كىيىش-سېلىش ئاسان بولغاچقا نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار ۋە بالىلار ياخشى كۆرىدىغان توردا ئالقىشلانغان ئاياغقا ئايلانغان. ئەمەلىيەتتە تۈكلۈك قۇرت ئاياغنىڭ بىر سېپىپلا كىيگىلى بولىدىغان لايىھەسى ھەممە بالىنىڭ پۇتىغا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياغنىڭ ئۇچى ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغاچقا، بالىنىڭ پۇتىنى ئىزچىل شۇ ھالەتتە تۇرغۇزىدۇ، بۇنداق بولىۋەرسە پۇت قىسمىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.پاختا ساپما كەش. پاختا ساپما كەشنىڭ كەينى بولمىغاچقا يول ماڭغاندا كۈچەپ يەرنى تىرەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ تاپان مۇسكۇلىنى چىڭ ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزى پۇتنىڭ ئالدى تاپىنىغا مەركەزلىشىدۇ، پۇت يايى بوغۇم ئورنى زىيادە كۈچ تەسىرىگە ئۇچراپ، تىز بوغۇمى، داس سۆڭىكى، ئومۇرتقا مۇسكۇلىنى چارچىتىۋېتىدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ يىقىلىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى