ساغلاملىق

گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن​

گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن​

تەخمىنەن ھەر بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمگە گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىدىغان بولۇپ، گۈل-چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلىدىغان باھار پەسلى ۋە ياز پەسلى گۈل چېڭى رېئاكسيە قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاپەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلار گۈل چېڭى بىلەن ئۇچراشقان ھامان توختىماي چۈشكۈرۈپ، بۇرنىدىن ماڭقا ئېقىشقا، كۆزى ئېچىشىپ ياشاڭغىراشقا باشلايدۇ.

ناھىيەسىگەرچە گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىش بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن يامان ئىش ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ يامان ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا پايدىلىق تەرىپىمۇ بار ئەلۋەتتە.

ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات ئاكادىمىيىسى (USNCI) نىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىغا قارىغاندا، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كاناي راكى، يۇتقۇنچاق راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكى، بادامسىمان بەز راكى قاتارلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتە گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلمايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا %33 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان كىچىك تەتقىقاتلاردا گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىش بىلەن راك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات ئاكادىمىيىسى يۇقارقى يەكۈن ئاساسىدا، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىش بىلەن راك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقەتەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلېكىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق تەتقىقات تۈرىنى تۇرغۇزغان.

بۇ تەتقىقات تۈرى 22 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1992-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان 1 مىليون 700 مىڭغا يېقىن بىمارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەتقىقاتچىلار راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى يېشى ۋە جنسىي ئايرىمىسى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ساغلام پىدائىيلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار راك كېسىلى بىمارلىرى بىلەن ساغلام پىدائىيلارغا قارىتا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىسىدا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ساغلام كىشىلەر ئىچىدە گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلار نىسبىتىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن​

نۆۋەتتە، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان راك كېسەللىكلىرىگە گىرپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋەن بولىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەقىقىي ئامىللار تېخىچە ئېنىقلانمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلارنىڭ بارلىق راك كېسىلىگە ئەمەس بەلكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر نەچچە خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەبلىرى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىنىدىكەن.

بىر تۈرلۈك نەزىرىيىگە ئاساسلانغاندا، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىش باشقا نەرسىلەرنىڭ رېئاكسىيە قىلىشىغا قارىغاندا بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى سىكاننىرلاپ تەكشۈرۈپ راك كېسىلى ھۈجەيرىلىرىنى دەل ۋاقتىدا بايقايدىغان ھەم بەدەندىكى راك ھۈجەيلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان پايدىلىق جەريان دەپ قارىلىدىكەن. ناۋادا گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىشقا باشلىسا، بەدەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى گۈل چېڭىنى ئادەم بەدىنىگە قارىتا بىر خىل تەھدىت دەپ قارايدىكەن-دە، بەدەندە مۇئەييەن ئىممۇنىتېت ماددىسى ھاسىل قىلىپ ئەتراپتىكى گۈل چېڭىنى تازىلاشقا ئىشلىتىدىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىش ھادىسىسىنىڭ ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستىمېسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش فۇنكىسىيىسى ئادەم بەدىنىدىكى راك كېسىلى ھۈجەيلىرى شەكىللىنىپ كۈچىيىشتىن بۇرۇنلا راك كېسىلى ھۈجەيلىرىنى پاكپاكىز يوقىتىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىكەن.

گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغۇچىلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن​

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئالىملارنى راك كېسىلىنى داۋالاشتا يېڭى بىر خىل پىكىر بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئالىملارنىڭ قارىشىچە، گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىشنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق راك كېسىلىنى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ راك كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە راك كېسىلىنى داۋالاشتا يېڭىچە يول تاپقىلى بولىدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى