ساغلاملىق

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن قوغدانغىلى بولىدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېلىپ كەلگەن خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقتىن، 1992-يىلى دۆلەتلىك سەھىيە ئىدارىسى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى پىلانلىق ئىممۇنتېت باشقۇرۇش قاتارىغا كىرگۈزگەن، يېڭى تۇغۇلغان بارلىق بوۋاقلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنى بەلگىلىگەن، 22 يىلدىن كېيىن يەنى 2014-يىلى دۆلىتىمىزدىكى 29~1 ياشقىچە بولغان كىشىلەردىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنىپ، تەركىبىدىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى تەكشۈرۈلگەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 14 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %1 گىمۇ يەتمىگەن، دېمەك بۇ بالىلار ئاستا خارەكتېرلىك جىگە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ خەتەرلىك باسقۇچىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كەتكەن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋاكسىنا ئەملەش ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بولغان.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

1.داۋالاش نىشانى

ئاستا خارەكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكىغا ئۆزگىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ بىمارلارنىڭ ئۆمۈر كۆرىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلېكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.

ئاساسى نىشان: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى يوقىتىش، جىگەر ئىقتىدارى نورماللاشتۇرۇش.

ئەڭ ئاخىرقى نىشان: جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىمارلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

2. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟

ئەگەر بىمارنىڭ بەدىنىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئۇزۇن مەزگىل ساقلانغان بولسا، ۋىرۇسنىڭ مىقدارى خەلقئارا بېكىتكەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

3. دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلار

دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئۈنۈمى ياخشى بولغان دورا ئىككى خىل بولۇپ، بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

ئاستا خارەكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش ئۇزۇن جەريان بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىدىغان ۋاقتى، كېسەل ئازابىنى تارتىدىغان ۋاقتى خېلىلا ئۇزۇن، بىمارلار چوقۇم ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى، دورىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى، ياخشى بولغان كەيپىيات بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىغان نىسبەتەن، ھازىر جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇللار ئىنتايىن كۆپ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى كونتىرول قىلغىلى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنور قۇيۇش، بالدۇر داۋالاشتۇر، ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرىغا نىسبەتەن بالدۇر داۋالاش كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان مۇنتىزىم، نوپۇزلۇق دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى، يالغان، كۆپتۈرۋېتىلگەن ئېلانلارغا ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى