ساغلاملىق

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىمايدۇ؟ بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.

ئىدارىدىكى خىزمەتدىشىمىز شياۋ جاڭ بىر «خىزمەت تەلۋىسى» بولۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، تۈنەش ئۇنىڭغا نىسبەتەن دائىملىق ئىش ئىدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە بىر چوڭ تۈر سەۋەبىدىن شياۋجاڭ ئۇدا نەچچە ئاي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كۆز ئېقىنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلېكىنى كۆرۈپ،سەل ئەنسىرەپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشقا ئۈندىگەن.

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىمايدۇ؟

ناھىيەسىگەرچە ئىلگىرى شياۋجاڭ سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە جىگەر ياللۇغى بارلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى بىئاراملىق ھېس قىلمىغاچقا پەرۋا قىلمىغان. لېكىن، يېقىنقى بىر ئايدا ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كۆزىنىڭ سارغىيىپلا قالماي، يەنە كۈندىن-كۈنگە ياداپ كەتكەنلېكىنى بايقىدى، شياۋجاڭ ئاندىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتى.

تەكشۈرتمىگەن بولسا بىلمەيتتى، تەكشۈرتكەندىن كېيىن جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، شياۋجاڭ بۇنى ئاڭلاپ نېمىشقمۇ بالدۇرراق دوختۇرخانىغا كەلمىگەندىمەن دەپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

ئۇنى داۋالىغان دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكى جىگەر راكى تىرىلوگىيەسى دەپ ئاتىلىدىكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە جىگەر راكى بىمارلىرىنىڭ %80 ~ %90ى جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ؟ لېكىن يەنىلا ئاغرىمايدۇ، قىچىشمايدۇ؟

جىگەر راكى ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئۆسمە كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جىگەر راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب، ئەڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بايقاشنىڭ تەس بولۇشىدا.

جىگەر بەدىنىمىزدىكى بىر مۇھىم ھەم ئالاھىدە ئەزا، مۇھىمى جىگەر بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قاتارلىقلار زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىرى تەسىرگە ئۇچۇرسا پۈتۈن بەدەنگە تەسىر يېتىدۇ.

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىمايدۇ؟

ئالاھىدە يېرى شۇكى، جىگەردە ھېچقانداق ئاغرىق سېزىش ھۈجەيىلىرى يوق ، شۇڭا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە ھېچقانداق ئاغرىق سېزىمى بولمىغاچقا بۇنى سىزىشمۇ تەس .

جىگەر راكى ھىيلىگەر دۈشمەن بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى يوشۇرىدۇ، لېكىن دۈشمەن ھەرقانچە ھىيلىگەر بولسىمۇ، يەنىلا چاندۇرۇپ قويىدۇ.

بۇ ئالامەتلەر پەيدا بولغاندا جىگەر راكىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!

1. پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر

دائىم چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، تۆۋەن قىزىتما، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى جىددىي تۆۋەنلەش (بولۇپمۇ بىر ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى 10 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تۆۋەنلەش) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. ھەزىم قىلىش يولى ئالامەتلىرى

ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، بىر نەرسە يېگەندىن كېيىن دائىم قورساق كۆپۈپ بىئارام بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىمايدۇ؟

پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئوخشاش، بۇ ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى قارىماققا ئالاھىدە ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، شۇنداقلا ئاسانلا سەل قارىلىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر پەيدا بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش.

3. بۇرۇن بوشلۇقى ۋە چىش مىلىكى تەكرار قاناش

بۇرنى دائىم قاناش دېگەندە نۇرغۇن دوستلار تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايال باش رولچىنى ئېسىگە ئېلىشى مۇمكىن.

شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە چىش مىلىكى قايتا-قايتا قانىسا، قان كېسەللىكلىرىدىن باشقا، يەنە جىگەر راكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. جىگەر ئىقتىدارى زەخىملەنگەندىن كېيىن، جىگەر راكى بىمارلىرىدا قاناش مايىللىقى ۋە قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: بۇرۇن بوشلۇقى، چىش مىلىكى قاناش، قان قۇسۇش، چوڭ تەرەت قارا كېلىش قاتارلىقلار.

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىمايدۇ؟

4. جىگەر ئەتراپى ئاغرىش

ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق (جىگەر رايونى) ئاغرىش جىگەر راكىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىپادىسى. ئادەتتىكى ئاغرىقتىن پەرقلىنىدۇ، جىگەر راكىنىڭ ئاغرىشى كۆپىنچە داۋاملىق يوشۇرۇن ئاغرىش، كۆپۈپ ئاغرىش ياكى ئاستا ئاغرىش بولۇپ، كەچتە ياكى چارچىغاندىن كېيىن ئېغىرلىشىدۇ.

شۇڭا، بىز بەدىنىمىزدىكى بەزى كىچىك نورمالسىزلىقلارغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. بەدەن ئەزالىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە بەدەندە جەزمەن بىر قىسىم نورمالسىزلىقلار پەيدا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىزگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش. كۆپچىلىك چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى ئالتە خىل كىشىلەر توپى ھەر ۋاقىت B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HBV) ۋە ياكى C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HCV) بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان، ئىسپىرتسىز ياغسىمان جىگەر ياللۇغى، ئۇزاق مەزگىل ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغانغان يېمەكلەرنى يېيىش ۋە سۇلارنى ئىچىش ھەمدە باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكى جەمەت تارىخى بارلار، 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ.

نېمە ئۈچۈن جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىمايدۇ؟

يۇقىرىقىلار جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى بولۇپ، جىگەر راكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا جىگەر راكىنىڭ ئۆزىگە غايەت زور زىيان ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى