يېمەك-ئىچمەك

يېمەكلىك مېيىغا پالما مېيى قوشۇلسا يەنە سېتىۋالامسىز؟

كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يېمەكلىك مېيى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. پالما مېيى تەركىبىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بىلەن تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى ئاساسەن 1:1 بولۇپ، تەركىبىدىكى لىنولېئىك كىسلاتا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە.

يېمەكلىك مېيىغا پالما مېيى قوشۇلسا يەنە سېتىۋالامسىز؟

تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى تەركىبىدە تويۇنغان ياغ بولغان ياغ كىسلاتاسىدۇر. تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا قاندىكى خولېستېرىن، ترىگلتسېرىن، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىدىن باشقا يەنە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، قاندىكى ماينى تەڭشەش، قان نوكچىسىنى تازىلاش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى يەنە يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى دەپ ئايرىلىدۇ. تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش سالامەتلىككە پايدىسىز بولسىمۇ، بىراق ئادەم بەدىنى مۇۋاپىق مىقداردا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىغا موھتاج، ئۇ يەنە ناھايىتى تۇراقلىق بولۇپ، ئاسان ئوكسىدلىنىپ كەتمەيدۇ، ھىدروگېنلىشىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئاسانلىقچە تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى ھاسىل بولمايدۇ. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، بولۇپمۇ كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ تويۇنمىغان بېغى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە تۇراقسىز بولىدۇ، ئاسانلا ياغ ماددىسىنىڭ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

يېمەكلىك مېيىغا پالما مېيى قوشۇلسا يەنە سېتىۋالامسىز؟

پالما مېيىنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى 900 كالورىيە/100g بولۇپ، باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك، ھايۋانات مېيى بىلەن بولغان ئىسسىقلىق پەرقى چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىنE ۋە كاروتىن ئادەم بەدىنىنى بەلگىلىك مىقداردىكى توكوفېرول ۋە ترىئېنول بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار. پالما مېيى تەركىبىدىكى ۋىتامىن E زەيتۇن مېيىنىڭ 90 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، كاروتىن يۈز ھەسسىدىن ئاشىدۇ.

«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش قوللانمىسى»دا ھەر كۈنى يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان ماينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 25 گىرام ياكى 30 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، مەيلى قايسى خىل ماينى تاللاشتىن قەتىينەزەر، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

يېمەكلىك مېيىغا پالما مېيى قوشۇلسا يەنە سېتىۋالامسىز؟

ئەسكەرتىش: ماينى ئالماشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، ياخشى ـ ناچارلىقىغا قاراپ ماسلاشتۇرۇش

يېمەكلىك پىشۇرغاندا %99 تىن ئارتۇق تەركىبنىڭ ھەممىسى ياغ بولۇپ، ياغدىكى پەرق ئاساسلىقى ياغ كىسلاتاسىدا ئىپادىلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر خىل ياغ كىسلاتاسى تەڭپۇڭلاشقاندىلا ئاندىن ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يېمەكلىكىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ 1:1 نىسبەتتە بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەمما بۇ نىسبەتتە دېيىلگىنى پۈتكۈل يېمەكلىك قۇرۇلمىسى بولۇپ، ھەم ماي تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسىنى، ھەم گۆش،تۇخۇم، سۈت قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىكى ياغ كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (كۆپىنچىسى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى).

بىز دائىم ماينى ئالماشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ياغ كىسلاتاسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر ياغ كىسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشىشىپ كەتسە، ئالماشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش بىلەن ئالماشتۇرماسلىقنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. مەسىلەن، دادۇر مېيى، كۆممىقوناق مېيى ۋە شىمىشكا مېيى؛ چاي مېيى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلار. ئوخشاش بولمىغان مايلارنىڭ ئورنىغا ياغ كىسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغان مايلارنى ئالماشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، شىمىشكا مېيى بىلەن يەرياڭىقى مېيىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى