ساغلاملىق

جىگىرىدە مەسىلە بارلارنىڭ بۇ 4 يېرى قارىدايدىكەن

جىگىرىدە مەسىلە بارلارنىڭ بۇ 4 يېرى قارىدايدىكەن

جىگەر پۈتۈن بەدەننى تەڭشەش ماشىنىسى بولۇپ، قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەزا ۋە قان-تومۇرلارنى توسالغۇسىز ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر جىگەردىن مەسىلە كۆرۈلسە، چىرايى جىگەر كېسەللىك بىمارلىرىنى تارتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

چىرايى جىگەر كېسەللىك بىمارىنى تارتىش كۆپىنچە تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ، قارىداپ، ئۆچۈشىدە ئىپادىلەنسە، قىسمەن كىشىلەرنىڭ يۈز قىسمى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان قىسىملىرىنىڭ تېرىسىدىكى پېگمىنىتلار يىغىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ كۆز ئەتراپى پېگمىنىتلىرىدا بۇ ئەھۋال كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا دائىم ئۇچرايدىغان ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

1. جىگەردە مەسىلە بولسا چىراي قارىدايدۇ

چىرايى جىگەر كېسەللىك بىمارىنى تارتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا يۈز قىسمىنىڭ رەڭگى بارغانسېرى ئۆچۈپ، چىرايى قارىداپ، ئېلاستىكىلىقى ناچارلاپ، تېرە قۇرغاق، يىرىك بولۇپ، ھەتتا چىرايى بارغانسېرى سارغىيىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزى بىمارلارنىڭ يۈز ۋە بۇرۇن قىسمىدىكى ئىنچىكە قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، تالا تورلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

2. جىگەردە مەسىلە بولسا، كۆز ئەتراپى قارىدايدۇ

بەزى بىمارلارنىڭ كۆز ئەتراپىنىڭ خۇنۇكلىشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «مۈشۈكئېيىق كۆز»گە ئوخشاپ قالىدۇ.

3. جىگەردە مەسىلە بولسا تىرناقتا قارا داغ پەيدا بولىدۇ

ساغلام كىشىلەرنىڭ تىرنىقىدا قاننىڭ يەتكۈزۈلۈشى يېتەرلىك بولغاچقا، تىرنىقى ھال رەڭدە بولۇپ، سىرتقى يۈزى سىلىق ھەم پارقىراق، نېپىز-قېلىنلىقى مۇۋاپىق بولۇپ، توغرا ياكى تىك سىزىقلار، داغلار بولمايدۇ. تىرناقتا قارا داغ پەيدا بولسا، قان ئايلىنىشتا مەسىلە كۆرۈلگەنلېكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆسمە، گانگرېنا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك.

4. جىگەردە مەسىلە بولسا كالپۇك رەڭگى قارامتۇل بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ

ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قان ئايلىنىشى نورمال كىشىلەرنىڭ كالپۇك رەڭگى سۇس ھال رەڭدە بولۇپ، پارقىراپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى جىگىرىدە يەل تۇرۇپ قالسا، قان ئايلىنىش راۋان بولمىسا كالپۇك رەڭگى كۆكىرىپ قالىدۇ. كالپۇك رەڭگىنىڭ قارامتۇل بىنەپشە رەڭدە بولۇشى جىگەردە قان ئۇيۇپ قالغانلىقنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، ئەگەر ئاياللاردا بۇ ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەيزنىڭ نورمالسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى قان ئايلىنىش راۋان بولمىسا، ئاسانلا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توختاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

* جىگەر قۇۋەتلەشتىكى تۆت ئەڭگۈشتەر

نېمە يېسە جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ؟

 

جىگىرىدە مەسىلە بارلارنىڭ بۇ 4 يېرى قارىدايدىكەن

 

1. ئاپېلىسىن

تەركىبىدە مول ۋىتامىنC بولۇپ، جىگەردىكى زەھەرنى ھەيدەشكە ياردىمى بار. بىراق كۆپ ئېستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر كۆپ ئېستىمال قىلىنسا ئاسانلا ئىسسىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئاچ قورساق يېسە ئاشقازاننى زەخمىلەيدۇ.

 

جىگىرىدە مەسىلە بارلارنىڭ بۇ 4 يېرى قارىدايدىكەن

2. بۆلجۈرگەن

جىگىرىنى ئىسسىق قاپلىغۇچىلارغا نىسبەتەن، بۆلجۈرگەن جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ ھەم ئىسسىقنى ئالىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۆلجۈرگەننىڭ تەبىئىيتى سوغۇق، تەمى چۈچۈمەلگە مايىل بولۇپ، جىگەرنى ئاسرايدۇ. قىزىل رەڭ يۈرەككە تۇتاش دېگەندەك، يۈرەكتىكى ئىسىقنىمۇ ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، بۆلجۈرگەن تىپىك مۇراببا مېۋىسى بولۇپ، تەركىبىدە مول ۋىتامىنC بار، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردىمى بولۇپ، ھۈجەيرىلەر ئوزۇقلىنىدۇ. تەبىئىي ياللۇغ قايتۇرۇش تەركىبى مول بولۇپ، ئەركىن رادىكالنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سانىنى ئازايتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرۇپ، سەگەكلەشتۈرىدۇ.

 

جىگىرىدە مەسىلە بارلارنىڭ بۇ 4 يېرى قارىدايدىكەن

3. نەشپۈت

نەشپۈتنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولۇپ، جىگەرنى ئاسراپ، ھەزىمگە ياردەملىشىدۇ. شۇڭا جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش بىمارلىرىغا ياردەمچى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

 

جىگىرىدە مەسىلە بارلارنىڭ بۇ 4 يېرى قارىدايدىكەن

4. شوخلا

تەركىبىدە مول ۋىتامىنC ۋە لىكوپىن بار. جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىز كىشىلەر دائىم شوخلا، ئۆردەك تۇخۇمى شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار. بۇنى جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى كۈندىلىك يېمەكلىك ئورنىدا ئېستىمال قىلسا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مۇنتىزىم لاياقەتلىك ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنىڭ ئېمۇنېتىت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. بىراق بۇنى كېسەل داۋالاشنىڭ مەقسىتى قىلمىغاندا، داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ. جىگەر كېسەللىكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، جىگەر كېسەللېكىنىڭ جىگەر راكىغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى