ساغلاملىق

سىز يېگەن دورىنىڭ سۈپىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن!

سىز يېگەن دورىنىڭ سۈپىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن!

دورىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن ـ ئۆزگەرمىگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

ھەممىمىزنىڭ ئۆيىدە دورا ساندۇقى بار، ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا كۈندىلىك دورا ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەمما دورىنىڭ تەركىبىدە خىمىيەلىك ماددىلار بولغاچقا، ئاسانلا ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىز چوقۇم قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

بەزى دورىلار سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، نۇرغۇن كىشىلەر دورىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرسە سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، لېكىن بەزى دورىلارنىڭ ئاغزى ئېچىلغان ھامان، سۈپەت كاپالەت مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. بەزى ئاغزى ئېچىلمىغان دورىلار مۇھىتتىكى تېمپېراتۇرا، نەملىك، يورۇقلۇق قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ياكى ئوراش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، يەنىلا ئاددىي تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز زۆرۈر.

سىز يېگەن دورىنىڭ سۈپىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن!

دورىدا تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، سۈپىتى ئۆزگەرگەنلېكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دورىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن ـ ئۆزگەرمىگەنلېكىنى كۆزىتىشتە، ئاساسلىقى رەڭگى، خۇسۇسىيىتى، پۇرىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆزىتىش كېرەك.

دورىدا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن:

دورىنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولسا، چۈشەندۈرۈشى بىلەن ماس كەلمىسە؛

دورا كۆپۈپ قالغان ياكى شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە؛

دورىنىڭ سىرتقى يۈزى چاپلىشىپ، بۇزۇلۇپ، ھەتتا ئېقىپ چىقىپ قالغان بولسا؛

دورىدا كىر، داغ ياكى غەيرىي پۇراق پەيدا بولسا.

دانچە دورىغا نىسبەتەن، كاللەكلىشىش، سىم تارتىلغاندەك ئەھۋالنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى كۆزىتىش كېرەك؛

شېكەر قىيامى قاتارلىق سۇيۇقلۇق ياسالمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاللەكلىشىش، توزغاقسىمان نەرسىلەر ياكى دۇغ چۆكمە پەيدا بولسا، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

سۈپىتى ئۆزگەرگەن دورىلار، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىشنىڭ قانداق يوشۇرۇن خەۋپى بار؟

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئاشقازان ـ ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ھەتتا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ـ ئۈچەي ياللۇغى، پۈتۈن بەدەن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

نۇرغۇن دورىلار ئەسلىدىنلا خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، يېمەكلىككە سېلىشتۇرغاندا، سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ، دورا سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى، سۈمۈرۈلۈپ بەدەنگە تارقىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا زەھەرلىنىش ۋە پۈتۈن بەدەندىكى كۆپ ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ دورا ساندۇقىنى ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشىنى، دورىنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى تەكشۈرگەندىن باشقا، يەنە دورىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگەرگەن ـ ئۆزگەرمىگەنلېكىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى