ساغلاملىق

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىشىغا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە بار، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستتىنلا «ئىلغار تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتى» يەر شارىغا كەلسە، ئۇلارنىڭ بىيولوگىيە ئالىملىرى يەر شارىدىكى ھاياتلىققا قانداق بىر قامۇس يېزىپ بېرە، بەلكىم بۇ كىتابنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم بۆلەكلىرىدە مىكرو جانلىقلار تەسۋىرلىنىشى مۇمكىن، ئىنسانلارغا تەۋە بۆلەكلەردە پەقەت ئازغىنە بىر نەچچە جۈملە سۆز بولۇشى مۇمكىن.
بەزىدە كىشىلەر پەقەت كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەرگە دىققەت قىلىدۇ، بۇنداق كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ تار بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر باش پېرسوناژ ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن، ئالەمدىكى نورمال ماددىلار پەقەت %5كىمۇ يەتمەيدۇ، %95تىن ئارتۇقى يوشۇرۇن ماددا ۋە يوشۇرۇن ئېنېرگىيە.
غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟يەر شارىمۇ ئوخشاش، يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ شەكلى تۈمەنمىڭ خىل، سانى ناھايىتى كۆپ، تۈرى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغىنى ئەمەلىيەتتە مىكرو جانلىقلار، ئۇلار تېخىمۇ چوڭ بىيوماسسا ۋە تېخىمۇ كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار بىزنى كېسەل قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار بولمىغان بولسا، بىزمۇ بۈگۈنگىچە ياشىيالمىغان بولاتتۇق. بۇ ماقالىدە بىز بىر خىل يامان ۋىرۇس توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

دۇنيادا ئەگەر كېسەل قوزغالغاندىن كېيىن ئۆلۈش نىسبىتى توغرىسىدا توختالساق، ئەڭ يامان ۋىرۇس «غالجىر ئىت ۋىرۇسى» بولۇشى مۇمكىن، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولۇپ، ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالسا ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىسا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا ئېغىر جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

غالجىرلىق ۋىرۇسى
غالجىرلىق ۋىرۇسى بىلەن تونۇشۇش.
ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ ئادەم غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، غالجىرلىق كېسىلىنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، ئىنسانلارنىڭ غالجىرلىق كېسىلىنى بىلىش تارىخى ھەتتا ئىنسانلار مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000ـ يىلى غالجىرلىق كېسىلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان، قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ قانۇن كودېكسىدا 4000 يىل ئىلگىرىلا بىر پەرمان بار بولۇپ، ئىتنىڭ ئىگىسى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىتىغا ياخشى قاراپ، ئۇلارنىڭ كېسەل بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئادەم چىشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، ئەگەر بەزىلەرنى غالجىر ئىت چىشلىۋالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا ئىتنىڭ ئىگىسىمۇ جازالىنىدۇ، بۇ 4000 يىل بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ غالجىرلىق كېسىلىنىڭ يامانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
غالجىرلىق كېسىلىنى غالجىرلىق ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بىر خىل «ئوقسىمان ۋىرۇس»، مىكروسكوپ ئاستىدا ئۇنىڭ بىر ئۇچى يۇمىلاق، يەنە بىر ئۇچى تۈز ئويمان بولۇپ، ئوققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئالىملار بەزىدە ۋىرۇسقا ئىسىم قويغاندا ئۇدۇللا ئۇنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىسىم قويىدۇ، مەسىلەن: «ئوق شەكىللىك ۋىرۇس»، «تاجىسىمان ۋىرۇس» ۋە چاققا ئوخشايدىغان «چاقلىق ۋىرۇس» قاتارلىقلار.

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

ئادەتتە غالجىرلىق ۋىرۇسى تارقىتىدىغان ھايۋانلار ئىت تۈرىدىكىلەرلا ئەمەس، غالجىرلىق كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، تىپىك ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىك، ئۆيدە باققان مۈشۈك ۋە ئىت، قوتاندا باققان ئات، كالا، قوي، ياۋا چاشقان، توشقان، شەپەرەڭ، كىرپە، تۈلكە، بۆرە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېسەل بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلار توپىدا يەنە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش بولىدۇ، ئىنسانلارنىڭ غالجىرلىق كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ كۆپىنچىسى ھايۋانلاردىن كەلگەن بولۇپ، %99تى ھايۋانلارنىڭ چىشلىۋېلىشى ياكى تاتىلاپ يارىلاندۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان، قالغان %1نىڭ بولسا ھايۋانلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يارا ئېغىزىنى يالىۋالغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئېھتىماللىقنىمۇ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا ھايۋانلارنىڭ چىشلىۋېلىشىدىن ۋە تاتىلىشىدىن ساقلىنىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەگەر يېنىڭىزدا سىزنى يالاشقا ئامراق ئىت بولسا، ئۇنداقتا بەدىنىڭىزدىكى يارا ئېغىزىنى ياخشى ئاسرىشىڭىز كېرەك.
غالجىرلىق ۋىرۇسى ئوققا ئوخشاپلا قالماستىن، ئوققا ئوخشاش جانغا زامىن بولىدۇ. ئۇ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قارىغا ئالىدۇ، مەيلى ھايۋان ياكى ئادەم بولسۇن، باشقا غالجىر ھايۋانلار ئۇنى چىشلەپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن غالجىرلىق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، ۋىرۇس ئالدى بىلەن مۇسكۇللاردا ئارام ئېلىپ، ئازراق كۆپىيىدۇ، بۇ غالجىرلىق كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، بۇ مەزگىل ئادەتتە 1 ~ 3 ئاي بولىدۇ، ۋاقتى بۇنىڭدىن ئۇزۇنراق بولغانلىرىمۇ بولىدۇ، يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى يارىلانغان ئورۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئادەتتە يارىلانغان ئورۇن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا قانچە يېقىن، قانچە زىچ بولسا، يوشۇرۇن مەزگىلنىڭ ۋاقتى شۇنچە قىسقا بولىدۇ.

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

«غالجىرلىق ۋىرۇسى»گە تاقابىل تۇرۇش
غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ۋىرۇس كۆپ ھاللاردا ئۆز ئىگىسى بىلەن تەڭ يوقىلىپ، تارقىلىش تەبىئىي ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، شۇڭا غالجىر كېسىلىنىڭ ھەر قانداق يىللاردىكى قوزغىلىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، نۇرغۇن رايونلاردا ھەتتا دائىم تەبىئىي يوقايدۇ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى»، «دۇنيا ھايۋاناتلار تەشكىلاتى»، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى» ھەمدە «دۇنيا غالجىرلىق كېسىلىنى كونترول قىلىش ئىتتىپاقى» بىرلىشىپ غالجىرلىق كېسىلىگە تاقابىل تۇرىدىغان يەر شارى بويىچە ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، نىشان 2030-يىلى يەر شارى بويىچە غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈشنى نۆلگە چۈشۈرۈش، بۇ غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەسلېكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، گەرچە ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولسىمۇ، يەنىلا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بار، تۆۋەندە غالجىرلىق كېسىلىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەيمىز.

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

ئالدى بىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان غالجىرلىق كېسىلىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى مۈشۈك ۋە ئىت، باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، مەسىلەن: شەپەرەڭدىمۇ تارقىلىش مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۆيدە بېقىلغان توخو، ئۆردەك، غاز قاتارلىق قۇشلار، دېڭىز تاشپاقىسى ۋە ئالتۇن بېلىق قاتارلىقلارغا غالجىرلىىق كېسىلى يۇقمايدۇ،

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

يارا ئېغىزى بولغان تەقدىردىمۇ بەك قورقۇپ كەتمەڭ، چۈنكى سىزنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان ياكى سىزنى مۈشۈك ئىتىڭىزنى تاتلىۋالغاندا چوقۇم غالجىر كېسىلى بولۇشى ناتايىن. ئىنسانلارنىڭ تېرىسى يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، كۆپ قىسىم ۋىرۇسلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ،
غالجىرلىق ۋىرۇسى بۇ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ، پەقەت تېرىسى يارىلانغاندىلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۈشۈك ۋە ئىت تېرىسىنى ياكى تىرنىقىنى يالاپ قويغاندا، ئىسپىرت ياكى ئاق ھاراق بىلەن سۈرتۈپ قويسا، ئاغرىق سېزىمى بولمىسا يۇقۇملىنىش خەۋپىمۇ بولمايدۇ.

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

جاراھىتىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ بەك قورقۇپ كەتمەڭ، چۈنكى سىزنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان ياكى سىزنى زەخمىلەندۈرگەن مۈشۈك ياكى ئىتنىڭ غالجىرلىق كېسىلى بولۇشى ناتايىن.
بىرىنچى، ساغلام ئىتتىن غالجىرلىق كېسىلى يۇقمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، غالجىرلىق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان مۈشۈك بىلەن ئىت بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ غالجىرلىق كېسىلى تېخى قوزغالمىغان بولسا غالجىرلىق كېسىلى يۇقمايدۇ.

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

يارىلانغاندا 15 مىنۇت ئىچىدە يارا ئېغىزىنى يۇيۇش كېرەك، بۇ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا بەزى ئاغرىقلار بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى يارا ئېغىزىنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماددىلار ۋە شۆلگەيلارنى چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن ۋىرۇسلارنى يوقىتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا بۆسۈپ كىرگەن ۋىرۇسلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

غالجىرلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندا ئۆلۈش نىسبىتى %100 بولامدۇ؟

غالجىرلىق ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەر بولغىنى ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل، ئادەتتە قىسمەن قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق يېنىك ناچار تەسىرلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەيلى ياشانغانلار، بالىلار بولسۇن، ھەتتا بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارمۇ ۋاكسىنا ئۇرغۇزسا بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى