ساغلاملىق

ئەرلەر قانچە ياشتا پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ؟

پەرزەنتلىك بولۇش ئەزەلدىن ئاياللار ھاياتىدا باش تارتىپ بولمايدىغان تېما. ئىلگىرىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، توي قىلغاندىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە پەرزەنتلىك بولمىسا، ئۇنداقتا چوڭلار چوقۇم ياش ئەر-خوتۇنلارنى تېزدىن بالىلىق بولۇشقا ئالدىرىتىدۇ. تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئەر-خوتۇنلار زېھنىنى خىزمەتكە قاراتتى، شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت يېشىنى ماس ھالدا كېچىكتۈردى.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 49 ياش مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەيز توختايدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ توختىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى قاچان يوقىلىدۇ؟

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئەرلەر 50-60 ياشتىن كېيىن بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن شۇ ياشقا كەلگەندە، ئەرلەرنىڭ بەدەن ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ ئەقىلگە سىغىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن كۆپ كۈچلۈك. راجاف ئىسىملىك ھىندىستانلىق بىر ئەر 96 يېشىدا ئايالى بىلەن تاسادىپىي پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەرلەرنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى چېكىگە بولغان تونۇشىنى بىۋاسىتە بۇزۇپ تاشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن راجاف DNA باھالىتىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالا ھەقىقەتەن راجافنىڭ ئۆز بالىسى بولۇپ چىققان. گەرچە راجافنىڭ يېشى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىنىڭ 50-60 ياشلاردىلا يوقالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنداقتا ئەرلەر ئەڭ قېرىغاندا قانچە ياشتا پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ؟

ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بالىلىق بولۇش يېشى

بۇ چەك ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن بىر ساغلام ھامىلىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. ھامىلە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يېتىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بولسا ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ ئۇچرىشىپ بىرلىشىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن بالا تۇغۇشنىڭ ئاچقۇچى ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئاكتىپچانلىقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئاياللارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئەرلەردە «ھەيز توختاش» جەريانى بولمايدۇ، شۇڭا مەيلى قانچە ياشقا كىرسۇن، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى ساغلام بولسىلا، كۆپ مىقداردا ئۇرۇق ھاسىل بولىدۇ، مانا بۇ راجافنىڭ 90 ياشتىن ئاشقاندىمۇ يەنىلا بالىلىق بولالىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەلۋەتتە تۇغۇش بىلەن ساغلام تۇغۇش ھەرگىزمۇ ئوخشاش ئەمەس. گەرچە ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بالىلىق بولۇش يېشى 90 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەر قانداق ياشنىڭ پەرزەنت كۆرۈشكە ماس كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بالىلىق بولۇش يېشى 35-30 ياشقىچە بولىدىكەن. بۇ ياش باسقۇچىدا، ئەرلەردىكى ئىسپېرمىنىڭ ئاكتىپلىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، بالىنىڭ ساغلام تۇغۇلۇش نىسبىتىمۇ تەبىئىي ھالدا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىسپېرمىسىنىڭ ئاكتىپلىقى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشى تەسكە توختايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئالىملار يەنە ئەڭ ياخشى بالىلىق بولۇش يېشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى DNAنىڭ ئۈزۈلۈش ئەھۋالىنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئۇرۇقلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاياللارنى ھامىلىدار قىلغان تەقدىردىمۇ، ھامىلىنىڭ تۇغما كېسىلى بولۇپ قېلىشى، ھەتتا تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا بويىدىن ئاجراش كىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەرلەر 50 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، دوختۇرلار ئۇلارنىڭ بالىلىق بولۇشىنى تەۋسىيە قىلمايدۇ.

ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئىش نىسپىي بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىسپېرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئەرلەر بەزى مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ «ئاسراش» ئېلىپ بارسىلا، يەنىلا ئۇرۇقنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك ساقلاپ، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى

1. بەدەن ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش

ئۇرۇقنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن ئورگانىزمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بەلگىلىك باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئادەتتە ھە دېسىلا ئاغرىپ قالسا، بەدىنى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئىسپېرمىنىڭ ئاكتىپچانلىقى تەبىئىي ھالدا چەكلىك بولىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئادەتتە كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ئىسپېرمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ساقلىشى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

2. ناچار ئادەتلەرنى تاشلاش

غايەت زور خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلاردا نۇرغۇن ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈردى، مەسىلەن، تۈنەش، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىقلار. بۇ ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىسپېرمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەرلەر ئىمكانقەدەر بۇ ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ، ئىلمىي تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

3. ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش

ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن باشقا، زور خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى يەنە نۇرغۇن ياش ئەر-ئاياللارنى ئۇزاق ۋاقىت ناچار كەيپىيات ئىچىدە تۇرغۇزىدۇ، بۇ يالغۇز شەخسنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قالايمىقانلاشقان ھامان، ھاسىل بولغان ئۇرۇقنىڭ ئاكتىپلىقى تەبىئىي ھالدا تېگىشلىك كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەر-خوتۇن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا دەردىنى تۆكۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كۆڭلىدىكى ناچار كەيپىياتىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى نىسبەتەن ئاكتىپ ھالەتتە ساقلاپ، پىسخىكا ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇقنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى