ساغلاملىق

بەلباغسىمان قوقاق ھەققىدە چۈشەنچىڭىز بارمۇ

ياشنىڭ چوڭىيىشى ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ بارغانسېىرى تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك پەيدا بولىدىغان بەلباغسىمان قوقاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ مۇھىم.

بەلباغسىمان قوقاق ھەققىدە چۈشەنچىڭىز بارمۇ

1. بەلباغسىمان قوقاق قانداق پەيدا بولىدۇ؟

بەلباغسىمان قوقاق بولسا بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكى. بەلباغسىمان قوقاق ۋە سۇ چېچىكىنىڭ «باش جىنايەتچىسى» سۇ چېچىكى بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردىلا ئوخشاش بولمىغان كېسەللىكلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

بالىلىق مەزگىلىدە، سۇ چېچىكى-بەلباغسىمان قوقاق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەتتە سۇ چېچىكى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. سۇ چېچىكى ساقايغاندىن كېيىن، ۋىرۇس يەنىلا بەدەندىكى نېرۋا تۈگۈنىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. تېنى ساغلام بولغان تەقدىردىمۇ، بارلىق ياشانغان كىشىلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا سۇ چېچىكى-بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تۆۋەنلەپ، ۋىرۇس قايتا جانلىنىپ، بەلباغسىمان قوقاقنى قوزغايدۇ.

2. قايسى خىل كىشىلەر ئاسانلا بەلباغسىمان قوقاققا گىرىپتار بولىدۇ‎؟

ياش بولسا بەلباغسىمان قوقاقنىڭ ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىلى. 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ، ياش قانچە چوڭايغانسېرى شۇنچە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك ۋە ئىممۇنىتېتنى تىزگىنلەش داۋالىشى مەسىلەن خىمىيەلىك داۋالاش، ھورمۇن ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىقلارمۇ بەلباغسىمان قوقاق پەيدا قىلغۇچى خەتەرلىك ئامىلدۇر. تەخمىنەن ئۈچتىن بىر كىشى ئۆمرىدە بەلباغسىمان قوقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

3. بەلباغسىمان قوقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ بەدىنى زادى قانچىلىك ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بارمۇ‎‎؟

بەلباغسىمان قوقاقنىڭ ئاغرىقى ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:

بىرىنچى، جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدىكى ئاغرىق مەسىلەن: كۆيۈشۈپ ئاغرىش، توك سوققاندەك، پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىش قاتارلىقلار، بەلكىم بەزىدە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاغرىق، رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك راك ئاغرىقى قاتارلىقلاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ياشانغان بەلباغسىمان قوقاق بىمارلىرىدا جىددىي خاراكتېرلىك ئاغرىق تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر دەرىجىدە بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: تەشۋىشلىنىش، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش، نورمال خىزمەت قىلىش ياكى تۇرمۇش تەسىرگە ئۇچراش قاتارلىقلار.

بەلباغسىمان قوقاق ھەققىدە چۈشەنچىڭىز بارمۇ

بەلباغسىمان قوقاققا گىرىپتار بولغاندا، «بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دېگەندەك، ئېغىر ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى، بەلباغسىمان قوقاقتىن كېيىنكى نېرۋا ئاغرىش (PHN) بەلباغسىمان قوقاقنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكى. تەخمىنەن%9 تىن%34 كىچە بولغان بەلباغسىمان قوقاق بىمارلىرىدا بەلباغسىمان قوقاق ئارقا نېرۋىسى ئاغرىش يۈز بېرىدۇ، %30 تىن%50 كىچە بەلباغسىمان قوقاق نېرۋا ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ ئاغرىقى ئۇدا بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بىر قىسمى ھەتتا 10 يىل ياكى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ.

بەلباغسىمان قوقاق ساقايغاندىن كېيىن يەنىلا بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاغرىش داۋاملاشسا، بۇ بەلباغسىمان قوقاقنىڭ نېرۋا ئاغرىقىغا تەۋەدۇر.

بەلباغسىمان قوقاقتىن كېيىن نېرۋا ئاغرىسا، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. %45تىن ئارتۇق بەلباغسىمان قوقاق كېسىلى بىمارلىرىدا تەشۋىشلىنىش، قايغۇرۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ %40تىن ئارتۇق بىماردا ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا كاشىلا قىلىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛ تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، %60 بىماردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئويى بولغانىكەن.

4. بەلباغسىمان قوقاقنى قانداق داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

بەلباغسىمان قوقاقنىڭ داۋالاش نىشانى جىددىي خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەسەيتىش، تېرە زەخىملىنىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، تېرە زەخىملىنىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەلباغسىمان قاپارتما نېرۋا ئاغرىقى (PHN) قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى يېنىكلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەلباغسىمان قوقاق ھەققىدە چۈشەنچىڭىز بارمۇ

نۆۋەتتە بەلباغسىمان قوقاقتا كۆپ ئۇچرايدىغان دورا داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاش بولۇپ، كېسەللىك جەريانىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قىسقارتىپ، ئەسۋەنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىپ، ۋىرۇسنىڭ ئىچكى ئەزالارغا تارقىلىشىنى ئازايتىدۇ. ئەسۋە چىقىپ 24 ~ 72 سائەت ئىچىدە ئىشلىتىشكە باشلىغاندا ئاندىن ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كونكرېت داۋالاشتا كەسپىي دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى چەكلىك، ۋاكسىنا ئەملەش بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، بەلباغسىمان قاپارتما كېسىلىنىڭ يۈكىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ.

ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىدىكىلىرىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولسىڭىز، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش دوختۇرلىرىدىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مەسلىھەت سوراڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى