ساغلاملىق

باش كۈزدە پاشا چېقىۋالسا مۇنداق قىلىڭ…

باش كۈزدە پاشا چېقىۋالسا مۇنداق قىلىڭ...

تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلىتسىيە گىرادۇسقا چۈشكەندە پاشا كۆپىيىشتىن توختايدۇ، بۇنداق چاغدا جان قايغۇسىدا قالغان پاشا توختىماي ئادەم چېقىپ ئوزۇقلۇق توپلايدۇ، شۇڭا باش كۈزدە پاشا تېخىمۇ غالجىرلىشىپ ئادەم چاقىدۇ، بۇنداق چاغدا بىز تىلغا ئالىدىغان قىچىشىشنى باسىدىغان تەبىئىي دورىلار كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ.

باش كۈزدە پاشا چېقىۋالسا مۇنداق قىلىڭ...

تاۋۇزنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تېز تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا تېرىگە تاۋۇز شاپىقىنى سۈركىسە، تەركىبىدىكى سۇ پارغا ئايلىنىش داۋامىدا سالقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، قىچىشىشنى ناھايىتى تېز توختىتىدۇ.

باش كۈزدە پاشا چېقىۋالسا مۇنداق قىلىڭ...

چايدىكى چاي پونېفىنولىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى توختىتىش رولى بار، شۇڭا چاينى قويۇلدۇرۇپ سۈركەپ بەرسە قىچىشىش توختايدۇ.

باش كۈزدە پاشا چېقىۋالسا مۇنداق قىلىڭ...

لىموننىڭ كىسلاتالىقى بىر قەدەر روشەن، سەبرىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، شۇڭا ئۇلارمۇ قىچىشىشنى تېز توختىتىدۇ. لىمون بىلەن سەبرىنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقارغاندىن كېيىن، پاشا چاققان يەرگە سۈركەپ بەرسە، قىچىشىشنى توختاتقىلى بولىدۇ.

باش كۈزدە پاشا چېقىۋالسا مۇنداق قىلىڭ...

ئەگەر ئۆيدە يالپۇز تەملىك چىش پاستىسى بولسا، ئۇنى پاشا چاققان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسىمۇ قىچىشىش تېز توختايدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى