ساغلاملىق

گۈل ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك

See the source image

باھار پەسلىدە ھەرخىل گۈللەر ئېچىلىپ، تەبىئەتكە ئاجايىپ رەڭدار ھۆسىن قوشىدۇ، بىراق بۇ گۈزەللىككە غايەت زور خەتەر يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. يېقىندا بەزىلەر گۈلگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈك كېسىلى بارلىقىنى ئېيتىپ، دوختۇرلاردىن ئۆيىدە گۈل باقسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، دوختۇر مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: «ئەلۋەتتە باقسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى گۈل چېڭى سەزگۈرلۈككە سەۋەب بولىدۇ، ئەمما گۈلنىڭ ھىدى ۋە گۈزەل ھۆسنى بىلەن سەزگۈرلۈك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ».

شۇنداق، گۈلنىڭ سەزگۈرلۈكنى قوزغايدىغان يېرى ئۇنىڭ چېڭى، ئادەتتە گۈل چېڭىدا ھەسەل تەركىبى بولىدۇ، بىر قەدەر يېپىشقاق، مەززىلىك پۇراق تارقىتىدۇ، يەنە تەمى تاتلىق، شۇڭا ھەسەل ھەرىسى قاتارلىق ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ، گۈل چېڭىنىڭ تارقىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھاشارەت ياردىمى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەر، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل گۈللەرنىڭ چاڭلىرى شامالغا تايىنىپ تارىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان بولغاچقا، كۆپ ساندىكىلىرى ئادەمنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىنى قوزغىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىنى قوزغايدىغان نەرسە دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەرنىڭ چاڭلىرىدۇر.

بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چاڭلىرىدا مەززىلىك پۇراق يوق، شۇنداقلا ھەسەل جەۋھىرىمۇ بولمايدۇ، تاتلىق تەم ئەسلا يوق، شۇڭا ھاشارەتلەرنى جەلپ قىلىپ چاڭلىرىنى تارقىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم، ئۇلار پەقەت شامالغا تايىنىپلا چاڭلىرىنى تارقىتالايدۇ، شۇڭا ئۇلارنى شامالدا چاڭلىشىدىغان چېچەكلەر، دەيمىز.

ئادەمنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىنى قوزغايدىغان، باھاردا چېچەك ئاچىدىغان دەرەخلەردىن تېرەك، سۆگەت، قارىياغاچ، قىيىن ۋە كۇلى ئارچىسى (柏树)، بار؛ يەنە چاڭ تارقىتىدىغان چۆپلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى ياقا يوپۇرماق (车前草)، چاققاق ئوت (荨麻)، قامچا گۈل (苋草)، تارغاقچۆپ (鸭茅)، ۋە مەستەك (黑麦草) قاتارلىقلار، بۇ خىل دەرەخ ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ چاڭلىرى ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان ۋاقىت باھار ۋە ياز پەسلىگە مەركەزلەشكەن. 

ئۇنداقتا باھار پەسلىدە زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ بىرىنچىدىن، ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، بىراق سىرتتا ئۇزاق ۋاقىت لاغايلاپ يۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىشىك-دېرىزىلەرنى پۇختا ئېتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، سىرتقا چىققاندا كۆزەينەك تاقاش لازىم؛ تۆتىنچىدىن، يۇيۇلغان كىرلەرنى ئۆي ئىچىگە ئەمەس، سىرتىغا يېيىش زۆرۈر؛ بەشىنچىدىن، يىللىق دەم ئېلىشنى باھار پەسلىگە توغرىلاپ، دېڭىز بويىغا بېرىپ دەم ئېلىشمۇ ياخشى چارە. 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى