ساغلاملىق

ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ

سان فىرانسىسكودىكى ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا بايان قىلىنىشىچە، ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈملۈك تەتۈر كۆچۈرۈلىشىگە قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە، ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كەتكەن، بۇ بەلكىم داۋالاشتىكى ئەيدىز ۋىرۇس ئامبىرىدىكى ۋىرۇسنى تازلىغىلى بولماسلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەلىك ھۈجەيرىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەيدىز ۋىرۇسى RNA ۋە DNA بويۇن ئارتېرىيەسىدىكى داغ پارچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن، بۇ خىل مۇناسىۋەت تاماكا چېكىش، دىيابېت ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى خەتەرلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ يازغان: «بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، تەتقىقاتىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى ئامبىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى HIV بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تەتقىقات». ھۈجەيرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەيدىز ۋىرۇسى RNA ۋە DNA بىلەن بويۇن ئارتېرىيەسىدىكى داغ پارچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئوتتۇرىسىدا مۇستەقىل باغلىنىش بار بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۆزىنىڭلا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىغان».
«ئەيدىز ۋىرۇسى ئامبىرى» بولسا، بىر گۇرۇپپا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرە، ئەمما يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى پەيدا بولمىغىنىغا بىر قانچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل بولغان. ئەيدىز ۋىرۇسى ئامبىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمايدۇ، لېكىن بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر داۋالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۆلىمىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇشى ۋە ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئەنئەنىۋى خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
تەكشۈرگىلى بولىدىغان ۋىرۇس مىقدارىدىن ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشمۇ ئادەمنى رازى قىلىدىغان چۈشەندۈرۈش ئەمەس، تەكشۈرۈش چەكلىمىسىدىن تۆۋەن بولغانلار داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان تەقدىردىمۇ، يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئاشقان.
سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور مېگان مەكلاۋلىن (Megan McLaughlin) ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش خەۋپىنىڭ، نۆۋەتتە داۋالاش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ۋىرۇس ئامبىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.
بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلار 152 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىغا چېتىشلىق بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى لايىھىلەپ چىققان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋىرۇسقا قارشى داۋالانغاچقا ۋىرۇس مىقدارى ئەڭ تۆۋەن چەكتە. تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار 2003-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە سان فرانسىسكودىكى ئەيدىز ۋىرۇسى شىپاخانىسىدا پەرۋىشنى قوبۇل قىلغان.
ئاساسىي سىزىق ۋە ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئىچكى پەردىنىڭ ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقىنى (IMT) ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بويۇن ئارتېرىيىسىنىڭ قېتىشىنى باھالىغان. بۇ ئارقىلىق بويۇن ئارتېرىيەسى دىۋارىنىڭ قېلىنلىقىنى ئۆلچەيدۇ (بويۇن ئارتېرىيەسى دىۋارى قاننى يۈرەكتىن چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىدۇ). بۇ ئارتېرىيە دىۋارىدىكى داغ پارچىلىرى (ماي، خولېستېرىن ۋە باشقا ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى)نى پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، بۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللېكىنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەتەرلىك ئامىلى.

ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ

ھەر بىر قاتناشقۇچىدىن ئېرىشكەن قان ئەۋرىشكىسىنى ئىشلىتىپ، ھۈجەيرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان RNA ۋە DNAنىڭ سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى توڭلىتىش كېرەك.
نوپۇس ئىستاتىستىكا ئىلمى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى ۋە پۈتۈن بەدەنلىك ياللۇغ ئالامەتلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلىغان. مەكلاۋلىن دوكتور ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىقىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاشقان، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش جەريانىدا بويۇن ئارتېرىيەسى قېتىشىپ قالامدۇ-يوقلىقىنى تەھلىل قىلغان.
كۆپ قىسىم قاتناشقۇچىلار ئاق تەنلىكلەر (%70) ۋە ئەرلەر (%92) بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 47 ياش. قاتناشقۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئوتتۇرىچە ۋاقتى 13 يىل، ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىستېمال قىلىۋاتقان ئوتتۇرىچە ۋاقتى بەش يىل. ئەنئەنىۋى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ: %60 ھازىر/ بۇرۇن تاماكا چەككۈچىلەر، %30 يۇقىرى قان بېسىم ۋە %22 ئائىلە ئەزالىرى بالدۇر قوزغىلىدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار.

ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ

ئوتتۇرىچە زىيارەت ۋاقتى تۆت يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان بولۇپ، بويۇن ئارتېرىيەسى ئوتتۇرا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 1.20 سانتىمېتىر، زىيارەت ئاخىرلاشقاندا 1.23 سانتىمېتىرغا يەتكەن. %57 شەخسنىڭ بويۇن ئارتېرىيەسى داغلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، زىيارەت داۋامىدا ئاساسەن بۇلارنىڭ ھەممىسى قېلىنلاپ كەتكەن. داغ پارچىلىرى يوقلارنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يېڭىدىن داغ پارچىلىرى بايقالغان.

ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ

بويۇن ئارتېرىيە داغ پارچىلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئىلمىدە روشەن كۆرۈنىدىغان خەتەرلىك ئامىللار قېرىلىق، تاماكا چېكىش، داۋالاشقا تېگىشلىك يۇقىرى قان بېسىمى، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان LDL ياكى «ناچار» خولېستېرىن ۋە ئۆرلىگەن IL-6 (ياللۇغلانغان بەلگە). ھۈجەيرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەيدىز ۋىرۇسى DNA بىلەن RNAنىڭ ھېچقايسىسى خەتەرلىك ئامىل ئەمەس. لېكىن ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەنئەنىۋى خەتەرلىك ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى