ساغلاملىق

ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىدىغان دورا بارمۇ-يوق؟

ئەيدىز كېسىلى تىلغا ئېلىنسىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئىنتايىن قورقىدۇ، چۈنكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، ساقايتىش ئۇسۇلىمۇ يوق. ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا كىشىلەر قايسى مەسىلىلەرنى چۈشىنىشى كېرەك؟ ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئەيدىز كېسىلى يۇقۇپ قالامدۇ؟ ھودۇقماڭ! ئەيدىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىز ئاۋۋال بۇ تۆت كىچىك ساۋاتنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.

ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىدىغان دورا بارمۇ-يوق؟

1. ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

ئەيدىز بىمارلىرىدا سىجىل خاراكتېرلىك زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن قىزىش، يۆتىلىش، تەن چارچاش قاتارلىقلار. يەنە لىمفا تۈگۈنى ئىششىيدۇ، بولۇپمۇ قولتۇق ۋە بويۇن قىسمىدىكى لىمفا تۈگۈنى. بەدەن جىددىي ئورۇقلاپ، نېمە ئىش قىلسا ماغدۇرى قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېرىدە بەزى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى پەيدا بولىدۇ. يارا پەيدا بولىدۇ ياكى بىر قىسىم تېرە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

2. ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق تارقىلىش يوللىرى بار؟

ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ئۈچ خىل بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش، قان ئارقىلىق يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش (ئانىدىن بالىغا يۇقۇش دېگىنىمىز ئەيدىز ئاغرىقلىرى تۇغۇش جەريانىدا ئەيدىزنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشتەك يۇقۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ)تىن ئىبارەت.

3. ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا ئەيدىز يۇقۇپ قالامدۇ؟

ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى يۇقىرىقى ئۈچ خىل تارقىلىش شەكلىدە بولىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدۇ، مەسىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، بىللە تاماق يېيىش قاتارلىقلار. نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن سۆيۈشكەندە ئەيدىز يۇقۇپ قېلىش-قالماسلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنى ئەھۋالغا قاراپ ئايرىش كېرەك. قائىدە-يوسۇن خاراكتېرلىك سۆيۈشۈش، پەقەت ئاندا-ساندا سۇدەك تېگىشىش بولسا ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدۇ. تىل ئالماشتۇرۇپ سۆيۈشۈش بىر قەدەر خەتەرلىك بولۇپ، گەرچە ئەيدىز شۆلگەي ئارقىلىق تارقىلىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى بۇزۇلۇپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئاسانلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىدىغان دورا بارمۇ-يوق؟

4. ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىش دورىسى بارمۇ-يوق؟

ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىش دورىسى بار، قانچە بالدۇر ئىستېمال قىلسا جىددىي كونتىرول قىلىش دورىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى خەتەرلىك قىلمىش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئەيدىزنى كونتىرول قىلىش دورىسىنى ئىچىش كېرەك، قانچە بالدۇر ئىچسە شۇنچە ياخشى. ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىش دورىسى سېتىۋالماقچى بولغانلار شۇ جايدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ياكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندا بىر قەدەر چوڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئادەمدە ئىنتايىن كۆپ بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش، دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە دورا ئىچىش، دورا ئىچىشنى ئۈزۈپ قويماسلىق كېرەك.

ئەيدىز كېسىلىنى جىددىي كونتىرول قىلىدىغان دورا بارمۇ-يوق؟

يۇقىرىقىلار ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى كىشىلەر چۈشىنىشكە تېگىشلىك بىر قانچە كىچىك مەسىلە خالاس. ئەيدىزنى چۈشەنگەندىلا ئەيدىزنىڭ قايسى جەھەتلەردىن ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى، قانداق قىلغاندا ئەيدىزنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى، خەتەرلىك قىلمىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى