تەبىئەت

يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى يۇتۇۋالغان نەچچە 100 مىليون توننا سۇ نەگە كېتىدۇ؟

سانائەتلىشىش جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، لېكىن ماس ھالدا مۇھىت بەلگىلىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى يۇتۇۋالغان نەچچە 100 مىليون توننا سۇ نەگە كېتىدۇ؟

زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى جەريانىدا، مۇھىت ھەقىقەتەن مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى، سۇ بايلىقىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، گېئولوگىيەلىك پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى نەچچە 100 مىليون توننا سۇنى يۇتۇۋالىدۇ، ئەمما بۇ سۇلار نەگە كېتىدۇ؟
ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، گەپنى سۇنىڭ يەر شارىدىكى تارقىلىشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا قارايدىغان بولساق، بىر پارچە قېنىق كۆك رەڭلىك مەنزىرىنى كۆرەلەيمىز، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى دەل دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقىدۇر.

يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى يۇتۇۋالغان نەچچە 100 مىليون توننا سۇ نەگە كېتىدۇ؟

ھەممىگە مەلۇمكى، دېڭىز-ئوكيانلار يەر شارى يۈزىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ كۆلەم قۇرۇقلۇقنىڭكىدىن چوڭ بولغاچقا، يەر شارى كۆك رەڭگە تولغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. لېكىن يەر يۈزىدىكى سۇنى چىقىرىۋەتكەندىن باشقا، يەنە بەزى سۇلار ئادەتتە ئىنسانلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ چوڭقۇر جايلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئالاھىدە بىرىكىش شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. يەر شارىنىڭ قۇرۇلمىسى يەر پوستى، ئارا قاتلام ۋە يەر يادروسىغا ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارا قاتلامنىڭ قېلىنلىقى 2900 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
ئالىملار يەر ئاستىدىكى ئارا قاتلامدىن ماددىلارنى ئىزدەش جەريانىدا، لىنۋۇد تېشى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە تاغ جىنسلىرىنى بايقىغان، ئۇ يەر ئاستىدا 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ يەنە بىر خىل ئالاھىدە خۇسۇسىيەت بارلىقىنى بىلگەن، ئۇ بولسىمۇ سۇ تەركىبى.
تەخمىنەن 1 مىليون كىرىستال مولېكۇلاسىدا 2000 دىن ئارتۇق سۇ مولېكۇلاسى بولۇپ، باشقا تاغ جىنسلىرىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمغان.( ئەگەر تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىلسا، چوڭقۇرلۇقى 410-660 كىلومېتىرغا يەتكەندە، سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 100 دانە كرىستال مولېكۇلىسىدا 1.5 دانە سۇ مولېكۇلىسى بولىدۇ).

يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى يۇتۇۋالغان نەچچە 100 مىليون توننا سۇ نەگە كېتىدۇ؟

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئارا قاتلامنىڭ ئۆتكۈنچى بەلبېغىدا بۇ خىل تاغ جىنسلىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ. ئالىملارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، سۇ مىقدارى % 1 بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلاردىكى سۇ مولېكۇلالىرى يەر شارىدىكى ئومۇمىي سۇ مىقدارىدىن كۆپ بولۇپ، يەر شارىدىكى سۇ بايلىقىنىڭ ھەقىقەتەن مول ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئالاھىدە شەكىلدىكى سۇ مولېكۇلالىرى پۈتكۈل سۇ مولېكۇلالىرىنىڭ ئايلىنىشىغا قاتنىشامدۇ؟ ئۇلار قاچان پەيدا بولغان؟
بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، مارىيانا دېڭىز جىلغىسىدىكى دېڭىز سۈيىنى يۇتۇۋېلىش ۋەقەسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، 2018- يىلى «تەبىئەت» ژۇرنىلى ماقالىسىدە مۇنداق بىر ھادىسە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇ بولسىمۇ «بۇ دېڭىز جىلغىسى دېڭىز سۈيىنى يۇتۇۋاتىدۇ». ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى يۇتۇۋېلىنىدىغان سۇ مىقدارى نەچچە يۈز مىليون توننىغا يەتكەن، ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنى ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، سۇنىڭ بېسىمى ئاستىدا، سۇ بېسىمى 1100دىن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاتموسفېرا بېسىمىغا يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، تەخمىنەن 2 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.

يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى يۇتۇۋالغان نەچچە 100 مىليون توننا سۇ نەگە كېتىدۇ؟

بۆلەكنىڭ شۇڭغۇشى ئەمەلىيەتتە ئىسسىقلىق كونۋېكسىيەسىنىڭ تەسىرىدە يەر ئاستىدىكى ئارا قاتلامدا يۆتكىلىش يۈز بېرىپ بۆلەكنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، ماس ئىككى بۆلەك نىسپىي يۆتكىلىش سەۋەبىدىن، يەر شەكلىدە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. قۇرۇقلۇق يېنىك ھەم قېلىن، ئوكيان ئېغىر ھەم نېپىز بولۇپ، ئىككىسى سوقۇلغاندىن كېيىن، ئېغىرلىق كۈچى سەۋەبىدىن ئوكيان بۆلىكى تۆۋەنگە شۇڭغۇپ، بىۋاسىتە ئارا قاتلام ئاستىغا قىسىلىدۇ.
ھەرىكەت پەيدا قىلغان ئۆزگىرىش شۇكى، ئوكيان بۆلىكى ئارا قاتلامدا يوقىلىپ، ئىككىسى سوقۇلۇش ۋە شۇڭغۇش ئورنىنى ھاسىل قىلىپ، غايەت زور دېڭىز جىلغىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ھەرىكەت ئىنسانلارغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەر تەۋرەش ۋە يانار تاغ پارتلاش يۈز بېرىدۇ. مارىيانا دېڭىز جىلغىسى دەل ئۇزۇن مەزگىللىك بۆلەكلەر ھەرىكىتى سەۋەبىدىن غايەت پەيدا بولغان، سۇنىڭ يۇتۇۋېلىنىش ئەھۋالىمۇ مۇشۇ جەرياندا يۈز بەرگەن.

يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى يۇتۇۋالغان نەچچە 100 مىليون توننا سۇ نەگە كېتىدۇ؟

ئوكيان بۆلىكى ئارا قاتلامغا كىرىش جەريانىدا، بىر قىسىم سۇلارمۇ ئارا قاتلامغا ئېقىپ كىرىدۇ، بۇمۇ ھەر يىلى مۇشۇنداق كۆپ سۇنى يۇتۇۋېتىشنىڭ سەۋەبى، لېكىن بۇ سۇلارنىڭ بىر قىسمى يانار تاغ ماگمىسى بىلەن بىللە قايتىدىن يەر شارى يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نورمال گېئولوگىيەلىك ھادىسىلەر ئىچىدە، بىر قىسىم سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يەر ئاستىغا كىرىشى، بىر قىسىم سۇنىڭ يەر ئاستىدىن يەنە يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس، بۇ دەل سۇنىڭ ئايلىنىشنى دەپ ئاتىلىدۇ.

يەر شارى ئىچكى قىسمى ھەر يىلى يۇتۇۋالغان نەچچە 100 مىليون توننا سۇ نەگە كېتىدۇ؟

سۇ بايلىقى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، گېئولوگىيەلىك پائالىيەتلەردە سۇ بايلىقى تەكرار ئايلىنىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت جەريانىدا سۇ بايلىقىغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، سۇ بولمىسا ئىنسانلار ياشىيالمايدۇ، سۇنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، بىز تۇرمۇشتا سۇ بايلىقىنى قوغداش ئادىتىنى تۇرغۇزۇپ، تەبىئەتنىڭ كىشىلەرگە ئاتا قىلغان سوۋغىسىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى