ساغلاملىق

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن چوڭلارنىڭ پاراڭ تېمىسى بولغان جىنسىي تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلاشقۇم كەلدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، جىنىسسىز تۇرمۇش.

جەمئىيەتتىكېلەر «جىنسسىز توي تۇرمۇشى»غا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: بىر ئايدا بىرەر قېتىممۇ جىنسىي تۇرمۇشى بولمايدۇ، بىر يىللىق جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى 10 غا يەتمەيدۇ.

ياشلار بەلكىم بۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزدىكى ھەر تۆت جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئىچىدە بىر جۈپى «جىنسسىز توي تۇرمۇشى»نى باشتىن كەچۈرمەكتە.

پۈتۈن دۇنيادا قانچىلىك ئادەم سىزگە ھەمراھ بولۇپ جىنىسسىز تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

«ئىلگىرى مەن جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەس بولۇش قېلىشنى 40 ياشتىن كېيىنكى ئىش دەپ قارايتتىم، لېكىن مەن توي قىلغاندىن كېيىن…»

شياۋيۈەن بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، توي قىلغىنىغا ئۈچ يىل بولغان، ئېرى بىلەن ئالتە يىللىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان

مۇھەببەت سەپىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن توي قىلغان.

بەلكىم تونۇشۇشقانلىقىغا بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك، ئىككىيلەننىڭ ياش ۋاقتىدىكى ھېسىيات ئوتلىرى لاۋۇلداپ، ھەتتا كېيىنكى يېرىم ئۆمرىدىكى قېتىم سانىنىمۇ ئىشلىتىپ بولغاندەك قىلىدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى خۇددى پەلەك پويىزىغا ئولتۇرۇپ تاغدىن چۈشكەندەك شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتكەن.

شياۋيۈەننىڭ ئېرى پروگرامما تۈزگۈچى بولۇپ، خىزمىتى ئالدىراش ئىدى. شۇڭا، ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇش ئارىلىقى بىر ئايدىن ئېشىپ كېتەتتى، ھەتتا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم مۇنچىغا چۈشىدىغان ھالەتكىمۇ يەتكەن. ھەر قېتىم شياۋيۈەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇھەببەت ئىزھار قىلغاندا، ئېرى خۇددى كىچىك قىزلاردەك: «ياق، ياق!» دەيتتى.

جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى، شياۋيۈەندە ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىدىن ئۈمىدسىزلىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ.

شياۋيۈەننىڭ كەچۈرمىشى ھەرگىزمۇ ئايرىم مىسال ئەمەس. 2009-يىلى جىنسىيەت ئىلمى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور پەن سۈيمىڭ ئېلىمىز كىشىلىرىنىڭ توي تۇرمۇشىدىكى جىنسىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ھەر ئايدا بىر قېتىمغىمۇ يەتمەيدىغانلار %28.7 بولۇپ، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ بىللە بولۇپ باقىمىغان ئەر-خوتۇنلار %6.2نى ئىگىلىگەن.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

جىنسسىز تۇرمۇش زادى قايسى دەرىجىدە كۆپ ئۇچرايدۇ؟

2017-يىلى Durex ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى بىر گۇرۇپپا يەر شارى خاراكتېرلىك تۇرمۇش تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش ياپونىيە، ھىندىستان، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدۇ.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە يىللىق ئوتتۇرىچە جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى ئاسىيالىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئەڭ ئاز بولغىنى ياپونىيەلىكلەر يىلدا 36 قېتىم، جۇڭگولۇقلار 72 قېتىم بولۇپ، ھىندىستاننىڭ 76 قېتىمىدىن سەل تۆۋەن ئىكەن. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە جىنسىي تۇرمۇش چاستوتىسى ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى بولۇپ، پەقەت ياپونىيەنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان.

ئېلىمىزدىكى بارلىق قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرىچە جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ھەپتىدە بىر قېتىم ئەتراپىدا بولىدىكەن.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

ئۇنداقتا، بۇ چاستوتا دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېتەلىدىمۇ؟

ئامېرىكا جىنسىيەت ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جىنسىي تۇرمۇش چاستوتىسى = ياشنىڭ تۇنجى خانا سانى* 9 نى بايقىغان. دېمەك، 20 نەچچە ياشلىق ئادەم مەيلى 21 ياشلىق ياكى 29 ياشلىق بولسۇن، يېشىنىڭ ئالدىدىكى تۇنجى خانىسى يەنى ئىككىنى توققۇزغا كۆپەيتسە، 18 گە تەڭ بولىدۇ، بۇنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى، جىنسىي تۇرمۇشى 10 كۈن ئىچىدە 8 قېتىم بولىدۇ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا 30 نەچچە ياشلىق ئادەمنىڭ 27، 20 كۈن ئىچىدە يەتتە قېتىم، ئۈچ كۈندە بىر قېتىم بولىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئۆلچەمگە يېتەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ياشلار.

نېمىشقا بىزنىڭ جىنسىي ھەۋىسىمىز يوق بولىدۇ؟

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

جىنسىي ھەۋەس ئىشتىھاغا ئوخشاش تۇغما بولىدۇ، ئەگەر مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا چوقۇم بېسېلىپ قالغان قىسىمى بار دېگەن گەپ.

ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشنى مەنىسىز ھېس قىلىشىدا، كۆپىنچە ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللاردىن ئىبارەت ئىككى ئامىل بار.

بىرىنچى ئامىل، ياشاش بېسىمى ئېغىر. ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ بېسىمى ھەقىقەتەن بەك ئېغىر، پەقەت تۇرمۇشنى ساقلاپ قېلىشقىلا پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلماقتا. ئىشتىن سىرتقى قىزىقىش ۋە ھەۋەس ئىنتايىن ئاز، ئۆيگە قايتقاندا ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىش يېتىۋېلىش. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەتتا بىر نەچچە قەدەم ئارتۇق يول مېڭىشنىمۇ خالىمايدىغان تۇرسا، ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئوخشاش سانىلىدىغان جىنسىي تۇرمۇشنى دېمەيلا قويايلى.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بېسىم خىزمەت ئورنىدىن كېلىپلا قالماستىن، يەنە ئائىلىدىنمۇ كېلىدۇ. تويدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە تۇرىدۇ. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بالا تۇغۇش يېقىن

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەن. چۈنكى بالىلىق بولغاندىن كېيىن، جىنسىي تۇرمۇش بىر ئاۋارىچىلىق ئىشقا ئايلىنىدۇ.

يەنە بىر ئامىل، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك سەۋىيەسىمۇ ئىلگىرىكىگە يەتمەيدۇ. پىسخىكىلىق سەۋەب تېخىمۇ ساپلىشىدۇ، بەلكىم نوقۇل ھالدا «قىلىشنى خالىمايمەن» ياكى «سىز بىلەن قىلىشنى خالىمايمەن»گە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئاجىزلىشىشى: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ تېستوستېرون سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، جىنسىي ئېھتىياجىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاجىزلايدۇ. ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى ئىزچىل مۇقىم ھالەتتە بولۇپ، روشەن داۋالغۇش بولمايدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇسى: ياش ۋاقتىدا جىنسىي ھەۋىسى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولۇش ياكى ئۇزۇن ۋاقىت جىنسىي ھەۋەسنى چەكلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنىي بالدۇر كېتىش… قاتارلىق جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

جىنسىي جەلپ قىلىش كۈچى تۆۋەنلەش: ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە سەمىرىپ كەتكەن، تاقىرباش بولۇپ قالغان ئەرلەر بىلەن تۇغۇت سەۋەبىدىن بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھەمراھىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ئادەم مەڭگۈ يېڭىلىقنى ۋە غىدىقلىنىشنى قوغلىشىدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن، ئىككى ئادەمنىڭ شەخسىي بوشلۇقى بولمايدۇ، بىر-بىرىگە بولغان سىرلىقلىق تۇيغۇسى بارغانسېرى يوقىلىدۇ.

زېھنىي كۈچى چەكلىك بولىدۇ: بالا تۇغۇش بىلەن جىنسىي تۇرمۇشتا سەرپ بولىدىغىنى ئوخشاش بىر خىل ھورمۇندۇر. خىزمەت ۋە ئۇيقۇغا كەتكەن 16 سائەت ۋاقىتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، جىنسىي تۇرمۇشقا بۆلۈپ بەرگۈدەك يەنە قانچىلىك ۋاقىت قالىدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇش توي تۇرمۇشىنىڭ بارلىقى ئەمەس. بەزى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي تۇرمۇش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ يېپىشتۇرغۇچىسى.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

جەمئىيەتشۇناسلار توي تۇرمۇشىنىڭ: مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، بالا تەربىيلەش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بەش خىل رولى بار دەپ قارايدۇ. جىنسىيەت پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشتىن بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەدرىجىي ھالدا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، ئوتۇن-گۈرۈچ، ياغ، تۇز قاتارلىقلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ.

جىنسسىز توي تۇرمۇشى مەسىلىسى جىنسىيەتنىڭ كەملىكىدە ئەمەس، بەلكى ئىككى ئادەمنىڭ جىنسىيەتكە بولغان تەلىپىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىدە.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنى جىنىسسىزلىق ئەمەس، بەلكى تويدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، بۇنى بىر-بىرىگە چۈشەندۈرەلمەيدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، قانداق بولىدۇ؟

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، جىنسسىز تۇرمۇشنىڭ ئاساسلىق فىزىئولوگىيىلىك ئامىلى جىنسىي ھەۋەسنىڭ چېكىنىشى، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئەكسىچە بۇ فىزىئولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنىسسىز توي تۇرمۇشى ئەرلەرنىڭ مۇھىم قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. خۇددى مۇسكۇلغا ئوخشاش، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىمۇ جانلىقلار دۇنياسىنىڭ پرىنسىپى بولغان ــــ ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىپ، ئىشلەتمىسە گاللىشىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

بىر تەرەپتىن، ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىسە، جىنسىي ھەۋەسنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي ھەۋەسنى چەكلەپ، ئۆزىنىڭ جىنسىي ھاياجىنى ۋە ھەۋىسىنى باسسا، پىسخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. نورمال جىنسىي ئېھتىياج ئائىلىدە قويۇپ بېرىلمىسە، باشقا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ-دە، بۇ ئارقىلىق ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي ھەۋەسنى چەكلىگەندە، جىنسىي ئەزالارنىڭ ئىشلىتىلمەي يىگىلىشى ۋە جىنسىي ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، جىنسسىز تۇرمۇش يەنە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، جىنسىي ھەۋەسنى چەكلەش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى ناچارلىشىپ، تۇغۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. قانۇنىيەتسىز ئۇرۇق چىقىرىش يەنە سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ چاستوتىسى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئانىلىق ھورمۇن كۆكسى، بالىياتقۇ، جىنسىي يولنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ماددا، شۇنداقلا تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. ئىناق جىنسىي تۇرمۇش ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنى تېخىمۇ بەكرەك «ئاياللىق پۇراق»قا ئىگە قىلىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇشى نورمال ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، جىنسىي تۇرمۇشى كەم بولغان ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىتىلىشى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، تېرە تەبىئىي ھالدا يىرىكلىشىپ، بوشاپ كېتىدۇ، ھەيىز قالايمىقانلىشىش، سۈت بېزى ئۆسۈش قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىسە، جىنسىي يول مۇھىتى ۋاسىتىلىك ئۆزگىرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قىسمەن ئاياللاردا كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ غىدىقلىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، بەدەندىكى تۇخۇمدان، بالىياتقۇ، جىنسىي يول قاتارلىقلاردا بالدۇر قېرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىممۇنىتېتلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاجىز بولۇپ، جىنسىي يول مۇھىتى ئاسانلا زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، تامچە قۇرت ۋە مارجانسىمان باكتېرىيە قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

جىنىسسىز توي تۇرمۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قالسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

1. پىكىر ئالماشتۇرۇش

ناھىيەسىگەپنى ئەگىتمەي، ھەمراھىڭىز بىلەن سەمىمىيلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇڭ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنىمۇ چۈشىنىڭ.

جىنسسىز توي تۇرمۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپكە بۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش ھەمدە بۇنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

2. پىلانلىق جىنسىي تۇرمۇش

جىنسىي تۇرمۇش تاماق يېيىش، ساياھەت قىلىش، خىزمەت قىلىشقا ئوخشاشلا پىلانلاشقا مۇھتاج، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە بىر قىسىم ۋاقىتنى ئاجرىتىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلغاندا «مېنىڭ بىللە بولغۇم بار، بىراق ئۇ يانفون ئويناۋاتىدۇ»، «يانفونىنى ئوينىغاچ ئۇخلاپ قالدى» دېگەندەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

3. كەسپىي ياردەم ئىزدەش

جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىناق بولماسلىقى بەزىدە بىر خىل كېسەللىلك بولۇشى مۇمكىن.

جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن بولۇش ۋە جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ھەممىسى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىك. ھەمراھىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئاغرىنماسلىق ۋە ئەيىبلىمەسلىك كېرەك، بولمىسا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەسىلىگە يۈزلىنىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك.

مەيلى جىنسىي تۇرمۇش بولسۇن ياكى بولمىسۇن، مۇھەببەت جىنسىي توسالغۇنى ھەل قىلىدىغان ئاخىرقى ئامىل. ئەگەر ئىككىيلەن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئۆتسە، بىر يىلدا بىرنەچچە قېتىملىقى كەم قالسا نېمە بوپتۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ياخشى كۆرۈش بولمىسا، ئۇنداقتا قانداقمۇ جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارغىلى بولسۇن؟

ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟

قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق، لېكىن قىلغۇسى كەلمىگەن ئادەم ھەمىشە بىر مۇنچە سەۋەبلەرنى تاپالايدۇ.

ھازىر تور تۇرمۇشى شۇنچە تەرەققىي قىلدى، يات جىنىسلارنى تونۇشتۇرىدىغان دېتاللار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاسىتىلىرى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئېچىۋېتىلگەن ئىدىيەۋى قاراش ئىنسانلار تارىخىدىكى جىنسىيەت ئەڭ ئەركىن دەۋرنى كۈتۈۋالدى.

لېكىن، دەۋر كۈنسېرى ئېچىۋېتىلگەنلىكتىن، جىنسىيەت ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بولۇش تۇيغۇسىدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ قالدى. ئادەمدىن ئىبارەت بۇ تۈر بۇرۇنلا جىنسىيەت ئۈچۈن ياشىمىغان چاغلاردىمۇ، كىشىلەرنىڭ جىنسىيەتكە بولغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، كىشىلەردە جىنسىي تۇرمۇش كەم ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت ئىقتىدارى كەمچىل.

تەھرىرنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىدىكى سەۋەب، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تاشلاپ، جىنسىي تۇرمۇشتىن ئوبدان بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىدا. ئۇلارنىڭ جىنسىيەتنى ئاددىي فىزىئولوگىيىلىك ھاياجانلىنىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل مۇھەببەت سەنئىتى دەپ قارىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىدا.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى