تەرمىلەر

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار پەن-تېخنىكا مەدەنىيىتى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، زور دەرىجىدە تۇرمۇشىنى بېيىتتى ۋە ئاسانلاشتۇردى، قارايدىغان بولساق نۇرغۇن ماتېرىيال ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر خىل ماتېرىيال بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دەل سۇلياۋ.
سۇلياۋ بولسا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئىرىشىش ۋاسىتىسى ئىنتايىن ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، بىرقەدەر يېنىك قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

شۇڭا، سۇلياۋ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، بىز دائىم ئۇچرىتىدىغان سۇلياۋ بوتۇلكىلار، سۇلياۋ خالتىلار، ھەتتا بەزى كىيىدىغان كىيىملەرمۇ سۇلياۋدىن ياسالغان. ئەمەلىيەتتە، سۇلياۋدىن ئىبارەت بۇ خىل ماتېرىيالنىڭ دۇنياغا كېلىشى پۈتكۈل ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ قىياپىتىنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

ھەرقانداق نەرسىنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرىپى بولىدۇ. سۇلياۋ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارى مۇھىتىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپ «ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش» ئىنسانلارنىڭ ئەڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لېكىن نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ سۇلياۋغا بولغان تايىنىشچانلىقى بەك يۇقىرى بولغاچقا، پۈتۈنلەي ئىشلەتمەي تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر يىلى زور مىقداردا سۇلياۋ ئەخلەتلىرى پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ سۇلياۋدىن بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر جاي دەل دېڭىز-ئوكياندۇر.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

ئالدىنقى بىر نەچچە يىللىق سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆرسىتىش رەسىمىدىن بايقىلىشىچە، تىنچ ئوكياندا تۇيۇقسىز «يېڭى قۇرۇقلۇق» پەيدا بولغان، بۇ «يېڭى قۇرۇقلۇق» دەل سۇلياۋ ئەخلەتلەرنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق سۇلياۋ ئەخلەتلەر دېڭىزغا تاشلىۋېتىلىدىكەن، قالغان قىسمىنى ئىنسانلار يەر ئاستىغا كۆمۈپ، تەبىئەتنىڭ پارچىلىشىنى كۈتۈدىكەن، لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى، تەبىئەتنىڭ پارچىلىشىغا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

ئادەتتىكى بىر سۇلياۋ خالتا يەر ئاستىغا كۆمۈلگەندىن كېيىن، يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل پارچىلىنىپ بولىدۇ.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

نۇرغۇن كىشىلەر «سۇلياۋنى يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈۋەتسە، ئىنسانلارغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار بۇ خىل تەسىرگە ئۇچراشقا باشلاپ بولغان. چۈنكى سۇلياۋ تەركىبىدە سۇلياۋ دانچىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل نەرسە بار. بۇ خىل دانچە گەرچە سۇلياۋ پارچىلانسىمۇ، يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھايۋانلار ئوزۇقلۇق يېگەندە بۇ سۇلياۋ دانچىلىرىنى بەدىنىگە سۈمۈرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانلار باقمىچىلىقىدىكى جانلىقلارمۇ بار.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

بۇ خىل جانلىقلار ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ، 2019- يىللىق تەتقىقات جەريانىدا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سۇلياۋ دانچىلىرىنىڭ بارلىقى بايقالدى، شۇڭا بۇ سۇلياۋنىڭ ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە بۇ خىل سۇلياۋ دانچىلىرنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشى بىر قەدەر ئاز، لېكىن بىز بۇ خىل زەررىچىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيمىز، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى خەۋەر بولماسلىقى مۇمكىن.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

شۇڭا، ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇلياۋنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان نەرسىنى ئىزدەش ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، سۇلياۋدىن باشقا يەنە ئىنسانلار تۇرمۇشىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەينەكنىڭمۇ زىيىنى ئوخشاشلا ئىنتايىن چوڭ. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەينەكنىڭ زىيىنى ھەتتا سۇلياۋدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئەلۋەتتە، ئەينەكنىڭ زىيىنى بىلەن سۇلياۋنىڭ يەنىلا ناھايىتى چوڭ پەرقى بار بولۇپ، سۇلياۋنىڭ پەيدا قىلىدىغىنى بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈش، ئەمما ئەينەك ئوخشىمايدۇ، ئەينەك تەبىئەت ۋە ئىنسانلارغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بىراق ئەينەكنىڭ زىيىنى كۆپىنچە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بولىدۇ، چۈنكى ئەينەكنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن زور مىقداردا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا زور مىقداردا زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەينەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى سىلىتسىيلىق قۇم، دولومىت قاتارلىقلار، بۇ ماتېرىياللارنىڭ قېزىلىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەڭ ئاساسلىقى تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينەكنى كۆيدۈرۈش جەرياندا زور مىقداردا كاربون دىئوكسىد ھاسىل بولىدۇ.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

نۆۋەتتە، كاربون دىئوكسىد كەلتۈرۈپ چىقارغان پارنىك ئېففېكتى يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسەتمەكتە، ھەتتا يەر شارىنىڭ 6-قېتىملىق جانلىقلارنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىتىۋاتىدۇ، چۈنكى يەر شارىنىڭ پارنىك ئېففېكتىنىڭ سىجىل ئېغىرلىشىشى تۈرلەرنىڭ يوقىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كەلمەيدىغان ھالەتكە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.

سۇلياۋ بوتۇلكا بىلەن ئەينەك بوتۇلكىنىڭ قايسىسى بىخەتەر؟

ئەمەلىيەتتە پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئىزدەش، ئىنسانلارنىڭ بىر قەدەر جىددىي مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئەلۋەتتە، كاربون دىئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشى پەقەت ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلا مەسىلە ئەمەس، ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمى خالاس، لېكىن ئۇ نۆۋىتىدە يەر شارى دۇچ كېلىۋاتقان ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى