ساغلاملىق

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى كەلدى

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى ۋە بەدەن ئاجرالمىلىرى ئاڭلىماققا ئادەمنى قورقۇتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى دەل «ناۋادا ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالساق يۇقۇملىنىپ قالامدۇق» دېگەن مەسىلە. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەيدىزدىن قورقۇش كېسىلىنىڭ ئىشىدۇر.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى كەلدى

بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنسا يەنە ھەر خىل ئەھۋاللار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، مەسىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردىكى نامەلۇم سۇيۇقلۇق، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئاز-تولا سىلاپ قالغان ئىشىك تۇتقۇچى، دوختۇرخانىنىڭ قان ئېلىش ئورنىدىكى ئۈستەل تەگلىكى، ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قان ئېلىش يىڭنىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن قورقۇشنىڭ مەنبەسى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە قان بىلەن ئۇچراشسا يۇقىدىغان-يۇقمايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى كەلدى

ئالدى بىلەن توختىلىدىغان سوئالىمىز ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشقان قايسى ئەھۋاللار يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ ئەيدىز ۋىرۇسى تېرە ياكى شىللىق پەردىنىڭ زەخىملىنىشى ئارقىلىقلا يارا ئېغىزىغا كىرەلەيدۇ، ئاندىن ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە CD4 مولېكۇلاسى بار ھۈجەيرىلەرگە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ «كۆزى چۈشۈپ» قالغاندىن كېيىن، بىر قاتار يوللار ئارقىلىق ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپەيگەندىن كېيىن، سانسىزلىغان يېڭى ئەۋلاد ۋىرۇسلار بۇ ھۈجەيرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئاندىن يەنە قانغا ئۆتۈپ تېخىمۇ كۆپ ھۈجەيرىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئەھۋاللاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى يارا ئېغىزىغا كىرىپ كەتسە يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

(1) ئەيدىز بىمارى بىلەن ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، مەسىلەن زەھەر چەككۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

(2) ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يارا ئېغىزى بىلەن ساق ئادەمنىڭ يارا ئېغىزى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆزئارا تېگىشىپ كېتىشى ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدۇ.

(3) بەزى ھادىسە يۈز بەرگەن سورۇنلاردا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ۋە نورمال كىشىلەرنىڭ يارا ئېغىزى ئېچىلىپ قالغان ۋە تېگىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا يۇقۇملىنىدۇ.

(4) ئەيدىز بىمارى بىلەن قوغدانمىغان ئەھۋالدا سىرتقى كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ سۈركىلىشىدىن پەيدا بولغان يارا ئېغىزى ۋە قاناش ئەھۋالىدا قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى زەخىملەنگەن ئورۇندىن كىرىپ يۇقىدۇ.

(5)بۇرۇنقى ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈشى مۇكەممەل بولمىغان مەزگىللەردە قان بەرگەندە ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈلمىگەنلىكتىن، بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قان تەقدىم قىلىشى سەۋەبلىك قان سېلىنغان باشقا كىشىلەر يۇقۇملىنىدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى كەلدى

ئىككىنچى بولۇپ ئايدىڭلاشتۇرىدىغىنىمىز ئەيدىز بىمارلىرى قېنى بىلەن ئۇچراشقان قايسى خىل ئەھۋالدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ؟

بەزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشقان تەقدىردىمۇ يۇقۇملانمايدۇ. مەسىلەن:

(1) مۇكەممەل تېرە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشقاندا، تېرىنىڭ توسۇش رولى بولغاچقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرەلمەيدۇ.

(2) تېرىنىڭ بەزى جايلىرى زەخىملەنگەن، لېكىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشقان جاي نورمال تېرە بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا ۋىرۇسمۇ نورمال تېرىدىن بۇزۇلغان تېرە بار يەرگە يۆتكېلىپ كىرىپ يۇقمايدۇ، چۈنكى ۋىرۇس ھەرىكەت قىلمايدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى كەلدى

ئەڭ ئاخىرىدا تېرىسى زەخىملەنمىگەن ساق قول بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ئۇچرىشىپ، ئارقىدىن بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى يارىلانغان ياكى بۇزۇلغان تېرىنى سىلىغان ئەھۋالدا قولدىكى قاننىڭ مىقدارىغا ۋە ئېلىپ يۈرگەن قاننىڭ قۇرۇپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئەگەر قان مىقدارى ئاز بولسا ياكى قۇرۇپ بولغان بولسا، ئۇچراشقاندىن كېيىن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەنلىكتىن ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى ئاز قالىدۇ ، ياكى ئەسلىدىكى ۋىرۇس بولغان ھالەتتىمۇ ئوچۇق تۇرغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچكە ۋىرۇس جانسىزلىنىپ يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ يۇقمايدۇ.

قولىدىكى قان يۇقى يېڭى ۋاقتىدا ئەيدىز ۋىرۇسى دەل شۇ قول تەگكەن يارا ئېغىزىغا كۆچىدۇ، ئادەتتە نۇرغۇن «توغرا كېلىپ قېلىش»لار يىغىلىپ قالغاندىلا ئاندىن بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان تاسادىپىي تارقىلىش مىساللىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. لېكىن ئادەم ئۆزىنى «دۇنيانىڭ تەلەيلىك بالىسى» دەپ ئويلىۋېلىپ نەدىكى ئېھتىماللىقى تۆۋەن كېلىشمەسلىكلەرنى ئۆزىنىڭلا بېشىغا كېلىدىغاندەك قارىۋالسا بولمايدۇ. بۇنداق پاسسىپ ئىشلارنى ئويلىۋالغاندىن كۆرە ياخشى ئىشلارنىڭ ئۆزىگە ئۇچرىشىنى، مەسىلەن لاتارىيە سېتىۋالسا مۇكاپاتنىڭ ئۆزىگە چىقىپ قېلىشىنى ياكى تېخىمۇ تەلەيلىك ئىشلارنى كۆپرەك ئويلاپ بەرگىنى ياخشى، بۇنداق بولغاندا كۆڭلى تېخىمۇ ئارام تاپىدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟ دوختۇرنىڭ جاۋابى كەلدى

خۇلاسە:

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ كۆپ قىسىمى شەخسىي تۇرمۇش ساھەسىدە يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدالمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىقلار. بەلكىم ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ قاننىڭ سىرتتا تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغاچقا، ۋىرۇسلار ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ، يۇقۇمچانلىقىنى يوقىتىدۇ.

نامەلۇم قان سۇيۇقلۇقى ياكى قان ئىزى قارىماققا سىرلىق كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ بىخەتەرلېكىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئەھۋال دەل ئەيدىزدىن قورقۇش كېسىلى بارلارغا ئۇچراپلا قالىدىغان بولسا بۇنداق قورقۇشنىڭ تۈگىمىكى تەس. قارىغۇلارچە قورقۇش تۈپەيلى بىر ئۆمۈر توختىماي تەكشۈرۈۋېرىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا پىسخىكىلىق تەڭشەش ۋە داۋالاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى