يېمەك-ئىچمەك

كاشتان تېرىش ياۋروپالىقلارنىڭ كۈز پەسلىدىكى ئەنئەنىسى

ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئورمانلىققا بېرىپ كاشتان تېرىپ، بىر نەچچە تال قاقلاپ پىشۇرۇلغان كاشتان يېيىش كۈز پەسىلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كاشتان تېرىش ياۋروپالىقلارنىڭ كۈز پەسلىدىكى ئەنئەنىسى

فىرانسىيەلىك بالىلار ئورمانلىقتا كاشتان تېرىۋاتىدۇ.

كاشتان ئەسلىدە ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن چىقىدىغان مېۋە بولۇپ، ئىلگىرى كاشتان ياۋروپادا بەرەنگىگە ئوخشاش پۇقرالارنىڭ ئاددىي يېمەكلىكى دەپ قارىلىپ كەلگەن، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپالىقلار ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە كاشتان دەرىخىنى ئورمانلىقتىكى ناھايىتى ئاددىي بىر خىل دەرەخ دەپ قارىغان، كاشتان تىيىننىڭ مەززىلىك يېمەكلىكى بولۇپ، ناھايىتى نامرات، بولكىمۇ يېيەلمەيدىغان كىشىلەر ئورمانلىققا بېرىپ كاشتان تېرىپ قورسىقىنى تويغۇزاتتى. 16ـ ئەسىرگە كەلگەندە، بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىنىڭ ئاشپىزى قىزىقىش تۈپەيلىدىن شېكەر بىلەن قورۇلغان كاشتان تەييارلىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كاشتان ئاقسۆڭەكلەر قاتلىمىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، كاشتانمۇ بىر سەكرەپلا «نامراتلار يېمەكلىكى»دىن «ئاقسۆڭەكلەر يېمەكلىكى»گە ئۆزگەرگەن. 1882ـ يىلى شېكەر بىلەن قورۇلغان كاشتان فىرانسىيەنىڭ ئاردىش رايونىدا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە قايتىپ كەلگەن.

كاشتاننىڭ ئەسلىدىنلا سۇس تاتلىق تەمى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئىچىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىساق، كىشىلەر كاشتان يېگەندىن كېيىن ئۇزاققىچە قورسىقى ئاچمايدۇ.

ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرى ئىلگىرى بولكىمۇ يېيەلمەيدىغان نامراتلارنىڭ كۈز كەلسىلا چىرايىغا قان يۈگۈرۈشۈپ، تېنىنىڭ ساغلام بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، لېكىن سەۋەبىنى بىلەلمىگەن.

ئىلىم ـ پەن تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، بۇ سىر ئېچىلدى، ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى كاشتاننىڭ ئۈنۈمى بولۇپ، كاشتان ئادەمنى تويۇنۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ۋىتامىن B1، B2، B6، B9 يەنە ماگنىي، كالىي، مىس، مانگان قاتارلىق كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، نامراتلار يېمەكلىكى كاشتان ئاقسۆڭەكلەر يېمەكلىكى بولغان بولكىغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك.

ياۋروپالىق بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەڭ سېغىنىدىغان ئىش بولسا كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كاشتان يېگەن شۇ دەقىقىلەركەن، ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: چۈشتىن بۇرۇن ئائىلىدىكىلەر ئورمانلىققا بېرىپ كاشتان يىغدۇق، چۈشتە ئاپام پىشۇرۇپ بەردى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ مەززىلىك تەمدىن بىللە بەھرىمەن بولدۇق، بۇ بىر خىل ئالاھىدە شېرىن تەم بالىلىقىمدىن گۈزەل ئەسلىمە قالدۇردى.

تاللا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان كاشتان چوڭ بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئەكسىچە ئورمانلىققا بېرىپ كىچىككىنە ياۋا كاشتان ئىزدەشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ بىر نەچچە ياۋرونى تېجەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىرلىكتە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى