ساغلاملىق

جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئۆزگىرىشىگە بۇ ئالتە ئىش سەۋەبچى

تۇرمۇشتا ھەر بىرىمىزدە يارا ئېغىزى ياللۇغلىنىش، يۇتقۇنچاق ياللۇغلىنىش دېگەندەك ئۇنداق-بۇنداق ياللۇغلىنىش كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، جىگەر ياللۇغى ئاڭلىماققا ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى ۋە تېرە ياللۇغىدەك ئېغىر بىلىنمىسىمۇ، جىگەر ياللۇغى جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكىنىڭ باشلىنىشى بولىشى مۇمكىن. كىشىلەر جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن قورقمايدۇ لېكىن جىگەر راكى بولۇپ قېلىشتىن چوقۇم قورقىدۇ.

ئۇنداقتا جىگەر ياللۇغى بولۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ جىگەر ياللۇغىغا سەل قارىماسلىق كېرەك، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى ئىشلاردىن يىراق تۇرغاندا جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئۆزگىرىشىگە بۇ ئالتە ئىش سەۋەبچى

دائىم ھاراق ئىچىش

جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغاندا ئاسانلىقچە جىگەر راكى بولۇپ قالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ھاراقتىن يىراق تۇرىشى كېرەك، چۈنكى ھاراقنىڭ زەھىرى جىگەر تەرىپىدىن پارچىلىنىدىغان بولۇپ، جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ، ئاقىۋەتتە جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەيلى ساغلام كىشىلەر بولسۇن ۋە ياكى جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بولسۇن چوقۇم ھاراقتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئۆزگىرىشىگە بۇ ئالتە ئىش سەۋەبچى

2. ئېغىرلىقىنى تىزگىنلىمەسلىك، سەمىرىپ كېتىش

سېمىز كىشىلەردە ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاش كۆرىلىدۇ، بەزىلەر بۇنى كىچىك ئىش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە جىگەرنى ماي قاپلاش جىگەر ياللۇغىدىن پەرقلەنمەيدۇ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جىگەر قېتىشىش باسقۇچىغا بېرىپ بولغاندا داۋالاپ ساقايتىش بەكلا تەس بولۇپ قالىدۇ.

3. دائىم تاماكا چېكىش

سىز تاماكا چېكىش پەقەت ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئەمىليەتتە تاماكا چېكىش جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ. جىگەر بەدەننىڭ زەھەر تازىلاش زاۋۇتى، تاماكا جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتكەندىن باشقا، قان-تومۇرلارغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، جىگەرگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھازىر تاماكا چېكىۋاتقان بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ تاماكا تاشلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.

4. كۆكىرىپ قالغان يەر ياڭىقى، قوناقنى ئېستىمال قىلىش

ئەگەر ئۆيىڭىزدىكى يەر ياڭىقى، قوناق، گۈرۈچ، پۇرچاق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ كۆكىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىڭىز چىداپ تاشلىۋېتىڭ، چۈنكى بۇلارنى يېسىڭىز بەدىنىڭىزدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولۇپ، سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، جىگەرنىڭ نورمال ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جىگەر راكى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا ئۆزگىرىشىگە بۇ ئالتە ئىش سەۋەبچى

5.مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر

ئادەتتە جىگەر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى مايلىق نەرسىلەرنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلىشىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئاز يېيىش، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋەتمەسلىك، سالامەتلىك ئۈچۈن ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

6.قالايمىقان دورا ئىشلىتىش

دورىلار جىگەر تەرىپىدىن پارچىلىنىدىغان بولغاچقا، قالايمىقان دورا يېيىش بىۋاستە جىگەرنى زەھەرلەيدۇ، دورا يېگەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېيىش، ھەرگىزمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى