ساغلاملىق

نېمىشقا دوختۇرخانىغا بارساق ئەڭ ئاۋال قان ئالىدۇ؟ ئالغان قان نەگە كېتىدۇ؟

ــ قان زەردابى راك تۆرەلمە ئانتىگېنى نورمال قىممەتتىن ئېشىپ كېتىپتۇ، مەن راك بولۇپ قالدىممۇ قانداق؟ــ شياۋلياڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى نەتىجىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتكەچكە دوختۇردىن مەسلىھەت سوراۋاتاتتى.

دوختۇر دوكلاتنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈشنى ئېيتتى، شۇنداق بولسىمۇ شياۋلياڭنىڭ كۆڭلىدە بىر تۈگۈن پەيدا بولدى.

قاننى تەكشۈرۈش سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم باسقۇچ، شۇڭا بىز دوختۇرخانىغا بارساقلا دوختۇرلار بىر نەچچە نەيچە قان ئالىدۇ. ئۇ قان شېكىرى، قاندىكى ماي، قان ئازلىق قاتارلىقلارنى تتەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلدۇ. ئۇنداقتا قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق راك ۋە ئۆسمە كېسىلىنى بايقىغىلى بولامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، بەزى كۆرسەتكۈچلەر بەدەندىكى ئۆسمىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

قان ئالغاندا ئاساسلىقى قايسى تۈرلەر تەكشۈرۈلىدۇ؟

قان تەكشۈرۈشنىڭ كۆرسەتكۈچلىرى ناھايىتى كۆپ. ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قان قىزىل ئاقسىلى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پىلاستىنكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

ھېموگلوبىن (Hb)

ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ Hb قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ، كونكرېت پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

Hb قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئوكسىگېن توشۇشقا قاتنىشىدىغان بىر خىل ئاقسىل. بۇ كۆرسەتكۈچ تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ قان ئازلىق ۋە قان ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. Hb نىڭ نەتىجىسى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، سۇسىزلىنىش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى قاتارلىق نەپەسلىنىش سىستېمىسىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە تۆمۈر كەملىكتىن بولغان ھەر خىل تىپتىكى قان ئازلىق ۋە قان يوقىتىش قاتارلىق كېسەللەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قان پلاستىنكىلىرى

قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى قان ئۇيۇتۇش ۋە قان توختىتىشتىن ئىبارەت، شۇڭا بۇ كۆرسەتكۈچ تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ قان ئۇيۇتۇش فۇنكسىيىسى مېخانىزمىغا ھۆكۈم قىلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى (300-100) ×109/L بولىدۇ.

سانلىق قىممەت دائىرىسى [ (500-350) ×109/L] بولسا يۇقۇملىنىش ۋە تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، سانلىق قىممەت 500×109/L دىن چوڭ بولسا، قان پىلاستىنكىسى كۆپىيىش كېسىلى قاتارلىق يىلىك كۆپىيىش كېسەللىكلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر سانلىق قىممەت تۆۋەن بولسا يۇقۇملىنىش ۋە ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك قان پىلاستىنكىسى ئازلاش، سۆسۈن داغ ۋە ئاق قان كېسىلى قاتارلىقلاردىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاق قان ھۈجەيرىسى (WBC)

WBC پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى

بىز كۆرگەن لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش قەغىزىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى (نېيترال دانچىلىق ھۈجەيرە، كىسلاتا خۇمار دانچىلىق ھۈجەيرە، ئىشقار خۇمار دانچىلىق ھۈجەيرە، لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە بىر يادرولۇق ھۈجەيرە) نىڭ ئومۇمىي سانىنى كۆرسىتىدۇ، بىز تۈرلۈك ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ پىرسەنت ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

WBC نىڭ سانلىق قىممىتى ئۆرلىگەندە، يەنى (10.0-30.0) ×109/L نىڭ ئارىلىقىدا بولغاندا ئۆپكە ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن ھوشيار بولۇش كېرەك. سانلىق قىممىتى 30.0×109/L دىن ئېشىپ كەتكەندە قان كېسەللىكلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. سانلىق قىممىتى 50.0×109/L بولسا، يامان سۈپەتلىك ئاق قان كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. WBC نىڭ قىممىتى تۆۋەنلىسە جىگەر كېسىلى ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا چۇقۇم ھوشيار بولۇش كېرەك.

يۇقىرىقىلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، قاننى تەكشۈرگەندە كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ، شۇڭا قاننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك.

بىر قېتىم قان تەكشۈرتكەندە قايسى كېسەللەرنى بىلگىلى بولىدۇ؟

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق.

بۇ خىل قان ئازلىق ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللاردا تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا تۆمۈر تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، كېسەل بولغاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىش، چىرايى تاتىرىش، بېشى قېيىش ۋە ئاسان چارچاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قان تەكشۈرگەندە بۇ كېسەللىكنى بايقىغىلى بولىدۇ.

توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق.

بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش يۇقىرى پەللىسى 20 ياش ئەتراپىدا ۋە 60 ياش ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ كېسەللىك يۈز بەرگەن بىماردا دائىم كەم قانلىق، قاناش ۋە يۇقۇملىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىپادە كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىپادىلەر نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن ساقلىنىش ناھايىتى تەس. ئەگەر چىرايى تاتىرىش، ئادەتتىن تاشقىرى چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش (كۆپىنچە قان ئازلىق)، تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى قاناش، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرى ياكى چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا قان تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئوتتۇرا يەر خارەكتىرلىك (地中海) قان ئازلىق كېسىلى

بۇ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك قان كېسەللىكىگە تەۋە بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار قان تەكشۈرگەندە ئەگەر ئارىسىدىكى MCV ۋە MCH دىن ئىبارەت بۇ ئىككى كۆرسەتكۈچتە MCV82 fl، MCH27.0 pg بولسا، ئۇنداقتا بىنورماللىق بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بۇنداق گېننى ئېلىپ يۈرگۈچىلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئەگەر ئەر تەرەپتە بۇ كېسەل بايقالسا، بالىغا ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بۇ خىل گېننى ئېلىپ يۈرگۈچى ياكى ئەمەسلېكىنى ئېنىق بىلىش كېرەك، شۇندىلا شاللاپ تەكشۈرۈش ۋە دىياگنوز قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ كېسەلدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئاق قان كېسىلى

ئىككى ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەگەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىش، قان ئازلىق، قاناش، سۆڭەك بوغۇملىرى ئاغرىش، جىگەر تال لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە (ئاق قان كېسەللېكىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى)، تېزدىن قان تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش كېرەك. مەيلى قايسى خىل كېسەللىك تەكشۈرۈپ چىقىلسۇن، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك، بولمىسا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.

قان تەكشۈرگەندە راك كېسىلىنى بىلگىلى بولامدۇ؟

ئەنگلىيەدىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ كۆپىيىشى يوشۇرۇن يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئەگەر قەرەللىك ھالدا قان پلاستىنكىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، ئۆپكە راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكىغا دىئاگنوز قويۇش نىسبىتىنى ئاز دېگەندە ئىككى ئاي بۇرۇن بىلگىلى بولىدىكەن.

ئەگەر راك كېسىلىدىن گۇمانلانسا، قان ئېلىش ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ ئالامەتلىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، يەنى ئۆسمە ئۈچ تۈرلۈك تەكشۈرۈش (AFP/CEACA19-9) ئېلىپ بارسا بولىدۇ، بۇ ئۈچ خىل تەكشۈرۈش نەتىجىسى راك كېسىلىگە نىسبەتەن مۇھىم ئەسكەرتىش رولىغا ئىگە. لېكىن بۇ پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش كېرەك.

نېمە ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارغاندا قان ئېلىنىدۇ؟ ئېلىنغان قان ئەڭ ئاخىرىدا قەيەرگە بارىدۇ؟

بىرىنچى، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋە سىفلىس قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە بەزى مېتابولىزم كېسەللىكلىرى ۋە ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىنى، مەسىلەن، دىيابېت، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۆرلەپ كېتىش كېسەللىكلىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، بەزى قان سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىمۇ قان ئېلىش ئارقىلىق بايقىغىلى بولىدۇ. قان ئازلىقتىن باشقا يەنە، ئاق قان كېسىلى ۋە يىلىك كۆپىيىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىمۇ تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە ئۆسمىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئوخشاش بولمىغان تەكشۈرۈشلەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر نەچچە نەيچە قان ئېلىنىدۇ، چۈنكى بەزى تەكشۈرۈشلەردە نەيچىگە ئالاھىدە ماددا قوشقاندىلا ئاندىن نەتىجە چىقىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈشكە بىر قانچە نەيچە قان ئېلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈشكە ئازراقلا قان كېتىدۇ، ئۇنداقتا ئېشىپ قالغان قان بىۋاسىتە تاشلىنامدۇ؟

ئېلىنغان قان ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە يەتكۈزۈلىدۇ، دوختۇر بۇ قاننى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى چىقىرىدۇ. ئەگەر قاننىڭ يەنە ئېشىپ قالغىنى بولسا ئالدى بىلەن ساقلاپ قويىدۇ، ئەگەر بىمارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا قايتا قان ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن، بۇ قان داۋالاش ئەخلىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

بەيدۇ تورى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى