ساغلاملىق

ھەر ۋاقىت ياش تۇراي دىسىڭىز بۇ تۆت ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇڭ

ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، نۇرغۇن ئىشلاردا ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالىدۇ. بەدىنى تەدرىجىي سەمىرىپ كېتىپلا قالماي، ئىككى قەدەم ماڭسىلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. گەرچە 35 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەر بۇ مەزگىلنى ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بۇ باسقۇچتا بەزىلەر يەنىلا ئىنتايىن جەلپكار، بەزىلەر بولسا ئاللىبۇرۇن قورساق سېلىپ ماي قورساققا ئايلانغان بولىدۇ.

ھەر ۋاقىت سېھرى كۈچنى ساقلاپ قېلىش، ھەر ۋاقىت ھاياتىي كۈچكە تولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ. بولمىسا بەدەن شەكلىڭىز ئۆزگىرىپ قېرىش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىپ كېتىدۇ. بىلىش كېرەككى، ئەر بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، شۇڭا ئۇنىڭ ئوبرازى پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ئوبرازى، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارىنى ساقلاپ، قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ؟

1. يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، يەر بېغىرلاش ناھايىتى ياخشى چېنىقىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يەر بېغىرلاش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۈستۈنكى بەدىنىڭىز تېخىمۇ قاۋۇل كۆرۈنىدۇ، ۋە ھەر ۋاقىت سېھرىي كۈچىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز.

بۇنىڭدىن باشقا، بەدىنىڭىزنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالالايسىز. شۇڭا يەر بېغىرلاشتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ھەرىكەتكە ھەرگىز سەل قارىماڭ.

2. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتىنى قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چىنىقتۇرۇش كېرەك.

يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرالمايدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتىنى قىلسا بولىدۇ. بۇ ھەرىكەت بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەدەننى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان تەقدىردىمۇ، پۇت-قول يەنىلا ھاياتىي كۈچكە تولغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ناھايىتى ياخشى ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا بەدەننىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى، شۇنداقلا كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

3. بەل ۋە قورساق مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش.

قەددىنى رۇسلاش بەل قورساق مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرىدىغان ناھايىتى ياخشى ھەرىكەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساغرا قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇپ، مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرىدۇ. مەشىق جەريانىدا شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بەلنى چوقۇم تىك تۇتۇش كېرەك، بولمىسا زەخمە يېتىپ قالىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ مەشىق سىجىللىقى بىر قەدەر چوڭ، لېكىن ئۈنۈمى ياخشى. بۇ ھەرىكەت بىلەن يېڭى ئۇچراشقاندا، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك بىلىۋېلىش كېرەك.

4. دۈمبە مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش.

تارتىش كۈچى ھەرىكىتى (تورنىك تارتىش) ئەرلەرنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئۆلچەم. ئۇ دۈمبە ۋە مۈرە ۋە بىلەكنىڭ مۇسكۇلىنى كۈچەيتىدۇ. ئەگەر سىز 30 ياشقا كىرىپ تارتىش كۈچى ھەركىتىنى 30نى ئىشلىيەلىسىڭىز، بەدەن ساپايىڭىز ۋە بەدەن ئىقتىدارىڭىز نۇرغۇن قۇرداشلىرىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. تورنىك تارتىش، گەرچە ئوخشاشلا بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرىدىغان ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ دۈمبە مۇسكۇللىرىمىزنى غىدىقلايدۇ.

ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ياش ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن، بەدەننىڭ ھەر بىر قىسمى يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ تۆت ھەرىكەت ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللارنى مەشىقلەندۈرىدۇ، پەقەت پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللارنىڭ مىقدارى ئۆلچەمگە يەتسىلا، سىز ھەر ۋاقىت ياش ۋە ساغلام بەدىنگە ئېرىشەلەيسىز. ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ھەر ۋاقىت خۇددى ياش ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ھاياتىي كۈچنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

تېڭشۈن تورى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى