ساغلاملىقيېمەك-ئىچمەك

ھاراقكەشلەر كېچىسى ئۇخلىغاندا بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلسە ھاراقنى تاشلاڭ

ھاراق ئىچىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، ھەممىسى ھاراقنىڭ ھەمراھلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز، بولۇپمۇ ئادەمنىڭ جىگىرىگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن %90تىن ئارتۇق ئىسپىرت جىگەرنىڭ مېتابولىزمىغا موھتاج بولىدۇ، ئەگەر ئىسپىرت ئۇزاق مۇددەت بەدەندە تۇرۇپ قالسا جىگەرگە مەلۇم دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئادەمنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم كەچتە ئۇخلىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالامەت كۆرۈلسە، ھاراق تاشلاشنى ئويلىشىشى لازىم.

1. ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئاسان ئويغىنىپ كېتىش

ئەگەر دائىم يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ئۇخلىيالمىسا، سەھەرگە يېقىن ۋاقىتلاردا ئاسان ئويغىنىپ كەتسە، جىگەردە مەسىلە كۆرۈلۈشىدىن، بولۇپمۇ جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا بىئارام بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا دائىم ئۇخلىيالمايدىغانلار دەرھال ھاراق تاشلاشنى ئويلىشىشى كېرەك.

2. چىشنى غۇچۇرلىتىپ جۆيلۈش

ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرۈش، جۆيلۈش بەلكىم جىگەردە مەسىلە كۆرۈلگەنلېكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، يۈرەك ۋە جىگەر قاننىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئېرىشەلمەي قالغاندىمۇ ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، چىشىنى غۇچۇرلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

3. قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش

دائىم ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىش جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، جىگەرمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم ھەزىم قىلىش ئەزاسى، ئەگەر دائىم قورسىقى ئاغرىپ ئىچى سۈرسە، ئادەتتىكى ئاشقازان كېسىلى دەپ قاراشقا بولمايدۇ، بۇ كۆپىنچە جىگەرنىڭ سىزگە بەرگەن قۇتقۇزۇش سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.

4. بوغۇم ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش

ئەگەر كەچتە تۇيۇقسىز بوغۇم ئاغرىقىنى ھېس قىلسا، ھەتتا قىزىرىپ ئىششىپ كەتسە، ھاراق ئىچكەن ئادەم ھوشيار بولۇشى كېرەك، بۇ بەلكىم يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، ھاراق ئىچكەندە ئۇرىك كىسلاتا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇرىك كىسلاتا كرىستالى بوغۇمغا يىغىلىپ قالسا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز ھاراق تاشلىشى نىسبەتەن قىيىن بولىدۇ، چۈنكى ئىسپىرت «خۇمار بولۇش» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، لېكىن سىز دەرھال ھاراق تاشلىيالمىسىڭىز، ھاراق ئىچىش مىقدارىنى تەدرىجىي ئازايتىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكىدەك ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك.

1. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن بىر ئىستاكان چاي ئىچىپ بەرسە جىگەرنى ئاسرايدۇ.

دائىم ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر چوقۇم چاي ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشى، دائىم بىر قىسىم جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنى ئاسرايدىغان كىچىك ئۆسۈملۈكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىشى كېرەك، بۇ ئاددىي ھەم قولايلىق بولۇپ، ناھايىتى ياخشى تاللاشتۇر.

2. تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق ياسالمىلىرىنى يەپ ئاقسىل تولۇقلاش

جىگەرنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئەمما جىگەر ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچىدىغانلار كۆپرەك ئاقسىل تولۇقلاپ بەرسە، جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق.

3. ھاراق ئىچكەندە دورا ئىچمەسلىك، دورا يېگەندە ھاراق ئىچمەسلىك

ھاراق ئىچىشكە ئامراق كىشىلەر شۇنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، ھاراق ئىچكەندە ھەر قانداق دورىنى يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئىچكى ئەزالار زىيانغا ئۇچراپ، ھەتتا ھاياتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

4.بىر تەرەپتىن ئىچىپ، بىر تەرەپتىن يېيىش

ھاراق ئىچكەندە قورۇما يېيىش كېرەك، قۇرۇق ھاراق ئىچكەندە ئىسپىرتنىڭ بىۋاستە بەدەنگە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان ۋە جىگەرگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ.

ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە، ئاشقازاندا قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاشنى يېنىكلىتىدۇ، بىر تەرەپتىن يەپ، بىر تەرەپتىن ئىچسە، ئىسپىرتنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىپ، جىگەرگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
  • ئەنبەر
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى