ساغلاملىق

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

7-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى. بۇ يىلقى تەشۋىقاتنىڭ باش تېمىسى «ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش، داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جىگەر ياللۇغىنىڭ زىيىنىنى ئومۇميۈزلۈك توسۇش»، بۇنىڭدىكى مەقسەد ئاساسلىقى ئاممىنى جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەملەشكە، جىگەر ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈشكە چاقىرىش. ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى قېلىپلاشقان داۋالاشنى قوبۇل قىلسا، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەھدىتىنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلىگىلى بولدۇ.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

جىگەر ھەقىقەتەن بىر ئىشچان ئەزا، ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىدۇ. جىگەر مۇھىم ئەزا، لېكىن بىز ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى، سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيمىز. ئۇ يۈرەككە ئوخشاش جىددىي سېلىپ، ئۆپكىگە ئوخشاش سىزنى توختىماي يۆتەلدۈرۈپ، ئاشقازانغا ئوخشاش كۆپۈپ، ئېچىشىپ بىزنى بىئارام قىلمايدۇ، جىگەر «بىئاراملىق ھېس قىلغان» تەقدىردىمۇ ئۆزىلا بىلىپ «قاقشىمايدۇ». جىگەردە ئاغرىق سېزىمى نېرۋىسى بولمىغاچقا نېرۋا مەركىزىگە بىۋاسىتە سىگنال يەتكۈزۈش قىيىن بولىدۇ، ئادەتتىكى زەخىملىنىشكە نىسبەتەن جىگەر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋاكالىتەن ئۈستىگە ئېلىش ۋە قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارى بىلەن بەرداشلىق بېرىپ «ئىگىسىگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەيدۇ». باشقا نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ يېنىك دەرىجىدىكى جىگەر زەخىملىنىش ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى جىگەر ئۆسمىسىنىڭ ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىر كۈنلەردە جىگەردە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسا ئاللىقاچان جىگەر قېتىش، ھەتتا جىگەر راكىغا ئايلىنىپ بولغان بولىدۇ. جىگەر گەرچە «جىمىغۇر» بولسىمۇ لېكىن بىز ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك، ئۇنداقتا جىگەرنى قانداق ئاسرايمىز؟

1. ئالدىن بىلەن تۆۋەندىكى ئاسانلا جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

① ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش

بەزى ۋىرۇسلار جىگەرنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار جىگەرخۇمار ۋىرۇس دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ۋىرۇسلار A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HAV) ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HBV) ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HCV) ۋە E تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى (HEV) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلىتىمىزدە بىرلەمچى جىگەر راكى بىمارلىرى ئىچىدە تەخمىنەن %90ىنىڭ HBV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچقا HBV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش HBV بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. HCV قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بولۇپمۇ ۋېنادىن زەھەر چېكىش، بەدەنگە گۈل چېكىش ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى HCV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يولى.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

② پارازىت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىگەر شورىغۇچ قۇرتى بىلەن يۇقۇملىنىش بارغانسېرى كۆپەيدى، جىگەر شورىغۇچ قۇرتى تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ تېنىدە ۋە چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى مەسىلەن: سالمون بېلىقلىرى تېنىدە پارازىت ياشايدۇ، بىز تېنىدە مۇشۇ خىل پارازىت قۇرۇت بار خام بېلىقنى ئىستېمال قىلغان ۋاقتىمىزدا جىگەر-ئۆت سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا جىگەر-ئۆت سىستېمىسى راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا خام بېلىق يېگەندە قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن- ئۆتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

③ ماددا ئالمىشىشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر

سېمىزلىك ماي مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش ھەتتا جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىيابېت كېسىلى مېتابولىزم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ماي مەنبەلىك جىگەر كېسىلىنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، يەنە جىگەر ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى دىيابېت كېسىلى جىگەر باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش (باكتېرىيەلىك جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى)نىڭ مۇھىم پەيدا قىلغۇچى ئامىلى.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

④ ئىسپىرت

ھاراق ئىسپىرت دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە چوقۇم كۆپ مىقداردىكى ئىسپىرت بەدىنىمىزگە كىرىدۇ، مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش، ھەتتا جىگەر راكى پەيدا بولىدۇ.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

⑤ دورا

نۇرغۇن دورىلار دورا مەنبەلىك جىگەر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزى رېتسېپلىق دورىلار مەسىلەن: تۇبېركۇليوزغا قارشى دورىلار، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار، خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىش، دورا مەنبەلىك جىگەر زەخىملىنىشىنى بالدۇر بايقاش كېرەك. رېتسېپسىز دورىلارنىڭ ئىچىدە زۇكام دورىلىرىغا ئوخشاش دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە ئاتسېتىل فېنول بار، ئەگەر ئىشلىتىلىش مىقدارى كۆپرەك بولسا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈنۈمى ۋە ئەكس تەسىرى ئېنىق بولمىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

كىلىنىكىدا قىسمەن بىمارلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئەمەسلىكى ياكى جىگەر ئاللىقاچان قېتىشىپ بولغانلىقى بايقالغان، لېكىن كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئاساسلىقى كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلىقتىن ياكى كېسەللىك مەنبەسى تەكشۈرۈلگەن ۋاقىتتا يوقالغان بولغانلىقتىن پەقەت كىلىنىكىلىق ۋە تەكشۈرۈشتىكى يىپ ئۇچى ئارقىلىق سەۋەبىنى ئاندىن تاپقىلى بولىدۇ.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

2. جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە. ھازىرغىچە رەسمىي ئەملەشكە بولىدىغانلىرىدىن A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋە E تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بار.

2. ناچار قىلمىشلاردىن ساقلىنىش

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن ھوشيار بولۇش كېرەك:

① ھەر خىل قان ياسالما بۇيۇملارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىپ، مۇنتىزىم بولمىغان شىپاخانىلاردا داۋالىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

② ئوكۇل سالغاندا چوقۇم بىر قېتىملىق ئىشپىرىس ئىشلىتىش كېرەك.

③ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە چوقۇم قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

④ مۇنتىزىم بولمىغان بەدەن چەكمىسى دۇكىنى ياكى ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ چەكمە چەكتۈرۈش ۋە ھۆسن تۈزىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

⑤ شەخسىي بۇيۇملارنى ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك.

⑥ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئانىدىن بالىغا تارقىلىشىنى توسۇشقا بولىدۇ.

⑦ جىنسىي ھەمراھلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە گاندون ئىشلىتىش كېرەك.

⑧ ياش-ئۆسمۈرلەرگە توغرا جىنسىي تەربىيە بېرىش كېرەك.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

A تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن E تىپلىق جىگەر ئاساسلىقى ئېغىز يولى ئارقىلىق يۇقىدۇ، دائىم ئۇچرايدىغىنى سۇ، يېمەكلىك ياكى كۈندىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاساسلىقى شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

① پات-پات كىيىم ئالماشتۇرۇش، پات-پات يۇيۇنۇش، يوتقان- كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش.

② چىش چوتكىسى قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملارنى باشقىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش.

③ يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىنى ئالاھىدە كۈچەيتىش كېرەك. گۆش تۈردىكى پىششىق يېمەكلىكلەرنى تولۇق قىزدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يېيىش، قاينىتىلمىغان سۇ ئىچمەسلىك، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش، كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

4. ئېغىزنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

جىگەرنى ماي قاپلاش سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى ياكى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ، يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ۋە چېنىقىشنى كۈچەيتىش ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ماي ۋە شېكەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش كېرەك.

① ھايۋانات مېيى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

② ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنى كۆپەيتىش مەسىلەن: كالا سۈتىنى كۆپ ئىچىش، سېرىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار.

③ بەدەننىڭ يېمەكلىك تالاسىنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىپ كۆكتاتنى كۆپ يېيىش.

④ تاماقنى تەرتىپسىز يېيىشتىن ساقلىنىش، ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يېيىش، چۈشلۈك تاماقنى تويغىچە يېيىش، كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك. كېچىلىك تاماق يېيىش، تېز يېيىش، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

⑤ ھاراق ئىچمەسلىك ياكى مۇۋاپىق ئىچىش كېرەك، چۈنكى ئىسپىرت ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىنبىر سەۋەب، شۇنداقلا باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسەللىكلىرىنى قوزغاتقۇچى ئاساسلىق سەۋەب.

5. قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھەرىكەت مۇسكۇللارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق سەرپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماي مېتابولىزمىنى تېزلىتىپ، ئىلگىرى بەدەندە ساقلانغان ماينى ئازايتىدۇ.

① سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر خىل ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلەن: تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار، بۇ ھەرىكەتلەرنى ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە قىلىش، ھەر قېتىم 30 مىنۇتتىن ئارتۇق بەرداشلىق بېرىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

② چېنىقىشتا زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

6. دورىنى قالايمىقان يېمەسلىك

دورا مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى ۋە ماي مەنبەلىك جىگەر كېسىلى (ئىسپىرتسىز جىگەر ياللۇغى)دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

① بەزى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى يوق دەيدىغان كونا كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، دورىلارنىڭ جىگەرنى زەھەرلەش ئېھتىماللىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

② جىگەرنى زەھەرلەيدىغان دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ياكى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

③ دورا ئىشلەتكەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك.

④ ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن جىگەر كىچىك ۋېناسى توسۇلۇش كېسىلى قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان خەۋەرلەر پات-پات گېزىتتە ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ.

7. سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە قايتا تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش

ساغلام كىشىلەر ھەر يىلى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈشى كېرەك، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى بار بىمارلارغا ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بىر قېتىم قايتا تەكشۈرتۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ. جىگەر قېتىشىش كېسىلى بار بىمارلار ھەر ئۈچ ئايدا قايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك، قايتا تەكشۈرتۈش تۈرى جىگەر-بۆرەك ئىقتىدارى، قاننى ئادەتتىكى تەكشۈرۈش، جىگەر رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، جىگەر قاتتىقلىقىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 35 ياشتىن ئاشقان بىمارلار يەنە جىگەر ئۆسمىسىنىڭ بەلگە ماددىسىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.

جىگەرنىڭ ئاساسلىق ئالتە چوڭ ئىقتىدارى

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

1. مېتابولىزم ئىقتىدارى

ئادەم بەدىنىدىكى ھەر كۈنى قۇبۇل قىلىدىغان ئۇزۇقلۇقلار ئاشقازان-ئۈچەي ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن جىگەرگە توشۇلىدۇ. بۇ ماددىلار جىگەر مېتابولىزمى جەريانىدا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان قىسمىغا ئايلىنىدۇ، ئەگەر جىگەر زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، جىگەرنىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولىدۇ، ھەتتا ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

2. ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىر كۈندە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى 800-1000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئادەم بەدىنىگە ئوزۇقلۇق كىرگەندىن كېيىن ئۆت خالتىسى قويۇقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ، يېمەكلىك بىلەن ئارىلىشىپ، ئاساسلىقى ياغنى ھەزىم قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

3. زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى

ئادەم ئاغرىپ قالغاندا دورا ئىچسە، ئوكۇل ئۇرسا، ئاسما ئاسسا ياكى بەدەندىكى مېتابولىزمدا پەيدا بولغان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ھەممىسى جىگەردە تازىلىنىپ، زەھەرسىز ياكى ئېرىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ماددىغا ئايلىنىپ، ئاندىن ئۆت سۇيۇقلۇقى ياكى سۈيدۈككە ئەگىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، جىگەردە ئېغىر كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە، زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئاجىزلىشىدۇ.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

4. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى

جىگەر ئىچىدە مول مىقداردا يۇتقۇچى ھۈجەيرە بار، بۇ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر تاشقى مۇھىتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋە بەدەندە پەيدا بولغان ھەر خىل نەرسىلەرنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ ۋە تازىلىيالايدۇ، ئۇ ئورگانىزمنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

5. قان ئۇيۇش ئىقتىدارى

بارلىق قان ئۇيۇتقۇچى مولېكۇلالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جىگەردە ياسالغان. بىماردا ئېغىر جىگەر كېسىلى كۆرۈلگەندە جىگەردە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قان ئۇيۇتقۇچى مولېكۇلىلار ئازىيىدۇ، قان ئۇيۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، بۇرۇن قاناش، چىش مىلىكى قاناش ۋە تېرىدە قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بۈگۈن دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، جىگەر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

6. قان ئىشلەش، قان ساقلاش ۋە قان ئايلىنىشنى تەڭشەش ئىقتىدارى

ھامىلە 8-12 ھەپتىلىك بولغاندا جىگەر ئاساسلىق قان ئىشلەش ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىگىرىنىڭمۇ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن جىگەر قان ئىشلىمەيدۇ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا جىگەر قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. جىگەردىكى قان ئېقىمى ناھايىتى كۆپ، قان سىغىمچانلىقىمۇ ناھايىتى چوڭ، چۈنكى قان ئىككى تال قان تومۇر (قاپقا ۋېناسى ۋە جىگەر ئارتېرىيەسى) ئارقىلىق جىگەرگە كىرىدۇ، يەنە بىر تال قان تومۇر (جىگەر ۋېناسى) ئارقىلىق جىگەردىن چىقىدۇ، جىگەر خۇددى زاپاس ساقلاش ئۆيىگە ئوخشايدۇ، باشقا ئەزالار ئېھتىياجلىق بولغاندا بىر قىسىم قان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى