تەرمىلەر

چاچ بوياش سەۋەبلىك «ئەلەم»گە قالغان ئايال

چاچ بوياش سەۋەبلىك «ئەلەم»گە قالغان ئايال

«ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىك بىر ئايال چاچ بوياش دورىسىغا سەزگۈر بولغانلىقى سەۋەبلىك چېچىنى بوياتقاندىن كېيىن بېشى قىزىل داغ بىلەن تولغان، يۈزى ئىششىپ «تاشقى پىلانېت ئادىمى»گە ئوخشاپ قالغان. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى لاۋرېن دورېس بولۇپ، ئۇ چېچىنى بوياپ 48 سائەت ئىچىدە يۈزلىرى ئىششىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ پېشانىسى ئۈچ ھەسسە چوڭىيىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەسۋىلەر، ھەسەل رەڭلىك ئاجراتمىلار پەيدا بولۇشقا، چېچىمۇ چۈشۈپ كېتىشكە باشلىغان. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، دوختۇرلار ئۇنىڭ چاچ بوياش دورىسىغا سەزگۈر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

چاچ بوياش سەۋەبلىك «ئەلەم»گە قالغان ئايال

لاۋرېننىڭ يۈزىدىكى ئىششىق ئىككى ھەپتىدىمۇ يانمىغان، ئۇ ئاغرىققا چىداپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىكەن، شۇنداقلا: «نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئايدا ئاندىن ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن»، دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، لاۋرېننىڭ چاچ بوياۋاتقىنىغا 10 يىل بولغان بولۇپ، لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن، بۇ قېتىممۇ ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان چاچ بوياش دورىسىنى ئىشلەتكەن، ئەمما بۇ قېتىم تۇيۇقسىزلا سەزگۈرلۈك ئەھۋالى كۆرۈلگەن. شۇڭا، لاۋرېن بۇ كەچۈرمىشىنى ئاشكارىلاپ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئاغرىققا دۇچ كېلىشتىن ساقلاپ قالماقچى بولغان. 22 ياشلىق بۇ ئانا يەنە كىشىلەرنى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان چاچ بوياش دورىلىرىنىمۇ چاچ بوياشتىن بۇرۇن سىناق قىلىپ بېقىشقا ئۈندىگەن.

چاچ بوياش سەۋەبلىك «ئەلەم»گە قالغان ئايال

لاۋرېن چاچ بوياش دورىسى سەزگۈرلىكى سەۋەبلىك «ئەلەم»گە قالغان بىردىنبىر كىشى ئەمەس، بۇلتۇر 5-ئايدا لوندوندىكى 57 ياشلىق بىر ئايال دوستى ھىندىستاندىن ئېلىپ بارغان تەبىئىي چاچ بوياش دورىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن يۈزى ئىششىپ بىر مەھەل كۆرەلمەس بولۇپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئايال چاچ بوياپ ئۈچ كۈندىن كېيىن كۆزى غۇۋالاشقان بولۇپ، كۆزى ئىششىپ بىر سىزىق بولۇپ قالغان، دوىتۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلگەن.

ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىنى ئەسلەپ: «بۇنىڭدىن كېيىن كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيمەن»، دېگەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى