تەبىئەت

قۇشلار ئىنسانلارغا سېتىلدى، قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈردى

يېقىندا خەلقئارالىق داڭلىق ژۇرنال «گېئولوگىيە ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئىنسانلارنىڭ نامۇۋاپىق پائالىيىتى ۋە خىلمۇخىل سەۋەبلەر يەر شارىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئالتىنچى قېتىملىق جانلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقىلىشىنى دۇچار قىلىدۇ». ئىنسانلار بىلەن ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخىدا، ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلار ئاڭلىق ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىراق، مەن موزامبىكتا كۈتۈلمىگەندە بىر خىل ئاجايىپ قۇش تۈرى ــ قارا بوغۇز شىرنىخور (黑喉响蜜鴷)نى بايقىدىم، ئۇ ھېچقانداق كۆندۈرۈش ۋە مەشىقسىزمۇ كىشىلەرنىڭ ھەسەل ئىزدىشىگە يېتەكلىيەلەيدىغان بولۇپ، بۇ «ئادەم بىلەن قۇش ھەمكارلىشىش»نىڭ ئۆزگىچە ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.

قۇشلار ئىنسانلارغا سېتىلدى، قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈردى

قارا بوغۇز شىرنىخور سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى شالاڭ ئورمانلىقتا ياشايدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 50 گىرام كېلىدۇ، بوغۇزىدا بىر قارا داغ بار. ئۇ ئادەتتە ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، تاتلىق سېرىق موم ئۇلارنىڭ تاماق رىسالىسىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل قورۇما ھېسابلىنىدۇ. قارا بوغۇز شىرنىخور ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ياۋا ھەرىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ بىر خىل ئۆزگىچە ماھارەتنى يېتىلدۈرىدۇ، يەنى ھەرە كۆنىكىنى بايقىغاندا، چىرقىراپلا ھەسەل يېيىشكە ئامراق ھەسەلخور بورسۇقنى جەلپ قىلىپ ھەرە كۆنىكىگە باشلاپ كېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەسەلخور بورسۇق قورسىقىنى ئەستەرلەپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان ھەسەل، ھەرە مومى ۋە ھەرە قورچىقىنى قارا بوغۇز شىرنىخور ئۆزىنىڭ ئېسىل مەززىلىك تامىقىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ.

قۇشلار ئىنسانلارغا سېتىلدى، قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈردى

(سۈرەتتە: قارا بوغۇز شىرنىخور)

ئاچكۆز قارا بوغۇز ھەسەلخورغا ناھايتى ئېنىقكى، ئۇ سېرىق موم يېگەندىلا ئاندىن ئىنسانلارغا ئەڭ قابىل ياردەمچى بولالايدۇ. موزامبىكنىڭ نىياسسا دۆلەت مۇھاپىزەت رايونىدا، يەرلىك مىللەتتىن بولغان ئورلاندوغا ئەگىشىپ، كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان «ھەسەل ئوۋلاش» كەچمىشىنى باشتىن كەچۈردۈم. ئورلاندو ھەمراھلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن ئورمانلىققا ماڭغاچ بىر تەرەپتىن قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازلارنى چىقاردى، تەخمىنەن 25 مىنۇتتىن كېيىن، يىراقتىن قۇشلارنىڭ جاراڭلىق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. «بىر قارا بوغۇز شىرنىخور سايراشلىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇردى!» دېدى ئورلاندو ھاياجانلانغان ھالدا، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىچىك قۇش بىلەن داۋاملىق ئىسقىرتقان ۋە غىچىرلىغان ئاۋاز ئارقىلىق سۆزلەشتى. قۇشلار دەرەخ شېخىدىن چۈشۈپ، يەنە بىر ئورمانلىققا قاراپ ئۇچتى، ئورلاندو قۇشلارغا ئەگىشىپ تېز ئىلگىرىلىدۇ. تەخمىنەن 800 مېتىر ماڭغاندىن كېيىن، بۇ قارا بوغۇز شىرنىخور تۇيۇقسىز دەرەخ شېخىدا توختاپلا سايراپ كەتتى، ئورلاندو ھەمراھلىرى بىلەن ئەتراپنى تەكشۈرۈپ، ئاخىرى دەرەخ غولىدىن ناھايىتى يوشۇرۇن بىر ھەرە كۆنىكىنى تاپتى.

ئورلاندو دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ماي ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوت ياقتى، ياۋا ھەرە ئىس-تۈتەككە بەرداشلىق بېرەلمەي، نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇچۇپ كېتىشتى. ئورلاندو پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چوڭ بىر پارچە سېرىق موم كېسىپ، ئېزىپ ئىچىدىكى ھەسەلنى ئەينەك قۇتىغا قاچىلىدى. بىز خۇش پۇراق ھەسەلنى تېتىپ باققان چېغىمىزدا ھەممىزنىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى ئەكس ئەتتى. ئورلاندو مۇنداق دېدى: «مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەسەلگە ئېرىشىشتە، قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ، ئۇ خۇددى پىشقان يول باشلىغۇچىغا ئوخشاش كۆپچىلىكنى ھەسەل مەنبەسىنى ئىزدەشكە يېتەكلەيدۇ». بىز ئۇنىڭغا ئېزىلگەن سېرىق مومنى يەرگە چېچىپ بېرىپ مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق، قارا بوغۇز شىرنىخور مەغرۇرلۇق بىلەن ئۇچۇپ چۈشتى.

مەن كېيىن تورغا چىقىپ قارا بوغۇز شىرنىخور ھەققىدە ماتېرىيالىنى ئاختۇرۇپ، بىردىنلا ئۇنىڭ لاتىنچە ئاتىلىشىنىڭ «يېتەكچى» مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى، ئىنگلىزچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق «ھەسەل يېتەكچىسى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

قۇشلار ئىنسانلارغا سېتىلدى، قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈردى

قارا بوغۇز شىرنىخور بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى ئورناتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولدى، تارىختا يېزىق ئارقىلىق «قۇش بىلەن ئادەمنىڭ ھەسەل ئوۋلاش» مەنزىرىسى تۇنجى قېتىم پورتۇگالىيەلىك بىر زىيالىينىڭ 1588-يىلىدىكى ئەسىرىدە كۆرۈلگەن، ئۇ ئەسىرىدە پورتۇگالىيەگە تەۋە شەرقىي ئافرىقا (ھازىرقى موزامبىك)دا كۆزەتكەنلىرىنى خاتىرىلىگەن. ئالىملارنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئىنسانلار ئوت ئىشلىتىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ خىل ھەمكارلىق ئەندىزىسى بارلىققا كەلگەن.

قارا بوغۇز شىرنىخور شۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىكى يول باشلىغۇچى، بىراق ئۇ ئۇۋا ياساپ تۇخۇم بېسىشنى بىلمەيدۇ، بالا قۇشلارنى بېقىشنىمۇ خالىمايدۇ. ھايۋانات ئىلمى ئالىملىرى يېقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سىرىنى ئېچىپ بەرگەن. شۇ جايدىكى كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخور (绿喉蜂虎) باش چۆكۈرۈپ تاغ جىنسلىرىغا كىرىپ ئۆڭكۈر كولاپ ئۇۋا ياسىغاندا، ئورلاندو ماڭا دەرەخلەردە يوشۇرۇن كۆزىتىۋاتقان چىشى قارا بوغۇز شىرنىخورنى كۆرسەتتى. بىر جۈپ كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخور ئۇۋىسىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قارا بوغۇز شىرنىخور تۇيۇقسىز توپا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇ تۇخۇمنى ئوغرىلىقچە باشقىلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇغىدىكەن. ئورلاندونىڭ ئېيتىشىچە، قارا بوغۇز شىرنىخور ئادەتتە كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخورغا قارىغاندا تۇخۇمدىن بالدۇر چىقىدىغان بولۇپ، بالدۇر ئوزۇقلىنىدىكەن. كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخور چۈجىلىرى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، قارا بوغۇز شىرنىخور چۈجىلىلىرى قىلچە پەرۋاسىز ئۆزىدىن كېيىن تۇخۇمدىن چىققان كىچىك چۈجىلەرنى چوقۇلايدىكەن، ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخور چۈجىلىرىنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك كۈچى بولمىغاچقا، ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

قۇشلار ئىنسانلارغا سېتىلدى، قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈردى

(سۈرەتتە: كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخور)

ئالىملار تۇپراق ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇن تېلېكامېرا ئورنىتىپ، قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلغان، نەتىجە ئۇلارنىڭ قىياسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان: كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخور تۇپراق ئۆڭكۈرىدىكى قاراڭغۇ مۇھىتتا ئۇ تۇخۇملارنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكتىن، قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ ئورنىدا چۈجىلەرنى تۇخۇمدىن چىقىرىدۇ. قارا بوغۇز شىرنىخور باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا ئىلمىكى بار بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقا چۈجىلەرنى يوشۇرۇنچە تېز سۈرئەتتە چوقۇلاپ ئۆلتۈرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇ «باچكا قاتىلى» دەپ ئاتالغان. ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ باققۇچىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىنى-سىڭىللىرىنى بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدىكى ئىلمەكمۇ ئاستا-ئاستا يوقىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ خىل غەلىتە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قارا بوغۇز شىرنىخور كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ بارلىق غەمخورلۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىكى «يول باشلىغۇچى»غا ئايلىنىدۇ.

ئورلاندونىڭ ئېيتىشىچە، قارا بوغۇز شىرنىخور كۆك بوغۇزلۇق ھەرىخوردىن باشقا، تاغىل بېلىقئالغۇچ كۆكتارغاق (斑鱼狗翠鸟) ۋە قارلىغاچلارنىڭ ئۇۋىسىنىمۇ دائىم بېسىۋالىدىكەن. گەرچە ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىسا ئادەمنى «تىترەك بېسىپ» كەتسىمۇ، ئەمما بۇ چوقۇم «يول باشلىغۇچى»نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە بېسىپ ئۆتىدىغان بىر مەنزىلدۇر. بۇنىڭغا قارىتا، كۆپ ساندىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئىنسانلار قارا بوغۇز شىرنىخورنىىڭ رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەسەل ئوۋلاشتىن ۋاز كەچسە، بۇ ئىنسانلارغا «مۆلچەرلىگۈسىز» زىيان تۇغدۇرىدىكەن.

قۇشلار ئىنسانلارغا سېتىلدى، قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈردى

قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە، ئۇ ئىزچىل ئافرىقىدىكى نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ھەمدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئادەم بىلەن قۇشنىڭ بىرلىشىپ ھەسەل ئوۋلاش» ئۈنۈمىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولغان، قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كىشىلەر ھەسەل ئىزدەشنىڭ %75 مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئارزۇلاشتى. ئەمما بىر بوۋاي ماڭا، ھەسەلنى تاپقاندىن كېيىن ئۇلارغا زىياپەت بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى، «بولمىسا قارا بوغۇز شىرنىخور كېيىن ئۆچ ئېلىپ، ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال سادىر قىلىدۇ». بۇنىڭدىن باشقا، قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ باققۇچى ئائىلىدىكىلىرىنىڭ تەقدىرىمۇ ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ئەگەر چىشى قۇشنىڭ تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتى بەك كېيىن بولۇپ قالسا، قارا بوغۇز شىرنىخور تۇخۇمدىن چىققان چاغدا باشقا كىچىك قۇشلار ئالدىن يېتىلىپ بولغان بولىدۇ، گەرچە ئۇ ناھايتى ئۇرۇشقاق بولسىمۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان «ئاكا-ھەدىلىرى» ئالدىدا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن باشقا تاللىشى بولمايدۇ.

ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەسەل ئىزدىشىگە باشلامچىلىق قىلالىغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچە داڭق چىقارغان، قارا بوغۇز شىرنىخور كېنىيە ۋە بوتسۋانانىڭ پوچتا ماركىلىرىغا چىقتى. زىمبابۋېدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپى، تانزانىيەدىكى بىر ساياھەت فوندى جەمئىيىتى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر دالا قونالغۇسى قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ ئىسمىنى ئىشلەتكەن. ھەتتا شۇ جايدىكى سېرىق موم مەلھەملىرى، ھەرە يېلىمى تېمىتىش دورىسى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارمۇ قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ ئىسمى بىلەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە قارا بوغۇز شىرنىخورنىڭ ئافرىقىدىكى قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى