تەبىئەت

ۋاپاسىز قوشماق ئۆردەك

ۋاپاسىز قوشماق ئۆردەك

ئەگەر بىر خىل قۇشنى تاللاپ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى نەمۇنىلىك ئەر – ئاياللارنى سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە، قوشماق ئۆردەك بۇ نامزاتلىققا تاللىنالايدۇ.

ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە كىشىلەرنىڭ ئامراق ئەر – ئاياللارنى قوشماق ئۆردەككە ئوخشاتقانلىقىغا دائىر تەسۋىرلەر بار، بىز كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراپ تۇرىدىغان جۈپ – جۈپ نەرسىلەرنىمۇ قوشماق ئۆردەككە ئوخشىتىۋالىدىغانلىىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدىب سۈي باۋنىڭ «قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئىشلارغا شەرھ. قۇشلار ۋە ھايۋانلار ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «قوشماق ئۆردەك سۇ قۇشى، قۇش تۈرىگە مەنسۇپ. ئەركەك – چىشىسى بىر – بىرىدىن ئايرىلماي ياشايدۇ، ئەگەر ئادەملەر ئۇلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كەتسە يەنە بىرى تەشنالىقتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇڭا قەدىمدە جۈپ قۇش دەپ ئاتالغان».

 

ۋاپاسىز قوشماق ئۆردەك

قوشماق ئۆردەك ھەقىقەتەن جۈپ – جۈپى بىلەن ياشايدۇ، يالغۇز يۈرگىنى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار قوشماق دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك، ئەمما ئەمەلىيەت راستىنلا مۇشۇنداقمۇ؟

جۈپ -جۈپ يۈرۈيدىغان ئەركەك قوشماق ئۆردەكلەر

ئەمەلىيەتتە، قوشماق ئۆردەك ئەڭ دەسلەپتە ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئامراقلىقنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلگەن بولماستىن، پەقەت نەرسىلەرنىڭ جۈپلېكىنى سۈپەتلەشكىلا قارىتىلغان. ھالبۇكى، جۈپ نەرسىلەر پەقەت ئەر – ئاياللارلا ئەمەس. كۆپ ھاللاردا قوشماق ئۆردەك ئارقىلىق قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرىبانلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر قىزىقارلىق ماس كېلىپ قېلىش بار: مەسىلەن، مەيلى ئۆتمۈش ياكى ھازىر بولسۇن، ھەر خىل رەسىملەردە بىر جۈپ قوشماق ئۆردەك سىزىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئەركەك – چىشى ئەمەس، بەلكى ئىككى ئەركەك قوشماق ئۆردەك. بۇ، كىشىلەرنىڭ ئاڭسىز ھالدا چىشى قوشماق ئۆردەك ئانچە چىرايلىق بولمىغاچقا، پەقەت چىرايلىق ئىككى ئەركەك قوشماق ئۆردەكلا بىر – بىرىگە ئەڭ ياخشى ماس كېلىدۇ دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان.

ئەلۋەتتە، رېئال تۇرمۇشتا جۈپ – جۈپى بىلەن يۈرۈيدىغان قوشماق ئۆردەكلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەركەك بولۇشى ناتايىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، قوشماق ئۆردەكتىن ئىبارەت بۇ تۈرنىڭ ئاللىقاچان نەسل قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قەدىمكېلەر گەرچە قوشماق ئۆردەكنىڭ دائىملا جۈپ – جۈپى بىلەن يۈرىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار قوشماق ئۆردەكنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئانچە چۈشەنمىگەن.

قەدىمكېلەر يەنە جۈپ – جۈپى بىلەن يۈرۈشكەن قوشماق ئۆردەكلەر ئارىسىدىكى ئەركەك قوشماق ئۆردەكنىڭ يېنىدىكى ھەمراھىنى نەچچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ بولغانلىقىنىمۇ بايقىيالمىغان.

بۇنى دەۋرنىڭ چەكلىمىسىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. كىشىلەر پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپلا ئۆز ئالدىغا قوشماق ئۆردەكنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر جۈپلەردىن ئىكەنلىكىدەك رىۋايەتنى توقۇپ چىقىرىشقان.

بەلكى، قەدىمكېلەر قوشماق ئۆردەكنىڭ ئەشۇ چىرايلىق پەيلىرىنىڭ زادىلا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەسلېكىنىمۇ بىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چىرايلىق پەيلەر گەرچە جۆرىسىنى تېخىمۇ ياخشى جەلىپ قىلالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جەلىپ قىلىدىغىنى پەقەت جۆرىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە كۈشەندىسىدۇر. شۇڭلاشقا كۆپىيىش مەزگىلى ئاياقلاشقان ھامان قوشماق ئۆردەكنىڭ چىرايلىق پەيلىرىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغاچقا، چىرايلىق پەيلىرىنى كۆرۈمسىز پەيگە ئالماشتۇرىدۇ. گەرچە كۈلرەڭ پەيلەر بەكلا كۆرۈمسىز بولسىمۇ، ئەمما ئەركەك قوشماق ئۆردەكنىڭ تەبىئىي مۇھىت ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئۆزىنى كۈشەندىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىشىغا پايدىلىق.

ئەركەك قوشماق ئۆردەكنىڭ پەي ئالماشتۇرۇشى، پەقەت ئۇنىڭ كۈشەندىسىنىلا قايمۇقتۇرۇپ قويماستىن، بەلكى يەنە ئۇنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرۈدىغان ئادەملەرنىڭمۇ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە پەقەت ئەشۇ چىرايلىق ئەركەك قوشماق ئۆردەك بىلەن سەل سەترەك چىشى قوشماق ئۆردەكنىڭ دائىم بىر جۈپ بولۇپ ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىلا ساقلانغان بولۇپ، پەي ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يالغۇز يۈرگەن ئەركەك قوشماق ئۆردەكنىڭ سىماسى ساقلىنىپ قالمىغان.

قەدىمكېلەرنىڭ خاتا كۆرۈپ قالغىنى پەقەت قوشماق ئۆردەكلا ئەمەس، كۆپ ساندىكى قۇشلارنى ساداقەتمەنلىكنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ، مەسىلەن ئاققۇ، ياۋا غاز، سېغىنغاق قۇش قاتارلىقلار. بىراق قۇشلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، ئالىملار قەدىمكېلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتا تونۇشىنىڭ ئاز ئەمەسلېكىنى بايقىغان. قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتى ئادەملەرنىڭكىدىنمۇ بەكرەك قالايمىقان ئىكەن.

ياۋا غازنىڭ جۈپلىشىپ بىللە ئۆتۈش مەزگىلى ئاران يېرىم يىللا داۋاملىشىدۇ. ئۇلار قىش كېتىپ زېمىن ئىللىغاندا جۈپلىشىپ بىللە ياشايدۇ، ئاندىن باھار كەلگەندە جۈپ – جۈپى بىلەن كۆپىيىدىغان جايغا قايتىپ تۇخۇملايدۇ. چۆجىسى چىققاندىن كېيىن ئەركەك – چىشى ئىككىلىسى بىللە چۆجىلىرىنى باقىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە بىرى ساداقەتمەنلېكىنى يوقىتىدۇ.

ياز ئاخىرلىشىپ قۇش چۆجىسى چوڭ بولغاندىن كېيىن، ياۋا غاز بەزىدە بىللە بەزىدە ئايرىلىپ ياشايدۇ. كېيىنكى يىلى قىشتا تەشكىللەنگەن ياۋا غاز ئائىلىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ئەزاسى ئالمىشىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ ھەرگىزمۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق جۈپتى ئۆلۈپ كەتسە يەنە بىرسىمۇ ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋاپادار جانلىق ئەمەس.

ئىنسانلار ئاققۇنىمۇ خاتا ھالدا ساداقەتمەنلىكنىڭ سىمۋولى قىلىۋالغان. ئاققۇ كۆپىيىش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان قۇش، بۇنداق ئەھۋالدا ھەر يىلى بىر قېتىم يېڭىدىن جۆرە تېپىش ئىنتايىن ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاققۇلار ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە ئادەتتە يەنىلا ئەسلىدىكى جۈپلۈك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا جۆرە ئىزدەشكە كېتىدىغان نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

 

ۋاپاسىز قوشماق ئۆردەك

بىراق ئاققۇمۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق جۆرىسى ئۆلۈپ كەتسە ئۈچ يىل ساقلايدىغان قۇش ئەمەس. ئەگەر جۆرىسى ئۆلۈپ قالسا ئۇلار ھەرگىزمۇ يەككە يىگانە ياشىماستىن دەرھال يېڭىدىن جۆرە تاپىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن گېن تارقىتىش ئۇلارنىڭ ياشاشتىكى ئاخىرقى مەقسىتى. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئاققۇلار ئۆزىنىڭ جۈپلۈك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىۋەرمەيدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىر يىل ئىچىدە سۆگەل بۇرۇن ئاققۇلارنىڭ %5ى جۈپتىدىن ئايرىلىپ كېتىدىكەن.

 

ۋاپاسىز قوشماق ئۆردەك

ئىلگىرى كىشىلەر مۇتلەق كۆپ ساندىكى قۇشلارنى ساداقەتمەن بىر جۈپلەر دەپ قارايتتى. ئەمدىلىكتە كىشىلەر كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ جۈپلۈك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا باشقىلار بىلەن يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىدىغان ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى. بىرمۇنچە كىچىك تىپتىكى قۇچقاچسىمانلار ئەترىتىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنداق يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىكەن، مەسىلەن سېغىنغاق قۇش. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، يولدىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى ئەڭ ئېغىر بولىدىغان كىچىك قۇشلار ئارىسىدا چىشى قومۇشلۇق سېرىق چومچۇقىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ %93نىڭ كەم دېگەندە بىردىن بالىسى باشقا ئەركەك قۇشتىن بولغانىكەن.

ۋاپاسىز، جۈپلىشىپ بولۇپلا ھېچنېمىگە قارىماي كېتىپ قالىدىغان قوشماق ئۆردەككە سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرىقى بىرنەچچە خىل قۇش يەنىلا ۋاپادار ھېسابلىنىدۇ.

ھەر يىلى 4- ئايلار قوشماق ئۆردەكنىڭ جۈپلىشىش مەزگىلى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار توپلىشىپ ياشايدۇ. 4- ئاي يېتىپ كەلگەندە تارقىلىپ كېتىپ جۈپلىرى بىلەن ياشايدۇ. ئەمما بۇنداق بەختلىك كۈنلەر تەخمىنەن بىر ئايچە داۋاملىشىدۇ، 5- ئايغا كەلگەندە جۈپلىشىش ئاياقلىشىپ، ئەركەك قوشماق ئۆردەك پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالىدۇ، چاڭگا تىزىش، تۇخۇم بېسىش، بالا بېقىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى چىشى قوشماق ئۆردەككە قالىدۇ.

بۇ بىر ئايدا يۈرۈش – تۇرۇشتا بىللە بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەركەك قوشماق ئۆردەكنى جۆرىسىگە بولغان ئامراقلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ئايرىلماي يۈردى دېگىلى بولمايدۇ. قۇشلارنىڭ ئادىتىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلماي يۈرۈشى ئامراقلىقىدىن دېگەندىن كۆرە، ئەركەك قوشماق ئۆردەكنىڭ چىشى قوشماق ئۆردەكنى باشقىلار بىلەن يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىۋېلىشىدىن توسۇش ئۈچۈن دېگەن تۈزۈك. تەبىئەت دۇنياسىدا بۇنداق قىلىدىغان قۇشلار خېلىلا كۆپ.

 

ۋاپاسىز قوشماق ئۆردەك

مۇتلەق كۆپ ساندىكى قۇشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنسانلار يەنىلا ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپتۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى