يېمەك-ئىچمەك

ماي تۇزدىن بەكرەك قورقۇنۇچلۇق

ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، تاماقلار موللىشىپ، گۆش ھەممە ئائىلىلەرگە ئومۇملىشىپ كەتتى. ئىلگىرىكى كىشىلەر گۆش يېسىمۇ تويغىچە يېيەلمەيتتى، ئەمما سالامەتلىكىدە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيتتى، ھازىر كىشلەر يەپ-ئىچىشتىن غەم قىلمايدۇ، بىراق سالامەتلىكىدە دائىم مەسىلە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ساغلام بولمىغان يېمەكلىك ئادىتى ئاخىرىدا قان بېسىم يۇقىرى بولۇش، قان قەنتى يۇقىرى بولۇش، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ماي تۇزدىن بەكرەك قورقۇنۇچلۇق

2019-يىللىق «يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوكلات»دا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ئادەم سانى تەخمىنەن 330 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە قان تومۇر تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۈچ يۇقىرى كېسەللىك ئاساسلىقى (يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان قەنتى، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار) ئىرسىيەت، يېمەك-ئىچمەك، ئارام ئېلىش، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا بۇ كېسەل 35-18 ياشقىچە بولغان كىشىلەردىمۇ ئاز ئەمەس.

ماي تۇزدىن بەكرەك قورقۇنۇچلۇق

بۇ كېسەللىكلەرنىڭ دۈشمىنى دەل تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىدۇر(反式脂肪酸). بۇ ئاساسلىقى ھىدروگېنلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئۆسۈملۈك مېيى بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق، ئاسان سۈپىتى ئۆزگەرمەيدىغان، ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە، يېمەكلىك كەسىپ ساھەسىدە بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇنى «تاماق ئۈستىلىدىكى ئالۋاستى» دەپ ئاتىغان، ھەر يىلى تەخمىنەن 500 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغانلىقتىن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

ماي تۇزدىن بەكرەك قورقۇنۇچلۇق

تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنىڭ قان تومۇرلارغا بولغان زىيىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

1. ئارتېرىيە قېتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى (ناچار ئاقسىل)نىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.

2. قاننى يېپىشقاقلاشتۇرۇپ، ئارىلاشما ماددىلار ئاسان قېتىشىپ، قان نوكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

3. يۈرەك كېسىلى، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى، مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

4. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپىيىش ساغلاملىقىغا تەسىر قىلىدۇ.

بۇ يىل 6-ئايدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارىمۇ ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېدى: «گەرچە ھازىر يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلسىمۇ، لېكىن تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنى يوقىتىش نىشانىنى كەينىگە سۈرۈشكە بولمايدۇ، بىزمۇ كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك».

مال سېتىۋالغاندا تەركىبىدە تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ماي تۇزدىن بەكرەك قورقۇنۇچلۇق

تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ھىدروگېنلاشقان ئۆسۈملۈك مېيى (氢化植物油)، ھىدروگېنلاشقان ياغ (氢化脂肪)، پىششىق ئۈسۈملۈك مېيى (精炼植物油)، سۈنئى سېرىق ماي (人造黄油) ، ئۆسۈملۈك سېرىق مېيى (植物黄油) ، سۈنئىي قايماق (人造奶油)، سۈت جەۋھىرى (奶精)، ئۆسۈملۈك قالدۇق يېغى (植脂末)، يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈك مېيى (食用植物油)، كاكائو مېيى (代可可脂)، ئالاھىدە بۇتىل پارادىفېنول (特丁基对苯二酚)، ھىدروگېنلاشقان پالما مېيى (氢化棕榈油)، ئۆزگەرگەن ماي (转化脂肪) قاتارلىقلار.

بۇ دېگەنلىك تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنى پۈتۈنلەي يېگىلى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، 2003- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «تەركىبىدە تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى %1تىن تۆۋەن بولسا ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدۇ، ئەمما يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بار كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىكى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

ماي تۇزدىن بەكرەك قورقۇنۇچلۇق

74 ياشلىق ئاكادېمىك خۇ دايى (一胡大) مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: قاندىكى ماي ئۆرلەپ كەتكەندە، بەدەندە بۇ ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ:

1. كۆز قاپىقىنىڭ تۆت ئەتراپىدا سېرىق رەڭلىك گۆش پەيدا بولغاندا، بۇ قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ، ئاساسلىقى قاندىكى ماي ۋاقتىدا ماددا ئالماشتۇرالماي، تېرە نىسبەتەن نېپىز بولغان جايلاردا ياغ يىغلىپ قېلىپ، سېرىق ئاق رەڭلىك چوقچىيىپ چىقىدۇ.

2. كۆز ھەر ۋاقىت قان ئايلىنىشقا موھتاج بولىدۇ، قان يېتەرلىك بولغاندا، ئىككى كۆز نۇرلۇق بولۇپ نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. قاندىكى ماي ئۆرلەپ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەندە، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

3. قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇشنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامىتى باش قېيىش بولۇپ، چوڭ مېڭىدە قىل قان تومۇرلار ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا چوڭ مېڭە قان ھالىتىگە ئىنتايىن سەزگۈر، ئەگەر قاندىكى ماي ئۆرلەپ كەتسە، چوڭ مېڭىدە قىسقا مۇددەتلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا چۇقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ماي تۇزدىن بەكرەك قورقۇنۇچلۇق

ئادەتتە ئۈچ يۇقىرى كىشىلەر توپى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە چوقۇم ساغلام، مۇۋاپىق بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈندىلىك ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بەدەندە بەزى ناچار ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى