ئالەم

نىمە ئۈچۈن ئالەم ئايروپىلانى كۆتۈرۈلگەندە كۆيۈش ھاسىل بولماي قايتىش يولىدا ھاسىل بولىدۇ؟

ئادەملىك ئالەم كېمىسى ياكى ماددىي ئەشيا توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قايتىش يولىدا ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان قايتا ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىش جەريانىغا دۇچ كېلىدۇ. ئالەم كېمىسى زىچ بولغان يەر شارى ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتكەندە، نەچچە مىڭ گىرادۇسلۇق يۇقىرى ھارارەت پەيدا بولۇپ، ئالەم كېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ. ئۇنداقتا، ئالەم كېمىسى نېمە ئۈچۈن كۆيۈپ كېتىش خەۋپىگە قارىماي تېز سۈرئەتتە يەر شارى ئاتموسفېراسىدىن ئۆتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا پاراشۇتنى بىۋاسىتە ئېچىپ، يەر شارىغا ئاستا-ئاستا قونمايدۇ؟

ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، مەسىلەن، ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئادەتتە يەر يۈزىدىن 400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوربىتىدا يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئوربىتىسىنىڭ سۈرئىتى 7.7 كىلومېتىر / سېكۈنت بولىدۇ. بۇنداق تېز سۈرئەتنى نۆلگە چۈشۈرۈش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. ئالەم كېمىسى يەر شارىغا قايتماقچى بولغاندا، تورمۇزلىغۇچى راكېتا قوزغىلىپ، ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئۇچۇش ئىگىزلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنى ئەسلىدىكى ئوربىتىدىن ئايرىپ، يەر شارى يۈزى بىلەن كېسىشىدىغان ئوربىتىغا كىرگۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالەم كېمىسى يەر شارىغا قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

بىراق، ئالەم كېمىسى تىك ھالەتتە يەر شارىغا چۈشمەيدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، ئالەم كېمىسىنىڭ ئەسلىدىكى سۈرئىتى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى سۈرئەتتە يەر شارى ئاتموسفېراسىغا بۆسۈپ كىرىدۇ. سۈرئەت بەك تېز بولسا، ئايرودىنامىكىلىق ئىسسىقلىق ئېففېكتى بەك كۈچلۈك بولۇپ، غايەت زور ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئالەم كېمىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم كېمىسىنىڭ يەر شارىغا كىرىش بۇلۇڭىمۇ بەك كىچىك بولماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئالەم كېمىسى قويۇق يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قاراپ ئۇچقاندا ئالەم بوشلۇقىغا قايتىپ كېتىپ، يەر شارىغا نورمال قايتىپ كېلەلمەيدۇ. بىراق، بۇلۇڭ گىرادۇسىنى ياخشى كونترول قىلغاندا، ئالەم كېمىسى قىيپاش شەكلىدە يەنە ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرەلەيدۇ. ئالەم كېمىسى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئالەم بوشلۇقىغا قاڭقىپ كىرىپ، سۈرئەتنى تولۇق ئاستىلاتقاندىن كېيىن، ئاندىن ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تېزلىكى ئىككىنچى ئالەم تېزلىكىگە (سېكۈنتىغا 11.2 كىلومېتىر) يېتىدىغان ئالەم كېمىسىنى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى سىناق قىلىش ئۇچقۇسى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى. كەلگۈسىدە ئادەملىك ئاي شارىغا چىقىش ئالەم كېمىسى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يەر شارىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئادەتتە، ئالەم كېمىسى تەخمىنەن ئۈچ گرادۇسلۇق قايتا كىرىش بۇلۇڭى بىلەن ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىدۇ، پەقەت مۇۋاپىق نۇقتىدىن ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندە، ئالەم كېمىسى كۆيۈپ كەتمەيدۇ، ئالەم بوشلۇقىغىمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ، ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى تولۇق ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا جىمجىت ھالەتتە چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئالەم بوشلۇقىدا پاراشۇتنى ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن، ئالەم بوشلۇقى ۋاكۇئۇم ھالەتتە بولۇپ، پاراشۇت ئېچىلمىسا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش رولىنى ئەسلا ئوينىيالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئالەم كېمىسى ناھايىتى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاتموسفېراغا قايتىپ كىرگەندە، ھاۋا بىلەن ئۆزئارا تەسىرلىشىپ غايەت زور ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ، پاراشۇت كۆيۈپ كېتىدۇ.

ئالەم كېمىسى ناھايىتى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرسە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا دۇچ كېلىدۇ. ئالەم كېمىسى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا يۇقىرى تېزلىكتە ئۇچقاندا، ئالەم كېمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە كۈچلۈك قىسىلغان ھاۋا قوزغاتقۇچى دولقۇن ھاسىل بولۇپ، غايەت زور ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ. نەچچە مىڭ گرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئالەم كېمىسىنىڭ سىرتقى قەۋىتى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ماتېرىياللار بىلەن ئورالغان ياكى ئىسسىقلىقنىڭ كۆيۈپ خوراش ماتېرىياللىرىنى ئايرىۋېتەلەيدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە ئالەم كېمىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋانى ئىئونلاشتۇرۇپ، پىلازمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئالەم كېمىسى بىلەن يەر يۈزى كونترول مەركىزىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالەم كېمىسى «قارا توسۇق رايون» غا كىرىدۇ، بۇ قايتىش جەريانىدىكى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ.

2003-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ «كولومبىيە» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئاتموسفېراغا قايتا كىرگەن مەزگىلدە، زىيادە قىزىپ كېتىش سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن، بۇ يوشۇرۇن خەتەر قويۇپ بېرىلگەندىلا ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغان. «كولومبىيە» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى قويۇپ بېرىلگەندە، ھۆججەت سومكىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدىكى مازغاپ سىرتقا ئېسىلغان يېقىلغۇ ساندۇقىدىن ئاجراپ، ئالەم ئايروپىلانىنىڭ سول قانىتىغا سوقۇلۇپ، كەڭلىكى 25 سانتىمېتىر كېلىدىغان تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان. ئالەم ئايروپىلانى يەنە ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندە، غايەت زور ئىسسىقلىق كامارغا كىرىپ، ئاخىر پارچىلىنىپ كەتكەن. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان بۇ ئالەم ئايروپىلانى ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا پارچىلىنىپ كەتمەيدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئالەم كېمىسى بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندە يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا بولمايدۇ؟

ئالەم كېمىسى بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندە، غايەت زور ئېغىرلىق كۈچى ۋە ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى سەۋەبىدىن، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتى تېز سۈرئەتتە تېزلەشمەيدۇ. قويۇق ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئېتىلىپ چىققاندا، ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتى ئاران 1 كىلومېتىر / سېكۈنت بولۇپ، بۇنداق سۈرئەتتە غايەت زور ئىسسىقلىق ھاسىل بولمايدۇ. شۇڭا، بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندە ئايرودىنامىكىلىق ئىسسىقلىق ئېففېكتى ھېچقانداق تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ. «قارا توسۇق رايون» دىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئىگىزلىكنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ زىچلىقىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ. مۇۋاپىق سۈرئەتكە يەتكەندە، ئالەم كېمىسىنىڭ پاراشۇتى ئاندىن ئېچىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بىر قىسىم ئالەم كېمىلىرى يەرگە قونۇشتىن بۇرۇن تەتۈر ئىتتىرىش راكېتاسىنى ئىشقا سېلىپ، ئالەم كېمىسىنى ئەڭ ئاخىرىدا بىخەتەر قوندۇرىدۇ.

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى