ساغلاملىق

قىش پەسلىدە تېرە تېز قېرىيدۇ

قىش پەسلىنىڭ سوغۇق تېپېراتۇرىسى تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ يېرىۋېتىدۇ، يەنە ئادەمنى تېز قېرىتىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا «ئوقۇرمەن تەرمىلەر» ژۇرنىلى قىش پەسلىدە تېرە ئاسان قېرىيدىغان بىر قانچە سەۋەبنى خۇلاسىلىدى.

تېرە كېسەل ئېغىرلىشىدۇ. قۇرغاق، ناچار شارائىت دائىم تېرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، قىزارتىپ، سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، ئاسانلا قىزىل بۇرۇن قاتارلىق تېرە كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. نۇرغۇن تېرە كېسلى قىشتا ئېغىرلىشىدۇ، بۇ تېرىنىڭ تېز قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سىرتتا ئاپتاپتىن ساقلانماسلىق. قىشتا قۇياش نۇرىنىڭ ئۇزۇن دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ياز پەسلىدىكىدىن ئاجىز بولمايدۇ، بۇ تېرە راكىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بالدۇر قېرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.

دائىم ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش. سوغۇقتا، كىشىلەر ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشنى ياقتۇرىدۇ، لېكىن سۇ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولغاندا، تېرە تەبىئىي مايدىن ئايرىلىپ، تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا يۇيۇنۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئازلىتىش، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بەدەننى ئىللىتىدۇ، بىراق تېرە ساغلاملىقى يېڭى مېۋە-كۆكتاتلارغا ئېھتىياجلىق.

پار زىيادە قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ. قىشتا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۆي ئىچىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكتىن، تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، ئادەتتە نەملىكنى ئاشۇرۇش ئەسۋابىنى دائىم ئېچىپ قويۇش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى