ساغلاملىقيېمەك-ئىچمەك

ھەسەل سوقىچاق نەشپۈت ئارقىلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش

ھەسەل سوقىچاق نەشپۈت ئارقىلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش

 ماتېرىيالى: سوقىچاق نەشپۈتتىن ئىككى دانە، سۇدىن 500 مىللىلىتېر، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: سوقىچاق نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يالپاقلاپ توغراپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ، نەشپۈتنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، سوۋۇغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. كۈنىگە 1-2 ۋاخ ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
 رولى: نەشپۈت بەدەنگە سۇيۇقلۇق تولۇقلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، يۆتەل توختىتىش، قان تولۇقلاش، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، قىزىتما ياندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھەسەل تەركىبىدىكى گىلۇكوزا بىلەن مېۋە شېكىرى جىگەرنى قوغدايدۇ. ھەسەل بىلەن سوقىچاق نەشپۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، جىگەر كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى